\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇل دېگەننى مۇنداق باسىمىز، بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 15:43

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019-يىلى نۇسخىسىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى بۈگۈن (8-ئاينىڭ 30-كۈنى) رەسىمىي تارقىتىلىدىكەن. يېڭى نۇسخىدىكى خەلق پۇلىدا لايىھەلەش جەھەتتە قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟ ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىشتا قانداق ئالاھىدە تېخنىكلار ئىشلىتىلدى؟

 

مۇخبىر ئېلىمىزنىڭ پۇل بېسىش، تەڭگە پۇل ياساش باش زاۋۇتى قارمىقىدىكى شىجياجۇاڭ پۇل بېسىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە بېرىپ، يېڭى نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ بېسىپ چىقىرىلىش پۈتۈن جەريانىنى كۆردى.


 

2019-يىلى نۇسخىسىدىكى قەغەز پۇلغا ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئالتە خىل ئالاھىدە تېخنىكا ئىشلىتىلدى

2019-يىلى نۇسخىسىدىكى خەلق پۇلىنىڭ 50 يۈەن، 20 يۈەن، 10 يۈەن، بىر يۈەنلىك قەغەز پۇلىغا ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئالتە تۈرلۈك پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى قوللىنىلدى.  ئۇلار ئايرىم ھالدا: رەڭلەنگەن نۇرلارنىڭ يۈزىدىكى سان-سىپىرلار، نۇرسىمان نەققاشلىق بىخەتەرلىك سىمى، ئويما باسما، گۈل-گىياھ سۇ باسما، يىلىم باسما، سۇ باسمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

 

 

 

بۇ قېتىم بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بېسىش سەۋىيەسى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، پەرقلەندۈرۈش ئاسان، ياساش تەس، ئوبوروتقا چىداملىق بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.  جۇڭگو پۇل بېسىش باش شىركىتىنىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى ليۇ يۇڭجياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2019-يىلى نۇسخىسىدىكى خەلق پۇلى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى ۋە ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى خېلى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن. 

2019-يىل نۇسخىسىدىكى خەلق پۇلىنى بېسىش تەرتىپىدە ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ بەت ياساش، پۇل بېسىش، مەخسۇس قەغەز ۋە باسما مېيى قاتارلىق ھالقىلارغا چېتىلىدۇ، بېسىش بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ھالقا.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有