ئۆسمۈرگە پەسكەشلىك قىلغان چەتئەللىك ئوقۇتقۇچى جازالاندى
0
2019-08-06 16:51:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

8-ئاينىڭ 2-كۈنى چىڭداۋ شەھىرى لاۋشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا چىڭداۋ شەھىرى شىبېي رايونى خوڭخۇاڭلەن ۋەنكې شەھەرچىسى بالىلار باغچىسىدىكى چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار مايورگا خېرېدىيا دانىيېل ئوسۋالدو (ئىنگلىزچە ئىسمى: MAYORGA HEREDIA DANIEL OSWALDO)غا مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىش، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بەردى.

جاۋابكار مايورگا خېرېدىيا دانىيېل ئوسۋالدو، ئەر، 1984-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 14 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار چىڭداۋ شەھىرىنىڭ شىبېي رايونى خۇڭخۇاڭلەن ۋەنكې شەھەرچىسى بالىلار باغچىسىدا، چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، بالىلار چۈشتە ئۇخلاۋاتقاندا سىنىپقا كىرىپ، قاتتىق ئۇخلاۋاتقان بىر بالىغا پەسكەشلىك قىلغان.

سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، جاۋابكار ئوقۇتقۇچى بولۇشتەك ئالاھىدە سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىۋى سورۇندا كىچىك ئۆسمۈرگە پەسكەشلىك قىلغان، ئۇنىڭ قىلمىشى بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارىدى. سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

0.jpg
1124835932_15649614181861n.jpg