شىنجاڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلدى
0
2019-08-08 17:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل
 
«تومۇز» مەۋسۇمىدىن كېيىن بىر يىلدىكى ئەڭ ئىسسىق مەزگىل يېتىپ كېلىدۇ، يازدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.

بۇ يىلدا ئوتتۇرا تومۇز مەزگىلى بار بولۇپ، 20 كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئىسسىق ھاۋارايى «تومۇز»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرى ھېسابلىنىدۇ.

سۈرەت: 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى، قۇياش كۆتۈرۈلمەكتە

8-ئاينىڭ 8-كۈنى، 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى باش كۈز يېتىپ كېلىدۇ. ئەمما «تومۇز» ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىپ جاھاننى قىزىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كۆپچىلىككە سالقىن كۈزنى ھېس قىلدۇرغۇسى يوقتەك قىلىدۇ.

زادى قانچىلىك ئىسسىق بولىدۇ؟

تۈنۈگۈن شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلدى. 

مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى: 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنى ئەتىگەنگىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا℃37 تىن يۇقىرى ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ تېمپېراتۇراسى ℃40 تىن يۇقىرى بولىدۇ، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃45 تىن يۇقىرى بولىدۇ. 

سۈرەت: 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى ئاسمىنىدىكى ئاق بۇلۇت 

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ھاۋا بۇلۇتلۇق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃34، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃23 بولدى. ℃34 بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئەمەس. كەلگۈسى يەتتە كۈندە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، پەيشەنبە كۈنىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37 قا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. 

تورداشلار بۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كاۋاپتىن پەقەت بىر ئوچۇم زىرە بىلەنلا پەرقلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئەمدى ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋارايىنى كۆرۈپ باقايلى 
 

مۆلچەرلىنىشىچە، بۈگۈن كۈندۈزدىن كېچىگىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. ئىلى ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 تىن ئاشىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بەزىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئانچە كۈچلۈك شامال چىقمايدۇ. 

8-ئاينىڭ 7-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ. ئىلى ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، سانجى ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 تىن ئاشىدۇ.  شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بەزىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئانچە كۈچلۈك شامال چىقمايدۇ.  

8-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسمى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، سانجى ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىدە ℃35 تىن ℃39 قىچە بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃40 تىن ئاشىدۇ.  شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بەزىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئانچە كۈچلۈك شامال چىقمايدۇ.   

ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئېلان قىلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.  

ئاخىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى

يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

يۇقىرى تېمپېراتۇرا دېگىنىمىز، كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35 تىن يۇقىرى بولغان ھاۋا رايى ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇدا نەچچە كۈن (ئۈچ كۈندىن يۇقىرى) بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق دولقۇن (ياكى تومۇز ئىسسىق) دەپ ئاتىلىدۇ

كىيىنىش 

ئەڭ ياخشىسى تەر سۈمۈرىدىغان، ئازادە، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان كىيىملەرنى تاللاش كېرەك، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەر ئەڭ ياخشىسى ساپ پاختا بۇيۇملىرى بولۇشى؛

سۇس رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىش؛

كىيىمنى پات-پات يۇيۇپ ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك؛

ئۆي ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى زىيادە تۆۋەن بولغاندا، كىيىملەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە بولىدۇ.

يېمەك -ئىچمەك 

ئازراق تۇز سېلىنغان قايناقسۇ، سوغۇق چاي، ماش شورپىسى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش؛

زىيادە سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىك؛

مايسىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، ئېشىپ قالغان تاماقنى يېمەسلىك كېرەك.

تۇرۇش 

چۈشلۈك دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

شامالدۇرغۇچنى بەدەنگە بىۋاسىتە قارىتىپ ئۇزاق ۋاقىت ئېچىپ قويماسلىق؛

ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيلەرگە كىرىپ - چىققاندا ئۆي ئىچى - سىرتىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقىگە ماسلىشىشقا دىققەت قىلىش، ئۆي ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرىسىنى ℃26-℃28 قىلىپ تەڭشەش

بالكون، دەرەخ ئاستىدا ياكى ئوچۇقچىلىقتا ئۇخلىماسلىق كېرەك.

سىرتقا چىققاندا 

ئامال بار سىرتتا ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش ياكى ئازايتىش، بولۇپمۇ سائەت 10:00 دىن 16:00گىچە سىرتتىكى كۈچلۈك ئاپتاپتا ھەرىكەت قىلماسلىق؛

ناۋادا سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە زۆرۈر قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، مەسىلەن كۈنلۈك ئېلىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى سۈرۈش قاتارلىقلار، يېتەرلىك سۇ ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئېلىۋېلىش كېرەك؛

ئاپتاپقا ئۇزاق ۋاقىت قاقلانماسلىق، سالقىن جايدا ئارام ئېلىش ؛

پۈتۈن بەدەندىن تەر چىققاندا، دەرھال سوغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق؛

ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۆيۈشىدىن ساقلىنىش، ئاپتوموبىل ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش؛

ئەگەر ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلار بولسا، تېزلىكتە سالقىن، شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا ئاپىرىپ، دەرھال «120» تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك.

ياز پەسلىدە كۆپچىلىك ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىڭلار