جاڭ يىڭيىڭنى ئۆلتۈرگۈچىگە ئامېرىكا سوتى قانداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ؟
0
2019-06-26 15:14:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شۇ جاي ۋاقتى 24-چېسلا، جاڭ يىڭيىڭ دېلوسىدىكى ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى، زاسېداتېللار ئۆمىكى ئايرىم مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، 12 نەپەر زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كېسىم چىقىرىپ، جاۋابكار كرىستېنسىننى ئۈچ تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىدى. بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئەيىبلەش ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر تۈرلۈك « تۇتقۇن قىلىپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى» ۋە ئىككى تۈرلۈك « ساختا بايان قىلىش جىنايىتى» بولۇپ، جىنايەتچىنىڭ جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلىپ قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكى؛ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە يالغان گەپ قىلىپ، جاڭ يىڭيىڭ يوقاپ كەتكەن كۈنى، ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا ئەمەسلىكى، بەلكى ئويۇن ئويناپ ئۇخلىغانلىقى؛ يەنە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە يالغان گەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ھەقىقەتەن بىر ئاسىيالىق ئايالنى ماشىنىغا چىقارغانلىقى، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدەك جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ دېلو جازا ئۆلچەش باسقۇچىغا كىردى، شۇ چاغدا جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش قىلماسلىق قارار قىلىنىدۇ

كرىستېنسېن زاسېداتېللار ئۆمىكى تەرىپىدىن جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى جازا ئۆلچەش باسقۇچىغا كىرىدۇ. ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئادۋوكاتى جازا ئۆلچەش مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ يۈزلەشتۈرىدۇ. مەزكۇر دېلودىكى تەپتىش ئورگىنى جاۋابكارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، فېدېراتسىيە قانۇنىغا ئاساسەن، زاسېداتېللار ئۆمىكى چوقۇم يەنە بىر قېتىم بىردەك پىكىرگە كېلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىش بەرمەسلىكنى قارار قىلىشى كېرەك.

زاسېداتېللار ئۆمىكىدىكى بىر ئادەم ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولسا، جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلمايدۇ، بەلكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. جازا ئۆلچەش باسقۇچىدا سوت قىلىش بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ ئۆز پىكرىنى بايان قىلغاندا، جاۋابكار ئورنىدا ئولتۇرغان كرىستېنسېن كۆك رەڭلىك كۆڭلەك كىيىپ، ساقال قۇيۇۋالغان بولۇپ، بىر تال رېزىنكە بوغقۇچنى ئويناپ ئولتۇرغان. جاڭ يىڭيىڭنىڭ دادىسى بولسا بىر نەچچە قەدەم يىراقلىقتا تىڭشىغۇچ بىلەن خەنزۇچە تەرجىمىنى ئاڭلاۋاتقان ئىكەن.

جاڭ يىڭيىڭ 2017- يىلى 4- ئايدا ئىللىنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇربانا-شاڭ پېيئېن شۆبە مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇغان، شۇ يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى بىر قارا رەڭلىك پىكاپقا ئولتۇرغاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن. ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى جىنايەت گۇماندارى كىرىستېنسوننى قولغا ئېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلىدى. بۇ يىل 6-ئايدا، ئادۋوكات كرىستېنسېننىڭ جاڭ يىڭيىڭنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، بىراق يەنىلا ئۆزىنى گۇناھسىز دەپ ئۆزىنى ئاقلاش مەيدانىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى ئېيتقان.