دىققەت! دوستلار چەمبىرىكىدە بۇنداق مەزمۇنلارنى تارقاتماڭ
0
2019-08-08 17:50:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

يېقىندا چۇڭچىڭدىكى پى فامىلىلىك بىر ئەر ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە ليۇ فامىلىلىككە ئالاقىدار گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىپ، ليۇ فامىلىلىكنىڭ نام-ئابرۇيىنى زىيانغا ئۇچراتقان. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، پى فامىلىلىكنىڭ قىلمىشى نام-ئابرۇي ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىشقا يېتىدىغان بولۇپ، پى فامىلىلىكنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى نامۇۋاپىق گەپلىرى ئۈچۈن ليۇ فامىلىلىككە روھىي تۆلەم ئۈچۈن 1000 يۈەن تۆلەش، شۇنداقلا دوستلار چەمبىرىكىدە كەچۈرۈم سوراش ھۆكۈمى چىقاردى.

ئۈندىدار ئالاقىلىشىش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دوستلار چەمبىرىكىمۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىشلارنى ھەمبەھىرلىنىدىغان سۇپىغا ئايلاندى. بىراق، دوستلار چەمبىرىكىنىڭ ئاشكارا بولۇش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەزمۇنلار دىققەت قىلمىغاندا بىراۋنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

يېقىندا چۇڭچىڭ شەھىرى خېچۈەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دوستلار چەمبىرىكىدە باشقىلارنى تىللىغانلىقى سەۋەبلىك قارشى تەرەپكە روھىي تۆلەم تۆلىگەنلىكىدەك بىر دېلوغا ھۆكۈم چىقاردى.

ئىگىلىنىشىچە، ليۇ فامىلىلىك بىلەن پى فامىلىلىك ئۈندىداردىكى ياخشى دوستلار ئىكەن. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، پى فامىلىلىك دوستلار چەمبىرىكىدە ليۇ فامىلىلىكىنىڭ «باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزغاندىكىن ئۆزۈڭنى بىلىپ ياخشى ئادەم بولساڭ بولمامدۇ، يۇقىرى مەلۇماتلىق تۇرۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزدۇڭ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭنىڭ يۈزىنى تۆكتۈڭ، كۆپچىلىك ئوبدان كۆرۈڭلار» دەپ يېزىپ ليۇ فامىلىلىكنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى قوشۇپ چىقارغان. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى پى فامىلىلىك دوستلار چەمبىرىكىدە ئالاقىدار مەزمۇن ۋە رەسىملەرنى يەنە چىقارغان.

شۇ كۈنى ليۇ فامىلىلىك ئادۋوكاتىنى ھاۋالە قىلىپ پى فامىلىلىككە ئادۋوكات خېتى ئەۋەتىپ، پى فامىلىلىكنىڭ ليۇ فامىلىلىك توغرىسىدا يازغان نامۇۋاپىق گەپلىرىنى يۇيۇۋېتىشىنى ھەمدە ئۈندىدار سۇپىسىدا ئوچۇق كەچۈرۈم سوراش خېتى يېزىشىنى تەلەپ قىلغان. پى فامىلىلىك ئادۋوكات خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان مەزمۇنىنى يۇيۇۋەتكەن، بىراق ئىككى تەرەپ كەچۈرۈم سوراش، تۆلەم قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەكلىككە كېلەلمىگەن، شۇڭا ليۇ فامىلىلىك خېچۈەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.

خېچۈەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دېدى: پى فامىلىلىك ئۆزىنىڭ كەيپىياتى ۋە سۇبيېكتىپ ھۆكۈمى بىلەنلا ئۈندىدار سۇپىسىدا ليۇ فامىلىلىكنىڭ رەسىمىنى خالىغانچە چىقارغان شۇنداقلا ليۇ فامىلىلىكنىڭ شەخسىيىتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلەيدىغان خەتلەرنى يېزىپ، ليۇ فامىلىلىكنىڭ نام-ئابرۇيىنى زىيانغا ئۇچراتقان. پى فامىلىلىكنىڭ قىلمىشى نام-ئابرۇي ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، قانۇن بويىچە ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. پى فامىلىلىكنىڭ سۆز قىلغان دائىرىسى ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكى دائىرىسىدىلا چەكلەنگەچكە ھەمدە 1-ئاينىڭ 28-كۈنى چىقارغان مەزمۇننى دەل ۋاقتىدا يۇيۇۋەتكەچكە، ليۇ فامىلىلىكنىڭ نام ئابرۇيىغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولغان، ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلغان كىشىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش دەرىجىسى، ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش ئۇسۇلى، دەخلى تەرۇز قىلىش مەيدانى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتىگە ئاساسەن، پى فامىلىلىكنى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان ليۇ فامىلىلىككە قارىتىلغان نامۇۋاپىق سۆزلىرىنى تېزدىن يۇيۇۋېتىشىنى ھەمدە ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ليۇ فامىلىلىككە روھىي تۆلەم ھەققى ئۈچۈن 1000 يۈەن بېرىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوستلار چەمبىرىكىدە كەچۈرۈم سوراش ھۆكۈمىنى چىقارغان.

سوتچىنىڭ دېيىشىچە، يېڭى تاراتقۇلار قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە يەنە يېڭى زىددىيەت، يېڭى مەسىلىلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. ئۆز تاراتقۇ سۇپىسىدا قىلغان سۆزلەر بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن، تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئالاقە تورىغا قاتناشقۇچىلار توردا سۆز قىلغاندا چوقۇم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملىرىگە بويسۇنۇشى، توردا سۆز قىلغاندا مەدەنىيەتلىك بولۇشى كېرەك.

ئۇنداقتا دوستلار چەمبىرىكىدە قانداق مەزمۇنلارنى تارقاتسا بولمايدۇ؟ 

1. پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىشقا بولمايدۇ 

ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىمەي تۇرۇپ، پىتنە-ئىغۋالارنى ھەرگىز قارىغۇلارچە تارقىتىشقا بولمايدۇ. ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ، خالىغانچە تارقىتىشقا، ئويدۇرۇپ ئۆزگەرتىپ يېزىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بولمىسا مۇناسىپ قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پىتنە-ئىغۋالارنى قەستەن تارقاتقانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ.

2. ئادەم تىللىسا بولمايدۇ 

نۆۋەتتە، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى خاتىرە دەپتىرىمىزگە ئوخشاش تۇرمۇشىمىزدىكى بارلىق ئىشلارنى ئۇنىڭغا خاتىرىلەشكە ئادەتلەندۇق. نۇرغۇن كىشىلەر دوستلار چەمبىرىكىدە خۇشاللىقلارنى ھەمبەھىرلەيدۇ، كۆڭۈلسىز ئىشلىرى ئۈچۈن قاقشايدۇ. ئەگەر دوستلار چەمبىرىكىدە باشقىلارنى تىللىغاندا ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىش مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇنداق مەزمۇنلارنى دوستلار چەمبىرىكىگە ئاز چىقىرىڭ 

نۇرغۇن كىشىلەر يانتېلىفونىدا رەسىم تارتىپلا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدۇ. بىراق، بەزىلەر ھېس قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق قىلغاندا شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇش مۇمكىن. ئەگەر باشقا مەقسەتتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلسە، شۇ كىشىنىڭ مال-مۈلكىگە ھەتتا ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ زىيان يېتىشى مۇمكىن.

1. سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى 

نۇرغۇن كىشىلەر دوستلار چەمبىرىكىدە ئۆزىنىڭ پويىز بېلىتى، پاسپورتى، ئايروپىلان بېلىتى قاتارلىقلارنى چىقىرىدۇ. بىراق بۇنداق بېلەتلەردىكى ئىككىلىك كود ياكى تاياقسىمان كود شەخسنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالاھىدە يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئاسانلا بۇ ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگىلى بولىدىكەن.

2. كونكرېت ئورنى 

ئۈندىداردىكى «كونكرېت ئورنى» ئىقتىدارىدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنەلەيسىز. ئەگەر سىز ساياھەتكە، كاماندېروپكىغا چىققاندا ئورۇن بەلگىلىسىڭىز، باشقا مەقسەتتە بولغان بەزى كىشىلەرگە ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىسىز-دە، ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىسىز.

3. بالىنىڭ رەسىمى 

ناتونۇش كىشىلەرنىڭ بالىلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ تونۇشىدىغان توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئاز ئەمەس. بەلكىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بالىنىڭ ئىسمىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىن بىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ رەسىمىنى چىقارغاندا، سۆز يازغاندا ئىختىيارسىز بالىنىڭ چىراي-تۇرقى ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن.

ئائىلە باشلىقلىرى بالىنىڭ رەسىمىنى چىقارغاندا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇشى، ئەڭ ياخشىسى بالىنىڭ ئىسمىنى، مۇقىم ماڭىدىغان يولىنى، بالا ئوقۇيدىغان يەسلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تورغا چىقارماسلىقى ياكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەمبەھىرلىنىش دائىرىسىنى چەكلەپ، پەقەت ئۇرۇق-تۇغقانلارلا كۆرەلەيدىغان قىلىش كېرەك. بالىنىڭ رەسىمىدىن باشقا يەنە ئائىلە بويىچە چۈشكەن رەسىمنىمۇ دوستلار چەمبىرىكىگە كۆپ چىقارماسلىق كېرەك. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتسە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا ئالدامچىلىق قىلىش، ئوغرىلىق قىلىش پۇرسىتى تۇغۇلىدۇ. شۇڭا بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.