دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئالماس كۆك يىلان: تۇتۇۋالسىڭىز بېيىپ كېتىسىز
0
2019-07-31 18:41:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

تۇرمۇشتا كۆپلىگەن كىشىلەر ئەرمەك ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن، كىچىك مۈشۈك، ئىت قاتارلىقلار، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن تاشپاقا، يىلان قاتارلىقلار. يىلان ئومۇرتقىلىق يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەمگە ياۋۇز، سوغۇققان تەسىر بېرىدۇ، يىلان بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرىكى ھەقىقەتەن بەك چوڭ بولسا كېرەك. ئەمما سىز بىلەمسىز؟ دۇنيادا ئەڭ قىممەت بىر خىل ئالماس كۆك يىلان بار بولۇپ، بىرسىنىڭ باھاسىلا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا باراۋەر كېلىدۇ، ئەگەر تۇتۇۋالسىڭىز بېيىپ كېتىسىز.

بۇ خىل يىلاننىڭ ئىلمىي نامى كۆككە ئۆزگەرگەن يېشىل دەرەخ بوغما يىلىنى بولۇپ، بوغما يىلاننىڭ بىر تۈرى ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق يىلان ھېسابلىنىدىكەن. يېشىل دەرەخ بوغما يىلىنى ئادەتتە يېشىل رەڭدە بولۇپ، بىر ئۇۋىدىكى يىلانلارنىڭ ھەممىسى بەزىدە يېشىل رەڭدە بولىدىكەن، بەزىدە بىر قىسمى كۆك رەڭدە بولۇپ، گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى تۈپەيلى كۆككە ئۆزگەرگەن دەرەخ يىلىنىغا ئايلىنىدىكەن، بۇ خىل كۆككە ئۆزگەرگەن يېشىل دەرەخ بوغما يىلىنىنىڭ تېنى كۆك رەڭدە، قورسىقى بولسا ئاق رەڭدە بولىدىكەن، ئەمما ئۇنىڭ دۈمبە قىسمى پۈتۈنلەي كۆك رەڭدە ئەمەس بولۇپ، كۆك رەڭ ئىچىدە ئاندا-ساندا ئاق رەڭلەر بار ئىكەن، بۇ خۇددى كۆك رەڭلىك تاۋار-دۇردۇنغا ئاق رەڭلىك ئالماس قويۇپ قويغانغا ئوخشاش ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ، شۇڭا ئۇ ئالماس كۆك يىلان دەپ ئاتىلىدىكەن.

ئالماس كۆك يىلاننى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتكىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئۇ يېشىل دەرەخ بوغما يىلىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەنىكەن، شۇڭا سانىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كونترول قىلغىلى بولمايدىكەن، پۈتۈنلەي تەبىئىي تۇغۇشقا تايىنىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئالماس كۆك يىلاننىڭ بەدىنىدىكى گۈللەرمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، گۈلى ئوخشاش ئىككى يىلان بولمىغاچقا، تېخىمۇ قىممەتلىك كۆرۈنىدىكەن. ئالماس كۆك يىلاننىڭ قارشى ئېلىنىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭ مىجەزى ناھايىتى مۇلايىم، بەدىنىدە زەھەرلىك سۇيۇقلۇق يوق ئىكەن، ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس بولۇپ، ئادەمگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىكەن، شۇڭا ئەرمەك ھايۋانلار بازىرىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن يىلاننى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولغان.

ئۇنداقتا بۇ كۆك يىلاننىڭ باھاسى زادى قانچىلىك قىممەت؟ ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر دانە ئالماس كۆك يىلاننىڭ باھاسى ئۈچ مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، بۇ قانداق ئۇقۇم دەمسىز، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر دانە ئالماس كۆك يىلاننىڭ پۇلىغا خېلى يامان ئەمەس بىر دانە سپورت ئاپتوموبىلى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، بەلكىم بەزىلەر بۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ بىر ئەرمەك يىلان سېتىۋالىدىغان بىرەرسىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ھەر بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش بولمايدۇ، نەرسە قانچە ئاز بولسا شۇنچە قىممەت بولىدۇ، يىلاننى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ نەزىرىدە، ئالماس كۆك يىلان سپورت ئاپتوموبىلىغا قارىغاندا تېخىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ.

F201907301550036146702963.jpg
F201907301733467806702987.jpg