دۇنيادىكى «ئەڭ بىچارە» ئاۋىياتسىيە شىركىتى: قۇرۇلغىنىغا 30 يىل بولسىمۇ ئۇچۇپ باقمىغان
0
2019-08-05 14:51:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى تەخمىنەن 800گە يېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئالاھىدە شىركەت بار. 1989-يىلى قۇرۇلغان بالتيا ئاۋىياتسىيەسى ئىلگىرى تۇنجى بولۇپ نيۇيوركتىن بىۋاستە لېنېنگىراد (ھازىرقى سانت پېتىربورگ)قا ئۇچالايدىغان ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولماقچى بولغان. بىراق قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ دەلىللەشتە مەغلۇب بولغانلىقى سەۋەبلىك 30 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇپ باقمىغان «قۇرۇق ئۇستىخان»لا بار شىركەتكە ئايلىنىپ قالغان.

ئامېرىكا بالتيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى قۇرۇلغان چاغدىلا نىيىتىنى يامان قىلغان. بۇ شىركەت ئايروپىلاننىڭ ھەرقانداق بۆلۈمچىسىدە يولۇچىلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۆلچەمدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىغان. بىراق يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئېلان سۆزىدىكى خېرىدارلارنى جەلپ قىلالايدىغان بىردىنبىر نەرسە ئەمەس.

بالتيا نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئەسلىدە نيۇيوركتىن لېنىنگىرادقا بىۋاستە ئۇچىدىغان بىردىنبىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىدى. بىراق قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىشكە بىر ئۇزۇن جەريان كەتكەن. بالتيا ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئۇچۇش ئىجازىتىگە ئېرىشىپ 1991-يىلى نيۇيوركتىن لېنىنگىرادقا بىۋاستە ئۇچىدىغان بەزى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى قوزغاتماقچى بولغان. بالتىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىمۇ ئەڭ يېڭى ۋە نىمكەش بويىن ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋالغان.

بىراق ھەممە خەۋەرلەر توختاپ قېلىپ، خۇددى بۇ شىركەت ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەستەك بولۇپ قالغان. پەقەت يېقىندىلا ئاندىن بۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەنە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ يەنىلا فېدىراتىپ ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ توشۇش ئىجازىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 30 يىل بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە بىرەر ئادەم ياكى بوغچا چاغلىق نەرسىنى توشۇپ باقمىغان. بۇ شىركەت يەتتە قېتىم ئامېرىكا فېدىراتىپ ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قېتىملىق مەغلۇب بولۇشى تارقاقلاشتۇرۇش يولى سەۋەبلىك بولغان.

بالتيا شىركىتىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى شۇكى، شىركەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى شىركەتنى مىچىگان ئىشتاتىغا كۆچۈرۈپ ئەكەتكەن. ئۇ يەردە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىش نيۇيوركتىن ئاسان ئىدى. بىراق چىكاگوغا بارغاندىن كېيىنمۇ بالتيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەنىلا سىناقتىن ئۆتەلمىگەن. روشەنكى، ئۇلارنىڭ ئايروپىلان سېتىۋېلىش پىلانى بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ 37 يىللىق تارىخقا ئىگە بويىن 747 ئايروپىلانىدىن بىرسىلا بار ئىكەن. سېتىۋالغاندىن كېيىن بۇ ئايروپىلان بىرلا قېتىم ئۇچۇپ باققان. يەنى ۋېلۇرىن ئايرىدرومىدىن مىچىگان ئىشتاتىدىكى ئوكېداغا بېرىپ توختىغانچە قايتا ئۇچۇپ باقمىغان.

2016-يىلى بىر مۇتەخەسىسىس سەمىمىيلىك بىلەن بالتىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىغا بۇ ئايروپىلاننىڭ ئەمدى ئۇچۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بالتيا شىركىتى ئامالسىز ئۆزىنىڭ مۇشۇ بىردىنبىر ئايروپىلانىنىمۇ توختىتىشقا مەجبۇر بولغان. ھازىر بۇ شىركەت قۇرۇلغىلى 30 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئايروپىلانى يوق، قەرزى قاتمۇقات بولۇپ كەتكەن. قاچان ئۇچالىشى تېخىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، كۈتۈشتىن باشقا ئامال يوق.

 

0.jpg
1124835932_15649614181861n.jpg