ئەگەر ئىنسانلار چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەممىسى ئېچىلسا قانداق بولىدۇ؟
0
2019-08-08 17:41:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 

ئىنسانلار يەر شارىدىكى بىردىنبىر ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە جانلىق، كۈچلۈك تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىقىغا تايىنىپ تەبىئەتنىڭ رەھىمسىز شاللاش مۇسابىقىلىرىدە غەلىبە قىلىپ، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى.

ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، بۇمۇ ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەمما تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلۈپ كېتىشىگىچە، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسى پەقەت %5كە يېقىن ئېچىلغان خالاس، ئۇنداقتا، قالغان %95ى زادى قانداق كۈچنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان؟ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەممىسى ئېچىلسا قانداق بولىدۇ؟

 

ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتېين ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ قارىلىدۇ. ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا ئاتىغان. ئاشكارىلىنىشىچە، ئېينىشتېيننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى 160 نى بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دېيىشكە بولىدىكەن. ئەمما ئۇ مۇشۇنداق ئەڭ ئەقىللىق ئادەم بولغان تۇرۇپ، چوڭ مېڭىسىنىڭ پەقەت %20ى ئېچىلغان. ھەتتا ئېينىشتىيىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بەزى ئالىملار ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىنى يېرىپ كۆرۈپ باققان ھەمدە ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان. ئەمما ئالىملار يەنىلا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەن.

 

چوڭ مېڭىنى ئېچىش تىلغا ئېلىنسا، بىز ئەڭ ياخشى ئۇسۇل توختىماي پىكىر يۈرگۈزۈش دەيمىز. ئەمەلىيەتتە بولسا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا مەيلى خىزمەت، ئۆگىنىش ياكى خىيال سۈرۈشتە بولسۇن، ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئايلىنىشى توختاپ قالمىدى. بىر ئادەم چۈش كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى يەنىلا تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، چۈش مەزمۇنىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

 

ئەگەر چوڭ مېڭىنى داۋاملىق ئاچماقچى بولساق، ئارام ئالماي چوقۇم 24 سائەت توختىماي ئويلىنىشىمىز كېرەك، لېكىن بۇ بەدەنگە ئىنتايىن زور يۈك ئېلىپ كېلىدۇ. ئالىملار ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەقلىي چېكى 2000 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان. بۇ ئەڭ چوڭ قىممەتكە يەتمەكچى بولساق، بىز چوقۇم زور مىقداردىكى ئېنېرگىيەنى سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. بىز قوبۇل قىلغان ئوكسىگېن ھەم ئوزۇقلۇق شۇنداقلا سەرپ قىلغان ئەقلىي ۋە جىسمانىي كۈچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېڭە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم ئۇيقۇغا موھتاج بولىدۇ، چۈنكى چوڭ مېڭىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا يېتەرلىك ئارام ئېلىش بوشلۇقىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئامىلدۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇللاردا يىگىلەش، پۇت-قول ھەرىكىتى چېكىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. نەتىجىدە ئادەم پەقەت ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.