ھامىلىدار بولغىلى ئۈچ يىل بولغان ئايال
0
2019-08-05 14:53:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئادەتتە بىز ئاياللارنى 10 ئاي قورساق كۆتۈرىدۇ دەيمىز، ئەمەلىيەتتە ھامىلىنىڭ قورساقتا تۇرۇش ۋاقتى 10 ئايدىن ئېشىپ كەتسە، ھەر خىل مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە 9 يېرىم ئايدىن 10 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇش ئەڭ مۇۋاپىق، لېكىن چەتئەلدە بىر ھامىلىدار ئايال بار بولۇپ، ھامىلدار بولغىلى ئۈچ يىل بولغان بولسىمۇ تېخىچە يەڭگىمىگەن، يەڭگىش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلمىگەن.

بۇ ئايال ئېرى بىلەن توي قىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىنلا ھامىلىدار بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى بالىسى، ئانا بولۇش تەجرىبىسى بولمىغاچقا، بۇ ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەلۋىلەرچە يەپ-ئىچىپ، قورسىقى يوغىناپ كەتكەن، ئەر-خوتۇن ئىككىسى بىرەر ئىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلماي، بالىنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۈتكەن، ئەمما ئۈچ يىل ساقلىغان بولسىمۇ ھازىرغىچە بالا تۇغۇلمىغان.

بۇ ئايال ھامىلىدار بولغىلى ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، قورسىقى بارغانسېرى يوغىناپ قاملاشمىغىلى تۇرغان، قورسىقى تونۇردەك يوغىناپ كەتكەن، ھەرىكەت قىلىشىمۇ ئىنتايىن قولايسىز بولغان، ھازىر بۇ ئايالنى ئىككى ئەر كىشى تارتسا ئاندىن ئورنىدىن تۇرالايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەر-خوتۇن ئىككىسى نەچچە قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن، دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى ھېچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى ھەممە ئىشلارنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، دوختۇرنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ ئەر-خوتۇن ئىككىسى يەنە قايتىپ كېلىپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان.

ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئايال قورسىقىنى يار ئېلىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازدا چوڭ نومۇرلۇق كۆينەك كىيگەن بولسا، قىش كۈنلىرى كىيىشكە ماس كېلىدىغان كۆينەك تاپالمايدىغان ئەھۋاللارغا يولۇققان، بۇ يوغان قورساق ئۇنى قىيناپ ساراڭ قىلىپ قوياي دېگەن بولۇپ، يەرگە بىر نەرسە چۈشۈپ كەتسىمۇ بېلىنى ئېگىشكە ئامالسىز قالغان.

بۇ ئايال بۇ خىل ئازابتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئېرى بىلەن چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ كۆرۈنۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، بەلكىم چوڭ دوختۇرخانىلار بۇ ئىشنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ پۇلى بولمىغاچقا، بۇ ئىشنى ئارقىغا سۈرگەن، بۇ ئايال زىيارەت جەريانىدا ئېرىنىڭ تىرىشىپ پۇل يىغىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئازابتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0.jpg
1124835932_15649614181861n.jpg