دىققەت! توپتىكىلەر سېرىق مەزمۇن ئەۋەتسە، باشقۇرغۇچى قولغا ئېلىنىدۇ!
0
2019-09-02 15:53:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل
يېقىندا گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى چىڭيۈەن شەھىرى ياڭشەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققان بىر جىنايى ئىشلار دېلوسىدا، QQ توپىنىڭ ئۈچ باشقۇرغۇچىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماي، 447 ئەزاسى بار توپتا ئەزالارنىڭ 200دىن ئارتۇق شەھۋانىي كۆرۈنمە چاستوتا يوللىشىغا يول قويغان. ئاخىرىدا بۇ ئۈچ باشقۇرغۇچىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 ئايدىن بىر يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

 
ئىگىلىنىشىچە، ماۋ فامىلىلىك، شيې فامىلىلىك، لىيۇۋ فامىلىلىك 2016-يىلىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن بۇ QQ توپىغا كىرگەن ۋە كەينى-كەينىدىن توپ باشقۇرغۇچى بولغان. 2017-يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە، ماۋ فامىلىلىك ۋە باشقا توپتىكى ئەزالار توپ ئىچىدە نۇرغۇن شەھۋانىي سۈرەت، كۆرۈنمە چاستوتا ۋە مۇناسىۋەتلىك شەھۋانىي كۆرۈنمە چاستوتىلارنىڭ ئۇلانمىسىنى يوللىغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ QQ توپىدا 447 ئەزا بارلىقى بايقالغان. چىڭيۈەن شەھەرلىك نەشر بۇيۇملىرىنى باھالاش كومىتېتى باھالاش ئارقىلىق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بۇ QQ توپىدىن چۈشۈرگەن 251 كۆرۈنمە چاستوتا ئىچىدە شەھۋانىي، قانۇنسىز ئۈن-سىن ھۆججىتى بارلىقىنى بېكىتكەن.
سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق جاۋابكار ماۋ فامىلىلىك، شيې فامىلىلىك، لىيۇۋ فامىلىلىكلەرنىڭ توپ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توپتىكى ئەزالارنىڭ نۇرغۇن شەھۋانىي سۈرەت، كۆرۈنمە چاستوتا ۋە ئالاقىدار شەھۋانىي كۆرۈنمە چاستوتاسى ئۇلانمىسىنى QQ توپىغا يوللاش قىلمىشىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، باشقۇرغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىنتېرنېت توپىدىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تارقاتقان. قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، دەپ قاراپ، قانۇن بويىچە يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقارغان.
سوتچى مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، QQ توپى، ئۈندىدار توپى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تارقىتىش كۆپ قېتىم چەكلەنسىمۇ تۈگىمىدى، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئالاقە تورى توپى ئارقىلىق شەھۋانىي، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، پىتنە-ئىغۋا ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.
بەزى توپ باشقۇرغۇچىلار پەقەت باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىگە بولغان ھوقۇق دائىرىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە سەل قارىغان.

 
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسلىق شەھۋانىي ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تارقىتىدىغان توپ-گۇرۇپپىلارنى قۇرغان، ئەزالىرى 30دىن ئاشقان ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، توپ قۇرغۇچىسى، ئاساسلىق تارقاتقۇچىلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 364-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شەھۋانىي بۇيۇم تارقىتىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 364-ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، شەھۋانىي كىتاب-ژۇرنال، فىلىم، ئۈن-سىن بۇيۇمى، سۈرەت ياكى باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقاتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىي بۇيۇم تارقاتقانلارغا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

 
بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، دەرھال تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، بىر قىسىم تورداش ئۆزى قۇرغان توپلارنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى، بۇندىن كىيىن توپ باشقۇرغۇچىسى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، يەنە بىر قىسىم تورداش ئۆزىنىڭ توپ باشقۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كىيىن مەسئۇلىيىتىنى چوقۇم ياخشى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 
 
 
22222222222.jpg
1124939039_1567091943199_title0h.jpg
F201908281647081456700574.jpg