خوش خەۋەر! ئۆي ئىجارىگە ئالغانلارمۇ نوپۇسنى يۆتكىسە بولىدۇ!
0
2019-06-20 17:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شەھەر-بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا بەش يىلدىن ئاشقانلار، ئۆيى بويىچە كۆچۈپ كەلگەن يېزا نوپوسدىكى ئاھالىلەر، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن يېزىلاردىكى نامرات نوپۇس شۇنداقلا شەھەرلەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرىۋاتقان دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرگە نىسبەتەن بۇنىڭدىن كىيىن شەھەردە نوپۇسقا ئالدۇرۇش ھەرگىزمۇ تەس ئىش ئەمەس!

دۆلەت تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرىدىغان مۇھىم بىر يىل، ئادەمنىڭ شەھەرلىشىشىنى يادرو قىلغان، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى قىلغان يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تېزلىتىلىدۇ، تۆت جەھەتتىكى خىزمەت نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

ئالدى بىلەن نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ماكانلىشىشى كۈچەپ چىڭ تۇتۇلۇپ، يېزا نوپوسىدىكى كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ شەھەرلىشىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، شەھەرلەر توپى ۋە شەھەر چەمبىرىكىنى پىلانلاپ قۇرۇش چىڭ تۇتۇلۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ئۈچىنچى، شەھەرلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارى ئاشۇرىلىدۇ.

تۆتىنچىدىن، شەھەر-يېزا ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى ۋە جامائەت بايلىقىنىڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرلىشىش سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ.

مېڭ ۋېي يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەھەر-بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ بەش يىلدىن ئارتۇق ئولتۇراقلاشقان ۋە ئائىلىسى بويىچە كۆچۈپ كەلگەن يېزا نوپوسىدىكى ئاھالىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش يولى كېڭەيتىلىدۇ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئىجارە ئۆيدە دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ شەھەر ئومۇمىي نوپۇسىدا ئولتۇراقلىشىشىغا يول قويۇلىدۇ، يېزا نوپوزىدىكى كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ شەھەرلەرگە تولۇق ماكانلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا جىنەن داشۆسىسىنىڭ پىروفېسسورى خۇ گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

بۇ دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پايدىلىق.

بىر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەمگەك كۈچى، مەبلەغ ۋە يەردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئامىلنىڭ يۆتكىلىشىگە موھتاج. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە مەبلەغ ئوبوروتى ناھايىتى جانلاندى، ئەمما ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشى نوپۇس چەكلىمىسىگە ئۇچرىماقتا. بۇ چەكلىمە بۇزۇپ تاشلانسا، پۈتكۈل ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ «ئۆي ئىجارىگە ئالغانلارنىڭ نوپوسىنى شەھەر بازار ئومومىي نوپۇسىغا ئېلىنىشى» دېگەن سۆزنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەمەس. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى تورى «2019-يىللىق يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە»نى ئېلان قىلغان، بۇ ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى داۋاملىق ئاشۇرۇلىدۇ، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس سانى 1مىليوندىن تۆۋەن بولغان ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر-بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاساسىدا، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس سانى 1مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان 2-سەپتىكى چوڭ شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىنىدۇ؛ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس سانى 3مىليوندىن 5مىليونغىچە بولغان 1-سەپتىكى چوڭ شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش شەرتى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىدۇ ھەمدە نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىنىدۇ.

ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرگە قارىتا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: نومۇر ئارقىلىق نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇسقا ئېلىش كۆلىمىنى كۆپەيتىپ، نومۇر بىرىش تۈرىنى داۋاملىق قىسقارتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش يىل چېكى ۋە ئولتۇراقلىشىش يىل چېكىنىڭ نومۇر باھالاشتا ئاساسىي نىسبەتنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەرقلىق، دەل جايىدا نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نوپۇسقا ئېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆي ئىجارىگە ئىلىپ تۇرىۋاتقان دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر ئومومىي نوپۇسىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش كېرەك.

نۆۋەتتە، ئېلىمىز شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. «2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا مەلۇماتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگودا دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %59.58گە يەتكەن.

جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى داشۆسى ئامانلىق شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ تەييۈەن مۇنداق دېدى: نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ قىيىن نۇقتىسى يەرلىكنىڭ پوزىتسىيەسىدە. دېھقان ئىشلەمچىلەر شەھەر ئاھالىسىگە ئايلانغاندىن كېيىن، جامائەت مۇلازىمىتىنىمۇ تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. لېكىن جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن يەرلىك مالىيەدىن مەبلەغ چىقىرىپ قوللاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بىر قسىم جايلار كۆچمە نوپوسنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى خالاپ كەتمەيدۇ. ئادەمنىڭ كۆپىيىشى شەھەر تەرەققىياتىغا پايدىلىق، بۇ كىشىلەر مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغىمۇ ئوخشاش تۆھپە قوشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشتە مەبلەغنى بىراقلا چىقىرىشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق.

نۇقتىلىق ۋەزىپىگە ئاساسەن، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، بۇ يىل نوپۇسقا ئېلىنمىغان، دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، جايلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى قوشۇمچە قىلىنغان جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولايلىق تۈرلەرنى تەدرىجىي كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

 

640.webp (3).jpg