1962-يىلى تارقىتىلغان ئىككى مولۇق قەغەز پۇل ھازىر قانچە پۇلغا يارايدۇ؟
0
2019-08-06 16:11:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

1962-يىلى تارقىتىلغان ئىككى مولۇق قەغەز پۇلنىڭ ئوبوروت قىلغان ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، 36 يىلغا يەتكەن، ئۇنىڭ رەسمىي تارقىتىلغان ۋاقتى 1964-يىلى بولۇپ، 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن توختىتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدا 1962-يىللىق ئىككى مولۇق خەلق پۇلىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى ناھايىتى كۆپ، ئوبوروت مىقدارىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، شۇڭا ھازىر بۇ نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ ساقلاش قىممىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئەلۋەتتە كونكرېت باھاسى ئۇنىڭ سۈپىتى ۋە نۇسخىسىغا باغلىق.

باش نومۇرىدىن قارىغاندىكى باھاسى.

1962-يىلى نەشر قىلىنغان ئىككى مولۇق قەغەز پۇلنىڭ ئىككى خىل باش نومۇرى بار. بىرىنچى خىلى 3 رىم رەقىمى بىلەن باشلانغان، ئىككىنچى خىلى 2 رىم رەقىمىنى باش نومۇر قىلغان.

نۆۋەتتە سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان 3 رىم رەقىمى باش نومۇرىنىڭ يەككە باھاسى تەخمىنەن 25 يۈەن ئەتراپىدا، 2 رىم رەقىمى باش نومۇرىنىڭ يەككە باھاسى تەخمىنەن 20 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن.

باسما ھۈنەر-سەنئىتىدىن باھاسىغا قاراش.

62-يىلى تارقىتىلغان ئىككى مولۇق قەغەز پۇلنىڭ ئۈچ خىلى باسما نۇسخىسى بار، بىرىنچى خىلى كۆپۈنكى 3 رىم رەقەملىك، ئىككىنچى خىلى تەكشى تاختىلىق 3 رىم رەقەملىك، ئۈچىنچى خىلى تەكشى تاختىلىق 2 رىم رەقەملىك نۇسخىسى.

نۆۋەتتە سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان كۆپۈنكى نەشرى 3 رىم رەقەملىكىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ تەخمىنەن 150 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن، تەكشى تاختىلىق 3 رىم رەقىمى ۋە تەكشى 2 رىم رەقىمى باش نومۇر بولغىنىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 15 ~ 30 يۈەن ئارىلىقىدا ئىكەن.

سۈپىتى جەھەتتىن قارىغاندىكى باھاسى.

قەغەز پۇلنىڭ ساقلاش باھاسى ئۇنىڭ سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك، ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۈپىتى قانچە ياخشى بولسا، ئۇنىڭ باھاسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئەكسىچە سۈپىتى ناچار بولسا، ساقلاش قىممىتى ئاساسىي جەھەتتىن يوق دېيەرلىك ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرقى بازار ئىپادىسىدىن قارىغاندا، سۈپىتى ئادەتتىكىچە بولغان ئىككى مولۇق پۇلنىڭ باھاسى تەخمىنەن 25 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەگەر سۈپىتى ياخشى بولمىسا باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىدۇ، مەسىلەن، روشەن ئىزلار بولغان، بىر قەدەر كونا، مەينەت، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن، كىچىك يېرىق بار بولغانلىرىنىڭ يەككە باھاسى تەخمىنەن بەش يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، ھەتتا ھېچكىممۇ سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ.

ئالاھىدە ئەھۋالدا باھاسى يۇقىرىراق بولىدۇ.

مەيلى 1962-يىلىنىڭ ئىككى مولۇق پۇلى بولسۇن ياكى باشقا نۇسخىنىڭ ئىككى مولۇقى بولسۇن، يىغىپ ساقلاش باھاسى بەزى ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، قاتار نومۇر، پۈتۈن پىچاق (100 پارچە پۇلنىڭ رەت نومۇرى تەرتىپلىك كەلگەن پۇلنى كۆرسىتىدۇ)، بىر پۈتۈن باغلام قاتارلىقلار.

ئەگەر يىلپىز نومۇر ياكى شىر نومۇر (ئاخىرقى ئۈچ ياكى تۆت خانىسى ئوخشاش كەلگەن نومۇرنى كۆرسىتىدۇ، 888، 6666 قاتارلىق) بولسا، بۇنداق پۇللارنىڭ يەككە باھاسى ئادەتتىكى باھادىن نەچچە يۈەن يۇقىرى بولىدۇ، 40 يۈەن ئەتراپىدا ساتقىلى بولىدۇ.

ئەگەر 10 قاتار نومۇر بولسا، تەكشى تاختىلىق 2 رىم رەقىمى ۋە 3 رىم رەقىمى بىلەن باشلانغان پۇلنىڭ باھاسى 280 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەگەر كۆپۈنكى نەشرى 3 رىم 10 قاتار نومۇرلۇق بولسا، باھاسى تەخمىنەن 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئەگەر پۈتۈن پىچاق (100پارچە پۇلنىڭ رەت نومۇرى تەرتىپلىك كەلگەن پۇلنى كۆرسىتىدۇ) بولسا، باھاسى تەخمىنەن 2000-3000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئەگەر بىر پۈتۈن باغلام بولسا، ھازىرقى باھاسى تەخمىنەن 30 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ.

1962-يىلىدىكى ئىككى مولۇق پۇلنىڭ ساقلاش قىممىتى بارمۇ؟

ھازىر 1962-يىلى تارقىتىلغان ئىككى مولۇق پۇلنىڭ يىغىپ ساقلاش قىممىتى باشقا نۇسخىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئانچە يۇقىرى ئەمەس، لېكىن بۇ نۇسخىنىڭ يەنىلا بەلگىلىك ساقلاش قىممىتى بار.

بىر تەرەپتىن، 1962-يىلىدىكى ئىككى مولۇق پۇلنىڭ لايىھەسى سەل ئالاھىدە بولۇپ، 3-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ نۇرغۇن نۇسخىلىرى ئەمەلىيەتتە قويۇق ئۆزگىچە تۈس ئالغان، مەسىلەن، پولات تاۋلاش ئىشچىلىرى، تىراكتورچى قاتارلىقلار، پۇل يۈزىدىكى سۈرەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن پېرسوناژلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان. لېكىن ئەينى چاغدىكى پارچە پۇللارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن قاتناشنى باش تېما قىلغان، مەسىلەن، ئىككى مولۇق پۇلنىڭ يۈزىگە ۋۇخەن-چاڭجياڭ كۆۋرۈكى، بەش پۇڭلۇق پۇلنىڭ يۈزىگە بىر پاراخوت، ئىككى پۇڭلۇق پۇلنىڭ يۈزىگە بىر ئايروپىلان، بىر پۇڭلۇق پۇلنىڭ يۈزىگە بىر يۈك ئاپتوموبىلى بېسىلغان. بۇ خىل لايىھە باشقا نۇسخىلاردىن يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، شۇنداقلا ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، گەرچە ئەينى چاغدا ئىككى مولۇق پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئوبوروت ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2000-يىلىدىن باشلاپ ئوبوروت قىلىنىش توختىتىلغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەردە يىغىپ ساقلاش كۆز قارىشى يوق ئىدى، شۇڭا، ھازىر 1962-يىلىدىكى ئىككى مولۇق پۇلنىڭ كىشىلەر قولىدا ساقلانغان ھەمدە سۈپىتى ياخشى بولغانلىرىنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس، بۇ كەلگۈسىدە يەنىلا بەلگىلىك قىممەت ئۆرلەش بوشلۇقىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

0.jpg
1124835932_15649614181861n.jpg