قاچقۇن جىنايەتچى 23 يىل ئۆمرىنى شىنجاڭدا مۇنداق ئۆتكۈزدى
0
2019-06-14 20:17:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

23 يىل بۇرۇن، قاماقخانىدىن ئورەك كولاپ قېچىپ چىقىپ، پويىزغا ئېسىلىپ، شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ، بۇلاڭچىدىن پاختا تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان «قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرا» بولىۋالماقچى بولغان. لېكىن قانۇن تورىدىن ھېچكىمنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئويلىمىغان.

2018-يىلى، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك ج خ سىستېمىسى، بىر قېتىملىق توردا قوغلاپ تۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۈيۈك مەلۇماتتا ئادەم سۈرىتىنى سېلىشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق، بۇلاڭچىلىق جىنايىتىگە چېتىلىپ قېچىپ يۈرگىنىگە 23 يىل بولغان جىنايەت گۇماندارى لى چاڭخوڭنى تاپقان.

جىنايەت گۇماندارى بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، جازالىنىشتىن قېچىش ئۈچۈن ئورەك كولاپ تۈرمىدىن قېچىپ چىققان

1993-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى چاڭخوڭ، لياڭ XX، جېڭ XX لار بىلەن بىللە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شى XX نىڭ دۇكىنىغا كىرىپ، قوشئاتار ئوۋ مىلتىقى بىلەن شى XX كە تەھدىت سېلىپ، مىڭ يۈەن نەق پۇل، 17000 يۈەن قىممىتىدىكى لىڭمۇۋاڭ ماركىلىق موتوسېكلىتنى بۇلاپ كەتكەن.

لى چاڭخوڭ 1994-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇتۇلغان. بۇلاڭچىلىق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىشقا تەستىقلانغان، 1994-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئەنياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئۇنى قولغا ئالغان.

ئەنياڭ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماپ تۇرۇۇش جەريانىدا، لى چاڭخوڭ جازالىنىشتىن قېچىش ئۈچۈن، بىر ياتاقتىكى جېڭ XX، خې XX، لۇ XX بىلەن ئورەك كولاپ قېچىپ كېتىشنى مەسلىھەتلەشكەن. تۆتەيلەن مەخپىي ھالدا ئورەك كولاپ، 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئورەكنى قاماقخانا سىرتىغىچە تۇتاشتۇرۇپ قېچىپ كەتكەن.

23 يىللىق قېچىش ھاياتىدا، شىنجاڭدا يۈك كۆتۈرگەن، لايخور بېلىق ساتقان، پاختا تېرىغان

قاماقخانىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، لى چاڭخوڭ پويىزغا ئېسىلىپ شىنجاڭ تۇرپان داخېيەن رايونىغا كەلگەن. يېنىدا پۇل بولمىغانلىقتىن، ئاۋۋال پويىز ئىستانسىسىدا يۈك كۆتۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلغان.

تۆت ئايدىن كېيىن، لى چاڭخوڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دېھقانچىلىق ئۈچىنچى شى 49-تۈەنگە كېلىپ يەر تېرىغان. سالاھىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، قايتىدىن نوپۇس بېجىرگەن. ئۇ چاغلاردا نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى بوش بولغانلىقتىن، ھەمدە نوپۇس ئۇچۇرىمۇ تورلاشتۇرۇلمىغانلىقتىن، لى چاڭخوڭ ئىسمىنى ئىنتايىن ئاسانلا چى ليەنشېڭغا ئۆزگەرتىۋېلىپ، تاكى تۇتۇلغۇچە مۇشۇ ئىسىمنى قوللىنىپ كەلگەن.

كېيىن، ئۇ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىگە بېرىپ يەر تېرىغان، خوتەن شەھىرىگە بېرىپ توخۇ پۇتى سېتىش، لايخور بېلىق بېقىپ سېتىش قاتارلىق تىجارەتلەرنى قىلغان. خوتەندە 15 يىل ياشىغاندىن كېيىن، لى چاڭخوڭ سىچۇەنلىك ئايال لو X بىلەن تونۇشۇپ ئائىلە قۇرغان. 2019-يىلى 4-ئايدا، لى چاڭخوڭ بىلەن لو X ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ پاختا تېرىش، چارۋا بېقىش قاتارلىق سودىلار بىلەن شۇغۇللانغان.

قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا سەرگەردانلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، لى چاڭخوڭ ئاخىرى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، تىنچ، «خاتىرجەم، قانۇنغا بويسۇنۇپ» كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. خۇددى ئۆتمۈشتىكى ھەممە ئىشلار يىللارنىڭ چاڭ توزانلىرىدا ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك، ھېچكىم ئەسلىمەيدىغاندەك ياشاشقا باشلىغان.

قانۇن تورىدىن ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ، بۈيۈك مەلۇماتتا ئادەم سۈرىتىنى سېلىشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى بېكىتىلگەن

2018-يىلى، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، ئۇزۇن يىل قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى مەركەزلىك قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. گەرچە قېچىپ 23 يىل ئۆتۈپ، قارا چاچلار ئاقارغان، يۈزلىرىگە قورۇق چۈشكەن بولسىمۇ، لى چاڭخوڭ ئاخىرى يەنىلا ئەنياڭ ساقچىلىرىنىڭ بۈيۈك مەلۇماتتا ئادەم سۈرىتىنى سېلىشتۇرۇش تېخنىكىسى ئاستىدا ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلىغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۇ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن.

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق ئىدارىسى رازۋېدكا قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، لى چاڭخوڭنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى، قېچىپ كېتىش جىنايىتى بىلەن خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى بېيگۈەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە يۆتكەپ بەرگەن. بېيگۈەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، لى چاڭخوڭنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى، قېچىپ كېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.

تەپتىش ئەمەلدارى دەل جازا ئۆلچەش تەكلىپى بەرگەن، لى چاڭخوڭغا ئاخىرىدا ئون يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن

مەزكۇر دېلونى بېجىرگەن ئەنياڭ شەھىرى بېيگۈەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۈ سەيچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جاۋابكار لى چاڭخوڭنىڭ بۇلاڭچىلىق قاتارلىق جىنايەتلەرگەن چېتىشلىق دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش ئۈچۈن 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى كونا ھەم يىنىك بولۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تەپتىش ئورگىنى 1979-يىلىدىكى جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە 1997-يىلىدىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىنى توغرا تەدبىقلىغان، ھەمدە دەل جازا ئۆلچەش تەكلىپى بەرگەن.

سوتتا، ئەيىبلىگۈچى، پاكىت، ئىسپات، قانۇننى تەتبىقلاش جەھەتتە ئەيىبلەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەمدە لى چاڭخوڭغا چوڭقۇر تەربىيە ئىشلىگەن. لى چاڭخوڭ جىنايى پاكىتلىرىغا ئىقرار بولۇپ، ئۆزى ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى جىنايەتلىرى ۋە تۇغقانلىرى ئالدىدىكى خىجىلچىلىقتىن، 50 ياشتىن ئاشقان لى چاڭخوڭ، 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى ۋاقىتلىق ھاياجان سەۋەبىدىن ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن ئۆكسۈپ يىغلىغان، ھەمدە سەمىمىي پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنياڭ شەھىرى بېيگۈەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى، قېچىپ كېتىش جىنايىتى بىلەن، لى چاڭخوڭغا مۇددەتلىك ئون يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن. ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىن، لى چاڭخوڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنمىغان، مەزكۇر ھۆكۈم ھازىر كۈچكە ئىگە بولۇپ بولغان.

 

1124620176_1560433286789_title0h.jpg
1124619533_15604333468691n.jpg