\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو توكلۇق ئاپتوموبىلى مىڭجۆMG ZS ياۋروپا بازىرىغا يۈرۈش قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-29 11:09

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، 500 دانە مىڭجۆ MG ZS توكلۇق SUV ئاپتوموبىلى شاڭخەي خەيتوڭ پىرىستانىدا دومىلىما يۈك پاراخوتىدا ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىندى. بۇ جۇڭگونىڭ مۇستەقىل ماركىسىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئېكسپورت قىلىنىشى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ يەككە قېتىملىق توشۇلۇش مىقدارىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتتى. مىڭجۆ ئەنگلىيەنىڭ يۈز يىللىق ماركىسى MG دىن كەلگەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە يېڭى ھاياتىي كۈچ بىلەن ياۋروپاغا قايتىپ كەلدى. ھەمدە «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى» دىكى ئىلغار ياسىمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باشقا ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى.

بۇ قېتىم ئېكسپورت قىلىنغان 500 دانە MG ZS ساپ توكلۇق SUV ئاپتوموبىلى گوللاندىيە ۋە نورۋېگىيەدىكى «خوجايىن» لىرىنى كۈتۈۋالىدۇ. «شاڭخەي ياسىمىچىلىقى» نىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى دۇنيا بازىرىغا يۈزلەنگەن MG ZS ساپ توكلۇق SUV نى بازارغا سېلىپ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە نورۋېگىيەدە «توكلۇق ئاپتوموبىل قىزغىنلىقى» نى قوزغىۋەتتى. ھەمدە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ياۋروپادىكى بۇ ئۈچ دۆلەتتە 3000 دىن ئارتۇق زاكازغا ئېرىشتى.

بۇلتۇر ياۋروپا ئاپتوموبىل بازىرىدا 17 مىليون 700 مىڭ ئاپتوموبىل سېتىلغان. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە توكلۇق ئاپتوموبىل ئاران 200 مىڭ ئىدى. ياپونىيە فۇجى ئىقتىسادىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسىدە يەر شارى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرى جۇڭگو ۋە ياۋروپانى مەركەز قىلغان ھالدا ئاشىدىكەن. 2035-يىلى ياۋروپادىكى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل سانى ئالتە مىليوندىن ئاشىدىكەن.

ياۋروپا ئاپتوموبىل سانائىتى بارلىققا كەلگەن جايلارنىڭ بىرى. شۇڭا ئاپتوموبىل بازىرى رىقابىتى كەسكىن، مەھسۇلات ئىجازىتى ئۆلچىمى قاتتىق. جۇڭگو ياسىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ياۋروپا ئىستېمالچىلىرىنىڭ قەلبىنى مايىل قىلالىشىنى شاڭخەي ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ كۈچلۈك مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا تىجارەت ئىقتىدارىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ خەلقئارا تىجارەت كەسپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى. لوندون، كرېمنىي جىلغىسى ۋە تراۋىفتا يېڭىلىق يارىتىش-تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى تەسىس قىلىپ تايلاند، ھىندونېزىيە ۋە ھىندىستاندا ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش بازىسى قۇردى.

ئالاقە تورى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تىرىكى ئاستىدا، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ 2018-يىلى چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلغان ئاپتوموبىل سانى 277 مىڭغا يېتىپ ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. ھەمدە چەتئەللەردىكى بارلىق جۇڭگو ماركىلىرىنىڭ ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %23 كە يەتتى.

نۆۋەتتە شاڭخەي ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بەش قىتئەدىكى 60 نەچچە دۆلەتكە كىرىپ تايلاند، ئەنگلىيە، ھىندونېزىيە، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيەدە تۈمەن دەرىجىلىك رايون بازىرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ھىندىستاندىكى تۇنجى ئالاقە تورى ئاپتوموبىلى تىپى MG HECTOR رەسمىي بازارغا سېلىنىپ ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ھەمدە ئىككى ئاي ئىچىدە 28 مىڭ زاكاز تالونىغا ئېرىشتى. ئەمما ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە زاكاز قوبۇل قىلىش ۋاقتىنچە توختىتىلغان بولۇپ ھىندىستانمۇ پات ئارىدا شاڭخەي ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ تۈمەن دەرىجىلىك يەتتىنچى رايون بازىرىغا ئايلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有