\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كەلگۈسىدە iPhoneنىڭ لوگوسىغا LED چىراغ ئورنىتىلىشى مۇمكىن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-29 11:30

 

چەتئەل تاراتقۇسى gsmarenaنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك پاتېنتتىن قارىغاندا، كەلگۈسىدىكى iPhoneغا مەلۇم شەكىلدىكى LED ئۇقتۇرۇش چىرىغى ئورنىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ پاتېنتتا بىر ئەقلىيفوننىڭ ئارقىسىدىكى سۈزۈك LED چىراغ مەزمۇنى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ LED چىراغ يەنە بىر كونترول توك يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، تېلېفون كەلگەن ياكى ئۇقتۇرۇش كەلگەندە مۇناسىپ رەڭگە ئالمىشىپ تەڭشىلىدىكەن.

بۇرۇن ئالما MacBook خاتىرە كومپيۇتېرىدىكى Aنىڭ ئۈستىدىكى ئالما لوگوسى نۇر چىقىرىدىغان قىلىنغان، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالما بۇ ئىقتىدارنى ئېلىۋەتتى، كۆپلىگەن ئالما مەستانىلىرى ئالمىنىڭ بۇ نۇر چىقىرىدىغان لوگونى iPhoneغا قوشۇشنى ھەمدە يانفوننىڭ ئەسكەرتمە چىرىغى قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا، بۇرۇن ئەل ئارىسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ iPhoneلىرىغا نۇر چىقىرىدىغان ئالما لوگوسى ئورناتقان. ئالمىنىڭ بۇ پاتېنتى دەل ئالما مەستانىلىرىنىڭ ئارزۇسى.

ئەلۋەتتە gsmarenaمۇ بۇنىڭ پەقەت بىر پاتېنت ئىكەنلىكىنى، 

中央广播电视总台 央广网 版权所有