ئايالچە ياسىنىپ تۈرمىدىن قاچقان قارا جەمئىيەت كاتتىۋېشى سېزىلىپ قالدى
0
2019-08-06 16:01:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

بىرازىلىيە ئورگان تەرەپنىڭ 4-ئاۋغۇست ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر تۈرمىدىن قېچىش سۈيقەستىنى ئوڭۇشلۇق مەغلۇپ قىلغان، بىر قارا جەمئىيەت كاتتىبېشى ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن 19 ياشلىق قىزىنىڭ سىياقىدا ياسانغان، كۈتمىگەندە سېزىلىپ قالغان.

بۇ قارا جەمئىيەت كاتتىبېشىنىڭ ئىسمى سىلۋا بولۇپ، 42 ياش، لەقىمى «Shorty» ئىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، سىلۋا رىئودى ژانىرونىڭ غەربىدىكى بىر تۈرمىگە سولانغانىكەن، ئۇ شۇ كۈنى تۈرمىگە يوقلاپ بارغان 19 ياشلىق قىزىنىڭ سىياقىدا ياسانغان، كۈتمىگەندە تۈرمىدىن كېتىدىغان چاغدا جىددىيلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن تۈرمە ساقچىلىرى بىنورماللىق ھېس قىلىپ، بۇ تۈرمىدىن قېچىش سۈيقەستىنى مەغلۇپ قىلغان.

ۋەقە يۈز بەرگەندە بۇ كاتتىباش كارتون ئوبرازى بار ھالرەڭ مايكا كىيىپ، قارا يالغان چاچ، سىلتسىيلىق نىقاب تاقىغان، يەنە ھىم كېلىدىغان پادىچىلار ئىشتىنى كىيگەنىكەن. ئورگان ئېلان قىلغان كامېرا كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن سىلتسىيلىق نىقابىنى ئېلىپ، كىيىملىرىنى سېلىۋەتكەن، يەنە ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئورگان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، سىلۋانىڭ پىلانى بويىچە ئۇ قىزىنىڭ سىياقىدا ياسىنىپ تۈرمىدىن قاچماقچى، قىزى تۈرمىدە قالماقچى بولغانىكەن. ساقچىلار قىزىنىڭ بۇ قېتىملىق تۈرمىدىن قېچىشتا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە.

سىلۋا

سىلۋا بىرازىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ قارا جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان «قىزىل ئىشتاب»نىڭ كاتتىبېشى، بۇ قارا جەمئىيەت رىئودى ژانىرودىكى كۆپ قىسىم زەھەر سودىسىنى كونترول قىلىدىكەن.

بۇ تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن سىلۋا بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى تۈرمىنىڭ ئالاھىدە كامېرىغا يۆتكەلگەن، جازا ئېغىرلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

0.jpg
1124835932_15649614181861n.jpg