\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمىشقا كىشىلەر iPhoneنى «بۆرەك يانفونى» دەپ ئاتىۋالغان؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-10 11:29

كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئالما يانفونىنى سۈپىتى ئەڭ ياخشى يانفون مەھسۇلاتى دەپ قارايدۇ. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ باھاسىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، بۇلتۇر يېڭىدىن چىقارغان بىر قانچە خىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىمۇ 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كۆپچىلىك ئالما يانفونى سېتىۋالغاندا، يەنىلا نىسبەتەن ئاقىلانە بولغان بولۇپ، لېكىن ئالما يانفونى ئەمدىلا بازارغا سېلىنغان ئاشۇ بىر نەچچە يىلدا، نۇرغۇن پاجىئەلەر كۆرۈلگەن ئىدى.

ئەمەلىيەتتە ئالما يانفونىنىڭ باھاسى ئىزچىل بىر قەدەر قىممەت بولۇپ، گەرچە بۇ باھا بىر قەدەر باياشات كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا خېلى قوبۇل قىلغۇدەك بولسىمۇ لېكىن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەخسۇس يانفون سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئايرىپ قويۇشى خېلىلا تەسكە توختايتتى. يەنە كېلىپ نۇرغۇن ياش-ئۆسمۈرلەر، جۈملىدىن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بەزى ئوقۇغۇچىلارنى بۇ باھانى پەقەتلا قوبۇل قىلالمايتتى. لېكىن كۆپ ھاللاردا نەق مۇشۇنداق پۇل تېپىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەردىكى شۆھرەتپەرەسلىك ئىدىيىسى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

سەككىز يىل بۇرۇنلا مۇشۇنداق بىر ئوغۇل بالا بار ئىدى. لېكىن ئۇ ئەخمەق ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ئالما يانفونى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بىر ئىشنى قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشنى تازا چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، چۈنكى بۇ ئوغۇل بالا ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى سېتىۋەتكەن.

ئىلگىرى ئىزچىل بەزىلەر بۆرەك سېتىپ iphone سېتىۋالماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، خېلى بىر مەزگىل iphone يانفونىنى كىشىلەر بۆرەك يانفونى دەپ ئاتىغان ئىدى. لېكىن سەككىز يىل بۇرۇنقى ھاياجانچىلىقتا بۆرەك سېتىپ iphone سېتىۋالغان يىگىت كېيىن قانداق بولدى؟ ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ ھەم نەپرەتلەندۈرىدۇ!

بۇ ئەخمەق ئۆزىنىڭ بىردەملىك شۆھرەتپەرەسلىكى ئۈچۈن بەدىنىنى نابۇت قىلدى. بۆرەكتىن ئىبارەت بۇ ئەزا بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر بۆرىكىمىزدە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ئۆزىمىزنىڭ روھىي ھالىتىمىزمۇ زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

لېكىن ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئوغۇل بالا ئۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمىگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەزاسىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن پۇلنى ئېلىپ بىر iphone يانفونى سېتىۋالدى، لېكىن كېيىنكى ئىشلار ئۇ ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي بولمىدى.

بۆرىكىنى سېتىپ iphone سېتىۋالغان بۇ يىگىت ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇقۇملىنىپ قالغاچقا، يارا ئېغىزى ياللۇغلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىن ياخشى كۈتۈنۈشكە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئوغۇل بالىنىڭ سالامەتلىكىدە ناھايىتى ئېغىر مەسىلە كۆرۈلدى، مەكتەپتىمۇ نورمال ئوقۇيالمىدى، ئۆيىدىكىلەرمۇ ئامالسىز ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ ياخشى كۈتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئائىلىسى ئۈچۈن ناھايىتى زور يۈك بولۇپ قالدى. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور داۋالاش ھەققى تۆلەيتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىدا بۇ پۇللارنى تۆلەپ بولالمايتتى. مۇشۇۇ ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى پەقەت بىر يانفون ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشى پەقەت ئۇنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىدىن بولغان. ئەمەلىيەتتە يانفونغا ئوخشاش پەقەت بىر خەۋەرلىشىش قورالى، قانداقمۇ ئۇنىڭ سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالىسۇن؟

ئاڭلىماققا بۇ ياشنىڭ پاجىئەسى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ. بىر يانفون دېمەككە ھېچقانچە ئىش بولمىغىنى بىلەن، ئەمما بىر ئوغۇل بالا ئۆزىنىڭ بەدەن ئەزاسى ئارقىلىق دەۋىر ئالماشسىلا مودىدىن قالىدىغان شۇ نەرسە ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بەدەلنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ، ئورنىنى تولدۇرغىلىمۇ بولمايدۇ.

ھازىر بىز بەزى كىشىلەر چاقچاق قىلغاندا، دائىم بۇ ئىشنى تىلغا ئالىدۇ. لېكىن تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ روھىي ھالىتىنى توغرىلىشىمىز، بەزى مەۋھۇم نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بار-يوقلۇقىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بۇ ئاتالمىش ئاچكۆزلۈك ۋە شۆھرەتپەرەسلىك ئۈچۈن ساغلاملىقىمىزنى سەرپ قىلىشىمىزنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق. شۇڭا ياشلارغا ئۆزىنىڭ بەدىنىنى ئاتالمىش شۆھرەتپەرەسلىك ئۈچۈن مۇشۇنداق نابۇت قىلماسلىققا نەسىھەت قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، شۆھرەتپەرەسلىك بىردەملىك ئىش، لېكىن ساغلاملىق ئۆمۈرلۈك ئىش!

中央广播电视总台 央广网 版权所有