بۇنداق ئۈندىدار توپلىرىدىن دەرھال چېكىنىڭ
0
2019-09-02 16:11:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل
باشقىلار ئۈندىدار توپقا تارتىپ قويسا يېڭى بىر ماكانغا كىرگەندەك ھېس تۇيغۇدا بولىسىز. يېقىندا نۇرغۇن كىشى مۇنداق بىر ئىشقا يولۇققان. بىر قىزنىڭ قالدۇرغانلىرى: پايچېك توپىغا تارتىلغاندىن كېيىن بىر ئېغىز گېپى بىلەنلا توپتىن تېپىلگەن.

 
 
بۇندىن باشقا يەنە ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققان باشقا كىشىلەرمۇ بار: پايچېك توپىغا كىرىپ ئالدىنىپ كەتكەن. پايچېكلا ئەمەس يەنە لاتارىيە توپى، تالون ئىشلەش توپلىرىمۇ بار.

 
 

 
 

 
 

 
 
گەرچە ئۇلارنى تارتقان توپ ھەرخىل بولسىمۇ ئەمما ھەممىسىنىڭ ئۇسۇلى ئوخشاش بولغان.
بەزى ناتونۇش كىشىلەر دوستقا قوشۇش ئىلتىماسى ئەۋەتىدۇ. ئىلتىماستىن ئۆتكەندىن كېيىنلا سىزنى ھەرخىل پايچېك توپلىرىغا تارتىدۇ. بۇ توپلاردىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ھاۋالە قىلىنغان بولۇپ، «ئوقۇتقۇچى»غا ئوخشاش توۋلاپ توپتا ئاۋات كەيپىيات شەكىللەندۈرىدۇ ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى چوڭ سوممىلىق مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. مەبلەغ ئۇلارنىڭ سۇپىسىغا كىرگەن ھامان ئۇلارمۇ تۇيۇقسىز غايىب بولىدۇ. گەرچە بۇ ناھايىتى گۆدەكلەرچە ئالدامچىلىق بولسىمۇ ئەمما ئالدىنىپ كەتكەنلەر يەنىلا ئاز ئەمەس.
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى خاڭجۇدىكى سۈن خانىمنى ناتونۇش بىر دوستى بىر پايچېك توپىغا تارتقان. دەسلەپتە 6000 يۈەن تاپقان. 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن سۈن خانىم سۇپىدا ھېسابات ئېچىپ ئۇدا 60 مىڭ يۈەن سالغان ۋە بىر نەچچە كۈندىلا بۇ پۇل 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئۇ خۇشاللىقىدىن تېرىسىگە پاتماي قېلىپ ئاسان پۇل تاپىدىغان يولنى تاپتىم دەپ قالغان. بىراق شۇندىن كېيىن ئىزچىل زىيان تارتىپ كەتكەن. ئومۇمەن 150 مىڭ يۈەن سالغان بولۇپ ئاخىرىدا ھېساۋاتىدا 50 مىڭ يۈەنلا قالغان. سۈن خانىم پۇلنى چىقىرىۋالماقچى بولغاندا سۇپىدا چىقىرىش ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن بىراق بانكا كارتىسىغا پۇل كىرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن سۈن خانىم گۇمانلىنىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق گۇماندارلارنىڭ ئىقرار قىلىشىچە بۇ پايچېك توپىدىكى 16 ئادەمنىڭ 15ى ئالدامچى بىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەن. كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ ئالدامچىلىقتىن يىراق تۇرۇڭ.
 
 
22222222222.jpg
1124939039_1567091943199_title0h.jpg
F201908281647081456700574.jpg