ساغلام جۇڭگولۇقنىڭ ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى، سىز يېتەلىدىڭىزمۇ؟
0
2019-07-31 10:19:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 

يېقىندا دۆلىتىمىز «2019-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى» نى رەسمىي ئېلان قىلدى. مەزكۇر ساغلاملىق قامۇسى مول ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولۇپ، قانداق قىلغاندا ساغلام جۇڭگولۇق بولغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى چوقۇم ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك 50 تۈرلۈك ئۆلچەم ئوتتۇرىغا قويۇلغان.


يېمەكلىك ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىش

1. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۈندىلىك تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 5 گىرامدىن يۇقىرى بولماسلىق.

2. چوڭلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۈندىلىك يېمەكلىك يېغىنى قوبۇل قىلىش مىقدارى 30 گىرامدىن يۇقىرى بولماسلىق.

3. شېكەرنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 25 گىرامدىن يۇقىرى بولماسلىق.

4. كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 500 گىرامدىن تۆۋەن بولماسلىق.

5. كۈندىلىك ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى 12 خىلدىن، ھەپتىلىك قوبۇل قىلىنىدىغان يېمەكلىك تۈرى 25 خىلدىن كەم بولماسلىق.

6. قۇرامىغا يەتكەنلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش.

7. قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى 85 سانتىمېتىردىن، ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 80 سانتىمېتىردىن كىچىك بولۇش.

8. يېتەرلىك سۇ ئىچىش، يەنى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئادەتتە كۈنىگە 1500 مىللىلىتىر سۇ ئىچىش.

9. ئوزۇقلىنىش قانۇنىيەتلىك بولۇش، ئۈچ ۋاق تاماقنى تولۇق يېيىش، ھەربىر ۋاق تاماقنى بەك كۆپ يەۋالماسلىق.

10. ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاش، تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش، توغرا چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ھەر قېتىم چىش چوتكىلاش ۋاقتى ئىككى مىنۇتتىن كەم بولماسلىق.

 

ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

11. ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن يۇقىرى، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن يۇقىرى ئوتتۇرھال سىجىللىقتا ھەرىكەت قىلىش ياكى ھەر ھەپتىدە جەمئىي 150 مىنۇت ئوتتۇرھال سىجىللىقتىكى ياكى 75 مىنۇت يۇقىرى سىجىللىقتىكى بەدەن ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش.

12. كۈندىلىك قەدەم سانىنى 6مىڭدىن 10مىڭ غىچە يەتكۈزۈش.

13. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر سائەت ئوتتۇرھال سىجىللىقتا ھەرىكەت قىلىش.

ئۇيقۇ ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش

14. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۈندە 10 سائەت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توققۇز سائەت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەككىز سائەت، قۇرامىغا يەتكەنلەر يەتتە سائەت ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش.

15. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا ۋاقتىدا تولۇقلاش، ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش.

16. ئاكتىپ، ساغلام كەيپىياتنى ساقلاپ، داۋاملىق پاسسىپ كەيپىياتنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش.

17. ساغلام بولغان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تور ياكى ئويۇنغا مەستانە بولۇپ قېلىش قاتارلىق ساغلام بولمىغان بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش.

18. ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئاكتىپ ھالدا باشقىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇۋاپىق يوسۇندا باشقىلارغا ھال ئېيتىش ۋە ياردەم سوراش.

19. پىسخىكىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا ياردەم تەلەپ قىلىش.

20. ئائىلە ئەزالىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاندا، چېكىدىن ئاشقان گەپ-سۆز ياكى زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى قوللانماسلىق، ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىق، بەلكى پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەل قىلىش

كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلىش

21. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توغرا ئوقۇش-يېزىش ھالىتىنى ساقلاش.

22. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش-يېزىش ۋاقتى بىر قېتىمدا 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك.

23. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىشتىن باشقا سەۋەبلىك ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا قاراش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، كۈندىلىك جەملەنمە ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك.

24. ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە باشنى ھەددىدىن زىيادە پەس ياكى ئېگىز قىلىۋالماسلىق، ھەر ئىككى سائەتتە بىر دەم ئارام ئېلىش.

ھەر قانداق ناچار ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇش

25. تاماكا چەكمەيدىغانلار تاماكا چېكىشنى سىناپ باقماسلىق. تاماكا چەككۈچىلەر ئىمكان بار تاماكا تاشلاش.

26. خەتەرلىك ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇش.

27. ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن زەھەر چېكىشنى سىناپ باقماسلىق.

تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش

28. قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش. نەپەس، تومۇر سوقۇش، قان بېسىم، چوڭ-كىچىك تەرەت ئەھۋالىنى دائىم كۆزىتىپ، نورمالسىز ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا خاتىرىلەپ، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈش.

29. 18 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىلار قەرەللىك ھالدا قان بېسىمىنى ئۆلچەپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرىنى كونترول قىلىش.

30. 40 ياشتىن تۆۋەن قاندىكى ماي مىقدارى نورمال كىشىلەر ھەر 2 ~ 5 يىلدا قاندىكى ماي مىقدارىنى بىر قېتىم تەكشۈرتۈش. 40 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەر ئاز دېگەندىمۇ يىلىدا بىر قېتىم قاندىكى ماي مىقدارىنى تەكشۈرتۈش. يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى بار كىشىلەر ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم قاندىكى ماينى تەكشۈرتۈش.

31. قەرەللىك ھالدا راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈشى قىلىپ تۇرۇش.

32. زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش. ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس ئېلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بار بىمارلار ۋە ياشانغانلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ۋە ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيە ۋاكسىنىسى ئەملەش.

33. ساغلام كىشىلەر 40 ياشتىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئاچ قورساق قان شېكىرىنى تەكشۈرۈتۈش.

34. ئەيدىز كېسىلى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ زىيىنى، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشىنىش.

35. ئىت، مۈشۈك تاتىلىۋالغان ياكى چىشلىۋالغاندىن كېيىن، دەرھال يارا ئېغىزىنى يۇيۇش ھەمدە دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە غالجىرلىق كېسىلىگە قارشى ئىممۇنىتېتلىق شار ئاقسىلى ۋە غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسى ئۇرۇش.

ئانا-بالىلارغا دائىر بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلەش

36. توي قىلىش ۋە ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىش.

37.قەرەللىك تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلىپ، ئانا-بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.

38. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالىنى ساپ ئانا سۈتى بىلەن ئالتە ئاي بېقىش.

39. ھەيز مەزگىلىدىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش، كۆپىيىش يولى يۇقۇملىنىش، سۈت بېزى كېسەللىكى ۋە بالىياتقۇ بوينى راكى قاتارلىق ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى پىششىق بىلىش.

40. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى بىلىش، ئۆزى ئىشلىتىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىلىۋېلىش.

ساغلاملىق جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىمىدىن خەۋەردار بولۇش

41. ھاياتنى ساقلاش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەشلەرگە پائال قاتنىشىپ، قۇتۇلۇش ماھارىتى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ماھارىتىنى ئۆگىنىش.

42. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش، ئىلمىي بولمىغان رېتسېپلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىك، ئاتالمىش «خىسلەتلىك دوختۇر ۋە دورىلارغا» غا ئىشەنمەسلىك.

43. ئائىلىدە جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى تەييارلاپ قويۇش (جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

44. ۋاقتى-ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئائىلە مۇھىت تازىلىقى ئېلىپ بېرىپ، ئۆي ئىچى مۇھىتىنىڭ پاكىز، يورۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك، ھاۋا ئۈتۈشۈشىنىڭ ياخشى، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.

45. ھاۋا تەڭشىگۈچنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، قىش پەسلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ 20 سېلسىيە گىرادۇستىن، ياز پەسلىدە 26 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىق.

46. يېڭى بېزەلگەن ئۆينىڭ ھاۋاسىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ، بېزەش ماتېرىياللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىش.

47. تاماق ئەتكەندە بۇس تارتقۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى چوقۇم ئىشلىتىش.

48. ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋارايى كۆرۈلگەندە، ئىمكانقەدەر سىرتتا يۈرىدىغان ۋاقتىنى ئازايتىش، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر سىرتتىكى پائالىيەتلەرنى توختىتىش.

49. چارچىغاندا، ھاراق ئىچكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك، ئاپتوموبىلنى سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىمەسلىك، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش.

50.باشقۇرۇش قېلىپلاشقان سۇ ئۈزۈش سورۇنلىرىنى تاللاش، دەريا، ئۆستەڭلەردە سۇ ئۈزۈشنى تەشەببۇس قىلماسلىق، يامغۇر ياغقاندا سىرتتا سۇ ئۈزمەسلىك.

 

 

 

 

 

F201907301550036146702963.jpg
F201907301733467806702987.jpg
未标题-1.jpg