\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا سوۋغا! چەت ئەلدىكى سىياسىي ئەربابلارنىڭ «شەپقەتچى ئۇستازى»

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-10 11:11

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا سوۋغا! چەت ئەلدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلارنىڭ «شەپقەتچى ئۇستازى»، ئۇلارنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشىدە تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ

2019090917292144602.jpg 

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدا كەسپىنى سۆيۈپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان، بىزگە ئۈن-تىنسىز بىلىم بەرگەن نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچرىتىمىز. ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاشلا چەت ئەل سىياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ ئۇنتالمايدىغان «شەپقەتچى ئۇستازى» بار بولۇپ، دەل مۇشۇ ئۇستازلىرى ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن يېتەكلەپ، ئاخىرى سىياسىي ساھەدە يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا ياردەم بەرگەن. سۈرەتتە: فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ۋە ئۇنىڭ ئايالى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى بىرىگىت.

2019090917292015993.jpg 

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ شەپقەتچى ئۇستازى، سىياسىي ساھەدىكى يول باشلىغۇچىسى: سوبچاك. سوبچاك ھايات ۋاقتىدا پۇتىننىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، شۇنداقلا پۇتىننىڭ سىياسىي سەھنىگە كىرىشىدىكى «يول باشلىغۇچىسى» ئىدى. ئۇ ساينت پېتېربۇرگ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى سايلىمىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، پۇتىننى ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ ئۆستۈرگەن. ئىككەيلەننىڭ شەخسىي مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. كىيىن سوبچاك سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سىياسىي رەقىبىنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان، پۇتىنمۇ سوبچاكقا ئەگىشىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئايرىلغان ھەمدە: «ئاسىيلىق قىلىپ ياشاشتىن، سادىق بولۇپ دارغا ئېسىلىپ ئۆلۈش ياخشى» دەيدۇ.

2019090917292134895.jpg 

گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ شەپقەتچى ئۇستازى: گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى كول. گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى كول مېركىلغا گېرمانىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە تۇتىشىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بەرگەن، كولنىڭ ئېتىبار بېرىشى بىلەن مېركىلنىڭ گېرمانىيە سىياسىي مۇنبىرىدىكى «خادىغا تايىنىپ سەكرەش» ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ بىر مەھەل «كولنىڭ قىزى» دەپ ئاتالغان. كول مېركىلنىڭ شەپقەتچىسى ئۇستازى، ئۇ مېركىلنى ھىمايىسىگە ئالغان بولۇپ، ئۇستازىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مېركىل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گېرمانىيە ئائىلە ۋە ئاياللار ئىشلىرى مىنىستىرى، مۇھىت مىنىستىرى، دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

2019090917292288010.jpg 

ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارىنىڭ شەپقەتچى ئۇستازى: ئانىسى دېروزى (Dorothy). بەزىلەر ھىلارىدىن ئۇنىڭ ھاياتىدا قايسى ھەل قىلغۇچ پەيتنىڭ ئۇنى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشتۇرغانلىقىنى سورىغان، ھىلارى جاۋاب بېرىپ، ئاياللار ھەرىكىتى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ھىلارى مۇنداق دېگەن: «تېخىمۇ شەخسلەشتۈرۈپ ئېيتقاندا، مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئانامغا مەنسۇپ دەپ قارايمەن. ئۇنىڭغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى بولمىغان، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن. لېكىن ئۇ ماڭا بىر خىل ئىشەنچ ئاتا قىلدى، ئۇ بولسىمۇ قەتئىي نىيەتكە كەلسىلا ھەرقانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىدۇر. ھېچكىمنىڭمۇ ئاپامغا ئوخشاش مېنىڭ تۇرمۇشۇم ۋە ئادىمىيلىكىمگە بولغان تەسىرى بۇنچە چوڭقۇر بولۇپ باقمىغان».

2019090917292218519.jpg

 

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شياۋچۈەن چۈنيىلاڭنىڭ سىياسىي ئۇستازى: ياپونىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئابې تەيلاڭ. ئابې تەيلاڭ شياۋچۈەن چۈنيىلاڭنىڭ سىياسىي ئۇستازى، «شەپقەتچىسى». 1988-يىلى، دەل ئۇنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن شياۋچۈەن چۈنيىلاڭ بامبۇك ئاستىدا ئىچكى كابىنېتتا ۋەزىپە ئۆتەشكە مۇيەسسەر بولغان ھەمدە كېيىن بىردىنلا باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، يۇقىرى ئورۇنغا چىققان.

2019090917292174902.jpg 

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بۇشنىڭ «ئۇستازى»: دادىسى چوڭ بۇش. بۇش جەمەتىنىڭ ئىناۋىتى ۋە تەسىر كۈچىگە پەقەت كېننېدى جەمەتىلا تەڭ كېلەلىشى مۇمكىن، دادىسى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى چوڭ بۇشنىڭ تەسىرى ئاستىدا، كىچىك بۇشمۇ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.

2019090917292224056.jpg 

نىيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى بېل (Bill de Blasio)نىڭ «شەپقەتچى ئۇستازى»: ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتون. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئامېرىكا نيۇيورك، بېل سابىق زۇڭتۇڭ كىلىنتوننىڭ نازارەتچىلىكىدە قەسەم بېرىپ نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有