\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى»دا ئوقۇتقۇچىڭىز سىزگە قىلغان «يالغان سۆزلەر»نى ئەسلەڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-10 10:54

 

ئالىي مەكتەپكە چىققاندا ئەركىن بولىسىلەر، ھېچكىم ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايدۇ، ھېچكىم باشقۇرمايدۇ.

 

كىمنىڭ يانفونى سايرىدى؟ دەرھال تاپشۇرۇش، مېنى قول سالغۇزما!

 

يەنە ئىككى مىنۇت سۆزلىۋېتەي...

 

بۇ دېگەن نومۇر ئالىدىغان سوئال، بۇ سوئال چوقۇم ئىمتىھانغا چۈشىدۇ، كىم بىلىۋالمىسا شۇ زىيان تارتىدۇ.

 

سىلەر مەن تۇتقان ئەڭ ناچار سىنىپ.

 

تەنتەربىيە مۇئەللىمنىڭ بۈگۈن ئىشى چىقىپ قاپتۇ، بۇ سائەتتە سىناق سوئالى ئىشلەيلى.

 

سەن بۇ خەتنى ماڭا بەرگىن، مەن كاپالەت بېرەي، ھەرگىزمۇ كۆرۈۋالمايمەن.

 

سەن ماڭا كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسەڭلا، بۇ ئىشنى ئاتا-ئاناڭغا ئېيتمايمەن.

 

ئەينى چاغدا مەن پالانى-پۇكۇنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان، لېكىن مەلۇم سەۋەب بىلەن بۇ جايدا ئوقۇيالمىغان.

 

سىلەر ھازىر كىچىك، مۇھەببەتلىشىش دېگەن چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئىش.

بىز پۈتتۈرىدىغان چاغدا مۇئەللىم ئاندىن ھەقىقىي راست گەپنى قىلدى: «بۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىڭلار».

ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمىزدا بىزگە بىلىم بەرگەن ئاشۇ مۇئەللىملەرگە رەھمەت ئېيتىمىز، مەيلى بۇرۇن كەپسىزلىكىمىزدىن ئۇلارنى قانچىلىك رەنجىتكەن بولايلى، ئۇلار قەلبىمىزدە مەڭگۈ ئۇلۇغ كىشىلەر.

中央广播电视总台 央广网 版权所有