يېڭى بېجىرگەن يانفون كارتىسىغا ئۈندىدار ئىلتىماس قىلىنىپ بولغان بولسا قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
0
2019-08-29 16:37:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

كەسىپ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن يېڭىدىن بىر يانفون كارتىسى بېجىردىڭىز، بىراق كېيىن سىز بېجىرگەن كارتا نومۇرىدا ئاللىقاچان ئۈندىدار ئىلتىماس قىلىنىپ بولغان بولسا بۇ ئەھۋالنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

ئۈندىدار ئورگان تەرەپ بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ، ئۈندىدارنىڭ نورمال ئېچىلىشىنى قوغداشتىكى ھەرخىل تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى.

خەۋەرلىشىش شىركىتى سودىگەرلىرىنىڭ يانفون نومۇرىنى قايتۇرۇۋېلىش مېخانىزىمىنىڭ سەۋەبىدىن ئىككىنچى قېتىم بېجىرىلگەن «يېڭى» يانفون كارتىسىنى بېجىرىپ قالىمىز، ھەم ئۈندىدار ئىلتىماس قىلغان ۋاقتىمىزدا بەلكىم تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغا ئۇچراپ قالىمىز.
 

 

ئىككى ئوخشاش بولمىغان تاللاش، ئوخشىمىغان ئىككى خىل نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا يېڭىلا يانفون كارتىسى ئالماشتۇرغانلار «مېنىڭ ئەمەس، داۋاملىق ئىلتىماس قىلىش» (不是我的,继续注册)نى تاللايدۇ.

ئەگەر ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، بۇ يېڭى يانفون نومۇرى بىلەن قايتۇرۇۋېلىنىشتىن بۇرۇنقى ئۈندىدار نومۇرى ئاپتوماتىك يېشىلىپ كەتكەن بولىدۇ ھەم سىز يېڭى ئىلتىماس قىلغان ئۈندىدار بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك باغلىنىدۇ.

ئەگەر ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا ئۈندىدار ئورگان تەرەپ خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفۇنى (83767606-0755)غا تېلېفون ئۇرۇپ، ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ.

بەزىلەر بەلكىم مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا «مېنىڭ، دەرھال ئېچىش» (是我的,立即登录) نى تاللايدۇ. ئالدى بىلەن، ئۈندىدار سىزنىڭدىن قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق دەلىللەشنى ئىلتىماس قىلىپ، مەشغۇلات قىلىۋاتقان ھېساۋات نومۇرى (账号)نىڭ شۇ يانفون نومۇرى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىنغان ئۈندىدار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئاندىن ئۈندىدار سىز ئېچىۋاتقان ئۈندىدارغا نىسبەتەن ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋىتىنى دەلىللەش (社交关系验证) قىلغاندا تۆۋەنكىدىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋال كۆرىنىدۇ.

بىرىنچى قەدەم: ئۈندىدارداشلىرىڭىزنى دەلىللەش

بىرقاتار باش سۈرەتلەر ئىچىدىن ئۈندىدارىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزغا تەۋە بولغانلىرىدىن بىرقانچىنى تاللايسىز، توغرا تاللىغاندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەملىك دەلىللەشكە ئۆتىدۇ.

 

ئىككىنچى قەدەم: ئۈندىدار سىزنىڭ ئۈندىدار نومۇرىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى بىر قىسىم خاتىرلىرىگە ئاساسەن، سىزگە بىر پارچە «ئىمتىھان قەغىزى» چىقىرىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىز بۇ يەردىكى سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرەلىسىڭىزلا ئۈندىدارىڭىزنى ئاچقىلى بولىدۇ.

ئەگەر يۇقىرىقى دەلىللەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، سىستېما سىزنى كود سىكاننېرلاپ دەلىللەشكە يېتەكلەيدۇ، بۇ كودنى ئەسلى ئېچىلىۋاتقان يانفوندىكى ئۈندىدار ئارقىلىق سىكاننېرلايسىز. ئەگەر سىكاننېرلاشمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، «يانفون يېنىمدا ئەمەس» (手机不在身边)-«باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق دەلىللەش» (通过其他方式验证) دىن ئۈندىدار دوستلىرىڭىز قوشۇمچە تەرتىپىگە كىرىسىز.

ئۈندىداردىكى دوستلىرىڭىزغا بەلگىلەنگەن مەزمۇننى سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزغا يوللىشنى ئۇقتۇرىسىز، بۇنىڭ بىلەن قوشۇمچە دەلىللەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، تەستىقتىن ئۆتۈش سۈرئىتىنى قوشۇمچە دەلىللىگەن دوستلىرىڭىزنىڭ سانى بەلگىلەيدۇ. تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۈندىدارىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىدۇ.

 

پۈتكۈل جەرياندا ئۈندىداردىكى دوستلىرىڭىزنى خاتا تاللاپ قويسىڭىز ياكى سوئالغا خاتا جاۋاب بېرىپ قويسىڭىز ۋە ياكى قوشۇمچە دەلىللەش ئۈچۈن ئۈندىدار دوستلىرىڭىزنى تاپالماي قالسىڭىز ئۈندىدارىڭىزنى ئېچىشىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، مەلۇم ئۈندىدار نومۇرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق چۈشىنىشىڭىز بولمىسا ياكى ئىشلىتىپ باقمىغان بولسىڭىز، شۇ ئۈندىدارغا باغلانغان كارتا بولغان تەقدىردىمۇ ئېچىلماي قالىدۇ، ئوغۇرلاپ ئىچىدىكى پۇلنى ئېلىۋىلىشنى ئويلاشمايلا قويۇڭ.

ئەسكەرتىش:

يانفون نومۇرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشتىن ئىلگىرى ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە دىتاللىرىدىكى باغلانغان يانفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئارقىلىق كېيىنكى كۈنلەردە ھېسابات نومۇرى (帐号)دىكى ھوقۇق-مەنپەئەت ماجراسى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. يانفون نومۇرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرىدىكى باغلانغان نومۇرنى ئۆگەرتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، «مەن-تەڭشەك-ھېساۋات نومۇرى ۋە بىخەتەرلىك-يانفون نومۇرى» (我-设置-帐号与安全-手机号) ئارقىلىق قايتىدىن يېڭى نومۇرنى باغلىۋالسىڭىز بولىدۇ، شۇنداق قىلغاندا ھازىرقى ھېساۋات نومۇرى بىلەن ئىلگىرىكى يانفۇن نومۇرىنىڭ مۇناسىۋىتى قالمايدۇ.

 

 
 
F201908281647081456700574.jpg