يىغىن مەيدانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن مۇھاپىزەت كۈنلۈكى
0
2019-06-14 20:12:00
|
مەنبەسى:
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى يىچۈن شەھىرى شىلىن رايونىنىڭ سابىق باشلىقى ۋۇ جىنچېڭ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ «كونا شېرىكى»، رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جاڭ گېڭلىمۇ يېقىندا خىزمەتتىن ۋە پارتىيەدىن ھەيدەلدى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بۇ ئىككىيلەن «زومىگەر» چەي شىۋېنغا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولغان، ھەمدە 40 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ دېلوغا چېتىلىشىغا سەۋەبچى بولغان.

مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، شۇ جايدا ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىلغاندا، چەي شىۋېنگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بىر فۇنكىسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۇ يىغىن مەيدانىدىلا ئېلىپ كېتىلىپ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان.

جاڭ گېڭلى

6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، جاڭ گېڭلىنىڭ خىزمەتتىن ۋە پارتىيەدىن ھەيدەلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جاڭ گېڭلى نۇرغۇن پۇل ۋە مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، شەخسىي شىركەتلەرگە پاي قوشۇپ تاپاۋەتكە ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۆي-مۈلكىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە چەي شىۋېن باشچىلىقىدىكى قارا، رەزىل كۈچ جىنايەت شايكىسىغا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولغان.

چەي شىۋېن دېگەن كىم؟ يىچۈن شەھىرىنىڭ شىلىن رايونىدا، ئۇ داڭلىق «زومىگەر» ھېسابلىنىدۇ. 2006-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ باشچىلىقىدىكى قارا، رەزىل كۈچ جىنايەت شايكىسى، قاقتى-سوقتى قىلىش، ئۇستىلىق بىلەن بۇلاپ تالاش، ئەمەلدارلار ۋە سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش قاتارلىق كۆپ قانۇنسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، زور مىقداردا قانۇنسىز مال-مۈلۈك توپلىغان، كەسپى ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى ئېچىش، كان ئېچىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تىجارىتى قاتارلىق ساھەلەرگىچە چېتىلغان.

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، مەزكۇر قارا، رەزىل كۈچ جىنايەت شايكىسى يىچۈن شەھەرلىك ج خ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئوڭۇشلۇق بىتچىت قىلىنىپ، چەي شىۋېن ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان.

«زومىگەر»نىڭ كۈچىيىشىنىڭ كەينىدە، چوقۇم «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، بۇ قېتىم خىزمەتتىن ۋە پارتىيەدىن ھەيدەلگەن جاڭ گېڭلى 2010-يىلىنىڭ بېشىدىن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىلىن رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، كېيىن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكەلگەن.

بىر چەي شىۋېن، يالغۇز جاڭ گېڭلىنىلا باشلاپ چىقىپ قالماي، يەنە جاڭ گېڭلىنىڭ كونا شېرىكى – شىلىن رايونىنىڭ سابىق باشلىقى ۋۇ جىنچېڭنىمۇ باشلاپ چىققان. مەزكۇر جىنايەت شايكىسى بىتچىت قىلىنىشتىن بۇرۇنلا، يەنى 2018-يىلى 9-ئايدا، بىرەيلەن ۋۇ جىنچېڭنىڭ قانۇن ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى ئۇنىڭ يەنە قارا، رەزىل كۈچلەر بىلەنمۇ زىچ ئالاقىسى بارلىقىنى بايقاپ، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەشنى قارار قىلغان.

ۋۇ جىنچېڭ

يىچۈن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 2006-يىلىدىن 2016-يىلغىچە، ۋۇ جىنچېڭ رايون باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مەزگىلىدە، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ چەي شىۋېننىڭ ئۆي-مۈلۈك ئېچىش شىركىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ 96 تۈر قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىشىغا ياردەملەشكەن، ھەمدە بىر قىسىم شەھەرلىك ھۆكۈمەت تۈرلىرىنىمۇ ئۇنىڭغا ھۆددىگە بەرگەن. يەنە ھەقلەرنى خالىغانچە كېمەيتكەن، كەچۈرۈم قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئىككەيلەن بىرلىشىپ دۆلەتنىڭ بەش مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

يۇقىرىقىدەك بىرلىشىش ئارقىلىق، ۋۇ جىنچېڭ چەي شىۋېندىن جەمئىي 1 مىليون 360 مىڭ يۈەن پۇل ۋە ئۈچ دانە ئالتۇن تاياقچە ئالغان، ھەمدە 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك قۇرۇلۇشنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، چەي شىۋېن ئارقىلىق نەق پۇلغا ئايلاندۇرغان. باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، 300 مىڭ يۈەننى يۇقىرىغا تاپشۇرۇپ، قالغانلىرىنى ھەممىسىنى ۋۇ جىنچېڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان.

سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىقىمۇ لاي بولىدۇ، رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، رايون باشلىقى بىرلا ۋاقىتتا چەي شىۋېن جىنايەت شايكىسىنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولغانلىقتىن، بىر قىسىم ج خ، تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى، بانكا قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارمۇ يۆلەنچۈكۈم بار دەپ غەم قىلمىغان.

مەسىلەن شىلىن شەھەرلىك ج خ تارماق ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى گۈەن خې، چەي شىۋېن كىنىشكىسىز كان ئاچقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يەنىلا كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوت سانائىتى بۇيۇملىرىنى تەستىقلاپ بەرگەن. رايونلۇق بايلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى جوۋ ۋېيمۇ، چەي شىۋېننىڭ زور مىقداردا قۇرۇلۇش تۈرى ئېلىشىغا ياردەم بەرگەن.

مەزكۇر جىنايەت شايكىسى بىتچىت قىلىنىپ بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىلىن رايونى رەھبىرىي كادىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، قارا گۇرۇھقا زەربە بېرىش ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بىر فۇنكىسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى شۇ يىغىن مەيدانىلا ئېلىپ كېتىپ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇرغان.

بۇ يىل 2-ئايغىچە، يەرلىكتىكى دېلوغا چېتىشلىق 40 نەپەر پارتىيەلىك كادىر ۋە خىزمەتچى خادىملاردىن 23 ئادەم ئاكتىپلىق بىلەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەپتىش ئورۇنلىرى «قوغداش كۈنلۈكى» بولۇشقا چېتىشلىق يەتتە نەپەر پارتىيەلىك كادىرنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، ئىككى نەپەر سىياسىي قانۇن ساقچىسىنى مەمۇرى تەپتىش قىلىپ تەكشۈرگەن.

 

1124620176_1560433286789_title0h.jpg
1124619533_15604333468691n.jpg