«نېجا» ئىككى مىليارد يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن تۇنجى كارتون فىلىم
0
2019-08-05 14:57:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، كارتون فىلىم «نېجا» (哪吒之魔童降世)نىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى ئىككى مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، «ئوت قەھرىمانى» (烈火英雄)نىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 500 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، «قورقۇنچاق قەھرىمان» (鼠胆英雄)نىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئومۇمىي بېلەت كىرىمى ئەمدىلا 50 مىليون ياۋروغا يەتكەن، «سامانيولى تەكرار سىنىپى» (银河补习班)نىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 830 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

«نېجا»نىڭ بېلەت كىرىمى ئىنتايىن ياخشى بولماقتا، بۇ كارتون فىلىمنىڭ شەنبە كۈنلۈك بېلەت كىرىمى 338 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىز كىنو بازىرىدىكى كارتون فىلىملەرنىڭ يەككە كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىم رېكورتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «نېجا» دۆلىتىمىز كىنو بازىرىدا تۇنجى قېتىم ئىككى مىليارد يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن كارتون فىلىمغا ئايلاندى.

0.jpg
1124835932_15649614181861n.jpg