\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىتتىپاق ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا يېقىنلىشىۋاتقان چاغدىكى سۈرىتى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-29 11:44

 مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئۈچ نەپەر يېڭى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۈتۈۋالدى، بۇ قېتىمقى ئۇچۇش ۋەزىپىسىدە ناسانىڭ Jessica Meir، رۇسىيەنىڭ Oleg Skripochka، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ Hazzaa Al Almansoori قاتارلىق يېڭى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەلقارا بوشلۇق پونكىتىغا يېتىپ كەلدى. بۇرۇنقىغا ئوخشاش يېڭى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئوربىتا تەجرىبىخانىسىغا يېتىپ كېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ.

ناسانىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى Christina Koch خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا تۇرۇۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېڭىدىن كەلگەن بۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، بۇ زور دەرىجىدە ئۇنىڭ Meir بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېڭى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان پەيتتە، Koch ئالاقە تورىدا بىر پارچە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرەتنى ئېلان قىلدى، ئۇ بۇ جەرياندا رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاق ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان ئىدى.

Koch تارتقان بۇ سۈرەتتىن خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا يېقىنلىشىۋاتقان ئالەم كېمىسىنىڭ توختىماستىن تەۋرىنىۋاتقان، ئۇزۇن تۇمان قۇيرۇقىنىڭ نەچچە نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۇمان بۇلۇتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يورۇق نۇقتا دەل ئالەم كېمىسىدۇر. خۇددى Koch ئالاقە تورىدا ئېيتقاندەك ئۇ ھازىر ئىككىنچى باسقۇچلۇق قويۇپ بېرىش ھالىتىدە تۇرماقتا.

يەنە بىر نۇقتىدىن تارتىلغان ئالەم كېمىسىنىڭ خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا يېقىنلىشىۋاتقان چاغدىكى سۈرىتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خۇددى بەزى كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش سۈرەتتىن يۇلتۇزلارنى كۆپ كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاتموسفېرا قاتلىمى كىشى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە يۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بىز دائىم كۆرۈپ ئادەتلىنىپ كەتكەن كىچىك يورۇق نۇقتىلارنى بېسىپ كەتكەن.

Koch تارتقان سۈرەت ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈچ نەپەر يېڭى ئالەم ئۇچقۇچىسى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا بىخەتەر يېتىپ باردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有