\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئارخېئولوگلار 2137 يىل بۇرۇنقى قەبرىدىن «يانفون» بايقىدى؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-10 11:38
 

 

ئىلمىي فانتازىيەنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «زامان ساياھىتى»گە چوڭقۇر ئىشىنىدىغان بولۇپ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى ئىلىم-پەن سەۋىيىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقىي «زامان ساياھىتى» ئىنسانلارغا نىسبەتەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان «شېرىن چۈش» ئىدى، خالاس.

رۇسىيەدىكى شەخسىي تاراتقۇلارنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە ئارخېئولوگلىرى يېقىندا رۇسىيە تەۋەسىدىكى «ئاتلانتىس» ناملىق قەدىمىي قەبرىدىن ھازىرقى زامانىۋى يانفونغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر بۇيۇمنى قېزىۋالغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇر توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن دەرھال كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاپ شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان.

 

«سىبىرىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىگىلىنىشىچە، يانفونغا ئوخشايدىغان بۇيۇم بايقالغان قەبرىنىڭ ئىگىسى ناھايىتى ياش تۇرۇپلا بەختكە قارشى قازا قىلغان ئايال بولۇپ، بۇ قەدىمىي قەبرە تەخمىنەن 2137 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن.

 

نەق مەيداندىن تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئارخېئولوگلار بۇ قەدىمىي قەبرىنى قېزىپ بايقالغان بۇيۇملارنى رەتلەۋاتقاندا يانفونغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بۇ نەرسىنى بايقاپ قالغان، ئارخېئولوگلار بۇ نەرسىنىڭ ئۈستىدىكى چاڭ-توزانلارنى پۈۋلەپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسلىدە ئاستى ۋە ئۈستى تەرەپلىرىگە تۆشۈك ئېچىلغان غەلىتە تاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

پائۇل لېئۇس (Pavel Leus) ئىسىملىك ئارخېئولوگ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايالنىڭ قەبرىسى ناھايىتى قىزىقارلىق دەپنە بۇيۇملىرى بايقالغان قەبرىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىز بايقىغان مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ <ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون> بۇ قەبرىنى تېخىمۇ ئالاھىدە تۈسكە ئىگە قىلغانىدى».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يانفونغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بۇ بۇيۇمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 9 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى يانفونغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس ئىكەن، بۇ نەرسە ئەينى دەۋردىكى زىننەت بۇيۇمىغا ئوخشايدىغان نەرسە ئىكەن.

ئارخېئولوگلار بۇ قېتىمقى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش جەريانىدا يەنە ئىككى يېرىم دانە مومىيالاشتۇرۇلغان جەسەت شۇنداقلا ئۇلار ئەينى چاغدا ئىشلەتكەن بۇيۇملارنى بايقىغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有