90-يىلى تۇغۇلغان قىزنىڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسىگە ئايلىنىشى
0
2019-06-26 11:14:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

گۇاڭشىنىڭ لەيبىڭدىكى 90-يىللاردا تۇغۇلغان خۇاڭ موۋلى ئىسىملىك قىز ئوغۇل دوستىدىن تاياق يەپ، بېرمىدىكى زەھەر ئەتكەسچىسىدىن ياردەم سورىغان. بېرمىلىق زەھەر ئەتكەسچىسى موتسىكلىت ھەيدەپ، تاغ يولىدا يەتتە سائەت يول يۈرۈپ ئۇنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەن. قىز بۇ زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكالەتچىسىگە ئايلانغان.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى، خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، گۇاڭشى لەيبىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تاراتقۇلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بېجىرىشكە يېتەكچىلىك قىلغان بىر نۇقتىلىق دېلونى ئۇقتۇرۇش قىلغان. ساقچىلار بىر يىلغا يېقىن جاپالىق رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، پەۋقۇلئاددە زور دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىك تورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ، زەھەرگە چېتىشلىق 48 ئادەمنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 24 ئادەمنى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرغان. 24 ئادەمگە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، 1.4 كىلوگرام خىروئىن، 7.25 كىلوگرام مۇز زەھەر، 4.38 كىلوگرام ماگۇ، دېلوغا چېتىشلىق سەككىز ئاپتوموبىل ۋە 10 مىڭ يۈەننى قولغا چۈشۈرگەن.

ساقچىلارنى ھەيران قالدۇرغىنى، دېلودىكى چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى گۇاڭشەن خېشەنلىك 28 ياشلىق قىز خۇاڭ فامىلىلىك بولۇپ، ئۇ 10يىلنىڭ ئالدىدا، يۈننەن ئارقىلىق، بېرمىغا بېرىپ، ئۇزۇن مۇددەت زەھەر سودىسى قىلغان.

زەھەر چېكىش دېلوسىدىن چوڭ يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش

2018-يىلىنىڭ بېشىدا، لەيبىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى ئادەتتىكى زەھەر چېكىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، زەھەرنى خېشەندىن كەلگەن ئەر تەن موگاۋنىڭ تەمىنلىگەنلىكىنى بايقىغان. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەن فامىلىلىكنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكىنىڭ جۇڭگو بېرما چىگرىسىدىن ئەتكەس قىلىنغانلىقىنى بايقىغان. تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئەگىشىپ، ساقچىلار بۇنىڭ دۆلەت ھالقىغان پەۋقۇلئاددە چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. لەيبىڭ ساقچىلىرى دېلونى دەرىجە بويىچە يۇقىرىغا مەلۇم قىلغان. كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇ دېلونى نىشان قىلىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان.

شۇنىڭدىن كېيىن 10 ئايغا يېقىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لەيبىڭ شەھەرلىك زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى تەن موگاۋ، خۇاڭ موۋپىڭ باشچىلىقىدىكى زەھەر شايكىسىنىڭ بېرما، يۈننەن چېگراسىدا ھەرىكەت قىلىدىغان خېشەنلىك خۇاڭ موۋلى ئىسىملىك بىلەن ئالاقىسىنىڭ قويۇقلۇقىنى بايقىغان.

لەيبىڭ ساقچىلىرى دەسلەپكى ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، كۆپ قېتىم گۇاڭشى، خۇبېي، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، خۇاڭ موۋلىنىڭ گۇاڭشى خېشەن، چىنجۇ ۋە خۇبېي قاتارلىق جايلاردىكى قول چۇماقچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىگەللىدى.

كۆۋرۈك بېشىدا زەھەر ئاپتوموبىلىنى مەجبۇرىي توختىتىش

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى خېشەن تەۋەلىكىدىكى ئەر خۇاڭ موپىڭنىڭ يۈننەن چېگراسىدىن خىروئىن سېتىۋالغاندىن كېيىن، بىنياڭدىكى چۇماقچىسى مو موۋفېڭنى گۇاڭدۇڭغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىگەللىگەن.

ئەتىسى چۈشتىن كېيىن، مو موۋفېڭ ماشىنا بىلەن خېشەنگە بېرىپ، خۇاڭ موپىڭنىڭ فەن فامىلىلىك يەنە بىر چۇماقچىسىنىڭ يېنىدىن تۆت پارچە خىروئىن ئالغان. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى خېشەندىن لەيبىنغا تۇتىشىدىغان تاشيولدا چازا قۇرۇپ توسقاندا، مو موۋفېڭ چازىنى سوقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن. ساقچىلار ئۈچ ئاپتوموبىل بىلەن ئۇنى قوغلىغان. كېيىن شىڭبىڭ رايونى چيەنجياڭ بازىرى كۆۋرۈكىدە گۇماندارنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئىككى تەرەپتىن قىستاپ قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە ئاپتوموبىلدىن 1.4 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى تۆت پارچە خىروئىننى تاپقان.

شۇ يىلى 10-ئاينىڭ بىر ئاخشىمى، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى خېشەندىن يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن فەن فامىلىلىكنى قولغا چۈشۈرگەن.

بىر مەزگىل جىم يۈرۈپ داۋاملىق زەھەر ئەتكەسچىلىك قىلىش

مو فامىلىلىك زەھەر توشۇپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خوجايىنى خۇاڭ موۋپىڭ قاتارلىقلار يوشۇرۇنۇۋالغان. لېكىن ساقچىلار خىزمىتىنى بوشاشتۇرماي، داۋاملىق ئۇلارنى تۇتۇشقا تىرىشقان. يەتتە ئايلىق جىمجىتلىقتىن كېيىن، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى خۇاڭ موۋلىنىڭ قۇتىراشقا باشلىغانلىقىنى بايقىغان.

مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، لىڭشەندىكى جۇ موۋچىن بىلەن چېگرا سىرتىدىكى خۇاڭ موۋلىنىڭ كىرىستال زەھەر سېتىۋالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مۇددەتتىن بۇرۇن توساق قۇرۇپ، جۇ موۋچىن ھەيدىگەن تويوتا ماركىلىق ئاپتوموبىلنى نەق مەيداندا توختىتىپ، جۇ موۋچىن بىلەن ياڭ موۋشۇنى قولغا چۈشۈرگەن ھەم نەق مەيداندا ئاپتوموبىلدىن كىرىستال زەھەر قاچىلانغان پوسۇلكىنى تاپقان. ئارقىدىن ساقچىلار چىنجۇ ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە كېچىلەپ جۇ موۋچىن باشچىلىقىدىكى يەتتە زەھەر ئەتكەسچىسى، 3.54 كىلوگرام مۇزسىمان زەھەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۈچ ئاپتوموبىلنى تۇتۇپ قالغان.

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، ساقچىلار خېشەنلىك تەن موۋ گاۋنىڭ ئوخشاش بولمىغان توشۇش يولى ئارقىلىق، بېرمىدىكى خۇاڭ موۋلىدىن كىرىستال زەھەر سېتىۋالغانلىقى ھەمدە تېز يوللانمىنىڭ بېرما بىلەن يۈننەن چېگراسىدىن خېشەنگە ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىغا ئىگە بولىدۇ. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى دەلىل-ئىسپاتنى ۋاقتىدا توپلاش ئۈچۈن، مۇددەتتىن بۇرۇن خېشەنگە بېرىپ ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ.

شۇ ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىزدە، مۇزسىمان زەھەر تېز يەتكۈزۈش دۇكىنىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى شۇ جايدا كۆزىتىدۇ. شۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ليۇجۇدا تۇرۇشلۇق 20 نەچچە ياشلىق قىز لىياڭ موچۈن تەن موگاۋ بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىرىستال زەھەر سېتىۋالىدۇ. ئەتىسى چۈش سائەت 12دە، خۇاڭ موۋپىڭ زەھەرنى ليۇجۇغا يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، ليۇجياڭ رايونى جىلۇڭ تەرەققىيات رايونىدا بىر كىلوگرام مۇزسىمان زەھەرنى ئېلىپ، جىلوڭ تەرەققىيات رايونىدىكى ئىجارە ئۆيىنىڭ سىرتىغا كەلگەندە، ساقچىلار ئۇنى قولغا چۈشۈرىدۇ. كېيىن، ساقچىلار لياڭ فامىلىلىك ئىجارىگە ئالغان ئۆيدىن جەمئىي 106.67گرام كىرستال زەھەر ۋە 4.38 گرام ماگۇننى تاپىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ساقچىلار يەنە ئالدىنقى باسقۇچتا تەكشۈرۈلگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، لياڭ فامىلىلىكنىڭ شېرىكلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ساقچىلار ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ ئىجارە ئۆيىدە زەھەر ئەتكەسچىسى لى موۋجې ۋە باشقا سەككىز زەھەر چەككۈچىنى قولغا چۈشۈرىدۇ.

چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى 90-يىللاردا تۇغۇلغان قىزكەن

مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەر بارلىق چۇماقچىلارنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، مىڭ نەچچە كىلومېتر يىراقلىقتىكى يۈننەننىڭ پۇئېر شەھىرىگە بېرىپ، چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى خۇاڭ موۋلىنى تۇتۇشقا ئاتلىنىدۇ. ئەمما خۇاڭ موۋلى ناھايىتى ھىيلىگەر بولۇپ، تۇرىدىغان جايىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرغان، كېيىن بىراقلا بېرمىغا قېچىپ كەتكەن ھەمدە جۇڭگو-بېرما چېگراسىدىكى يۈننەن ئۆلكىسى بىلەن مېڭليەن ناھىيەسى، مېڭخەي ناھىيەسى ۋە بېرمىنىڭ مېڭلا ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ھەرىكەت قىلغان. 11 كېچە-كۈندۈز جاپالىق رازۋېدكا قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، لەيبىڭ ساقچى تەرەپ يۈننەن مېڭخەي ناھىيەسىنىڭ ساقچىلىرى ۋە بېرما ساقچى تەرەپنىڭ ياردىمىدە، بېرمىنىڭ مېڭلا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى بىر ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنىدىن خۇاڭ موۋلىنى قولغا چۈشۈردى.

ساقچىلارنى ھەيران قالدۇرغىنى، چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى خۇاڭ موۋلى ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن قىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، يۇرتى خېشەندىن بولۇپ، 18 ياشتىن ئىلگىرى زەھەر چەككەن، 18 ياشتىن كېيىن يۈننەنگە بېرىپ قاشتېشى سودىسى قىلغان. كېيىن بېرمىغا بېرىپ زەھەر سودىسى قىلىدىغانلار بىلەن ئارىلىشىپ، نۇرغۇن زەھەر تەمىنلىگۈچى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ زەھەر سودىسى قىلىشنى باشلىغان. كېيىن ئۆزى تونۇيدىغان خېشەنلىك تەن فامىلىلىك، خۇاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىپ كۆپ پايدا ئالغان. كېيىن يەنە گۇاڭشى، چىنجۇ، خۇبېي جىڭجۇدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. قول ئاستىدىكىلىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇ يەنە ھوشىنى تاپماي داۋاملىق زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئۇ بېرمىغا قېچىپ بېرىۋالسام ساقچىلار مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ دېگەن بىراق قەيەردىلا بولسۇن قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

تونۇشتۇرۇلىشىچە، خۇاڭ موۋلى قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، يۈننەندىكى بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈننەنگە بېرىپ تەرەققىي قىلغان. بۇ جەرياندا جۇڭگو-بېرما چېگرىسىدا قاشتېشى سودىسى قىلغان، كېيىن يەنە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدا ھەمراھ خانقىز بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا دائىم كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا كىرىپ-چىقىپ بېرمىلىق زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن تونۇشۇپ قالغان.

بىر قېتىم خۇاڭ موۋلى ئوغۇل دوستىدىن تاياق يەپ، بېرمىدىكى زەھەر ئەتكەسچىسىدىن ياردەم سورىغان. بېرمىلىق زەھەر ئەتكەسچىسى موتسىكلىت ھەيدەپ، تاغ يولىدا يەتتە سائەت يول يۈرۈپ ئۇنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەن. قىز بۇ زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكالەتچىسىگە ئايلانغان.

نۆۋەتتە، بۇ شايكىدىكى 24 جىنايەت گۇماندارى لەيبىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.