\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

70 يىللىق گۈزەللىك سەپىرى: بۇ مودىلاردا سىز بارمىكەنسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-02 14:28

70 يىللىق گۈزەللىك سەپىرى

مەنبە: سۇمۇرغ ھەپتىلىكى ئۈندىدار سالونى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئاپتورى: گو مېيلى

ھازىرقىدەك گۈزەل كۈنلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن جۇڭگو خەلقى توپتوغرا 70 يىل تىرىشتى.

1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تيەنئەنمېن راۋىقى ئاستىدىكى كىشىلەر قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭراتتى. سېپىل راۋىقى ئاستىدا 300 مىڭغا يېقىن ئادەم دېڭىزى يىغىلغان ئىدى، ئۇ چاغدىكى كىشىلەر شەپكە، جوڭشەن فورمىسى، ھەربىي كىيىم كىيگەن، قىسقا چاچ قويغان، كادىرلار فورمىسى ۋە ھەربىي كىيىم كىيگەن ئەر-ئاياللارنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ كۈلكە چىرايىدىن شۇ دەۋرنىڭ خاتىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى.

بۈگۈنكى كىشىلەر ئىنتىلىۋاتقان «ئاقپىشماق» گۈزەللىككە تۈپتىن ئوخشىمايدىغىنى، 1949-يىلىدىكى جۇڭگولۇقلار ئاددىي ئەمگەك گۈزەللىكىگە ئىنتىلەتتى. ليۇ خۇلەنچە چاچ قويغان، ئىنقىلابىي كىيىملەرنى كىيىۋالغان قىزلارنىڭ ھەممىلا يېرىدىن دەۋرنىڭ ئەڭ مودا ئېقىمى چىقىپ تۇراتتى. داۋالغۇش يىللىرىدا قېپقالغان ئىزلار كىيىم-كېچەكتە قىلچە ساقلىنىپ قالمىدى.

مىنگو دەۋرىدە كەڭ تارقالغان چىپاۋ كىيگەن قىزلار بۇ دەۋردە كاپىتال ئېقىمى دەپ قارىلىپ، كونا جەمىيەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. بۇ مەزگىلدە، كىيىم-كېچەك شەخسىي مەيداننىڭ ئىپادىلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جوڭشەن فورمىسى بىلەن ھەربىي فورمىنىڭ ئالاھىدىلىكى يۇغۇرۇلغان كادىرلار فورمىسى ھەم جوڭشەن فورمىسىنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالدى، ھەم ھەربىي فورمىغا ئوخشىشىپ كەتكەچە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.

سېرىق، كۈلرەڭ، كۆك رەڭلەر خېلى بىر مەزگىلگىچە كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدە مۇتلەق مودا بولۇپ كەلگەن.

ئاددىي كىيىم-كېچەك ۋە رەڭلەر ئىچىدە قاپقارا، قويۇق، پارقىراق ئۆرۈمە چاچ قىزلارنىڭ گۈزەللىك ئەڭگۈشتىرىگە ئايلانغانىدى.

 

كىيىم-كېچەكتىكى ئۆزگىرىش دەۋرى

كىيىم-كېچەكتىكى ئۆزگىرىش ئاستا-ئاستا يۈز بەرمەيدۇ. 1956-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر رەھبىرى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە، جۇڭگونىڭ كىيىمى سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەت ئوبرازىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئاياللار گۈللۈك كىيىم كىيىپ، سوتسىيالىزمنىڭ گۈللەپ ياشنىغان قىياپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك، دېگەن. ئارقىدىنلا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، «ھەممەيلەن گۈللۈك كىيىم كىيەيلى» ئېقىمى مودا بولغان.

1956-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو مەملىكەتلىك ئاياللار كىيىمى تەشكىلاتى ئۆتكۈزگەن مودا كىيىم كۆرگەزمىسىدە، مودېل ئۇزۇن گۈللۈك كۆينەكنى نامايان قىلماقتا.

سوۋېت پاسونىدىكى كۆينەك، قىسقا كۆينەكۋە بۈگۈنكى كۈندە ئالاقە تورى ساھەسىدىكى پروگرامما تۈزگۈچىلەر ياخشى كۆرىدىغان كاتەكچە ئېلېمېنتلار گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئاياللارنىڭ كىيىمىدە پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

1956-يىلى 4-ئايدا مودا كىيىملەر كۆرگەزمىسىدە مودېل ئايال دېھقانلارنىڭ بىر قۇر كىيىمىنى نامايەن قىلدى.

جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى ھەر خىل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيگەن قىزلار كوچىدا غايىب بولۇشقا باشلىدى.

ئەمما ئۇششاق گۈل نۇسخىسى ساقلىنىپ قالغان. ھەر خىل پاسوندىكى قىسقا چاپانلار بۇ مەزگىلدە قىزلارنىڭ چىرايلىق ياسىنىشىدىكى مۇھىم تاللاش بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا، قىزىل چاچ لېنتىسى، قىزىل چاچ قىسقۇچ، قىسقا چاچ لېنتىسى، ماخۇا قىزىل چاچ لېنتىسى گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ھەر بىر قىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ياخشى دوستى بولۇپ قالدى.

گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىزلار قانداق پاسوندا ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ.

ئۇچىسىغا يېشىل رەڭلىك ھەربىي فورما، شەپكە كىيىش، بەلباغ تاقاش ئەينى چاغدا مودا بولغان كىيىملەر ئىدى.

يېشىل سومكا، قىزىل يەڭ بەلگىسى ۋە ئىزنەك تاقىۋېلىش ئەڭ مۇھىم مودا بولۇپ قالدى.

قىزىل ۋە ھەربىيچە يېشىل رەڭ مۇتلەق مودا رەڭ بولۇپ قالدى.

بۇ دەۋردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، نېمە كىيىش كېرەك؟

رەسىملىك ژۇرنال دەل مۇشۇ ئېستېتىكنىڭ توغرا كۆرسەتكۈچى بولۇپ قالدى.

ئادەتتىكى تۇرمۇش كىيىمى ئۆزگەرتىلگەندىن باشقا، خىزمەت فورمىسىمۇ مۇشۇ دەۋردىكى ئاساسىي ئېقىم ئېستېتىكىسىنىڭ بىرى ئىدى.

خىزمەت كىيىمىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر پارچە گۈللۈك ياقا بۇ مەزگىلدىكى ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكنى سۆيۈش ماھارىتىنى نامايەن قىلىش ھېسابلىنىدۇ.

 

كېلىڭلار دوستلار دىسكو ئوينايلى

70-يىللارغا كەلگەندە كەڭ كۆلەمدىكى قىزىل ۋە يېشىل رەڭلەر پەسىيىشكە باشلىدى. گەرچە كىشىلەر يەنىلا قارا، كۈل رەڭ، كۆك رەڭلىك چوڭ ئىشتان كىيىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن چاپان ئاستا-ئاستا رەڭگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى.

1975-يىلى گۈل كۆتۈرۈۋالغان ياش قىز-ئاياللار گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

گېرمانىيە زۇڭلىسى خېرمۇت شىمىت جۇڭگوغا كېلىپ رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

1978-يىلى ئىنتايىن مۇھىم بىر دەۋر نۇقتىسى بولدى: جۇڭگو خەلقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالدى.

ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان پاختا رەخت بىلەن كەڭ-كۇشادە تەمىنلەش كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەك ئېستېتىكىسىنى ھەقىقىي چەكسىز ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.

سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەتلەر كەڭ تارقىلىشقا ئەگىشىپ كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جۇڭگوغا ئەڭ بۇرۇن كىرگەن مودا ئىشتان شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ياشلىق ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى.

ئۈنئالغۇ لېنتىسى، ئۈنالغۇ، كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتان، جەلپكار دىسكو قوشۇلۇپ، كىممۇ بۇ دەۋردىكى ياشلارنى ئەڭ مودا ياشلار ئەمەس دېيەلەيدۇ؟

ئەلۋەتتە، ئەگەر تېخىمۇ مودا نەرسىلەرنى تېپىپ چىقىشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتاننىڭ ئۈستىگە ئەر-ئايال، قېرى-ياشلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان، ھەرقانداق ئادەم رەت قىلالمايدىغان ئۆتكۈر قورال-پارقىراق كۆزئەينەك بولۇشى مۇمكىن.

يۈننەن جىڭخوڭ، پارقىراق قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان ئۈچ مودا ياش.

دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى تەسىرىدە زامانىۋى مودا كىيىملەر جۇڭگو ياشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.

كۆزەينەك دەل مۇشۇ دەۋرنىڭ ئېستېتىك روھى بولۇپ، تاقىۋالسىلا ئىش پۈتىدۇ.

بىر قىسىم كىشىلەر تېخى كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتان ۋە قارا كۆزەينەكدىن ئۆزىنى تارتالمايدىغان ھالەتتە يۈرۈۋاتقاندا، بىر قىسىم كىشىلەر تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا گۈزەللىك قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.

80-يىللارنىڭ سېھرىي كۈچى شۇكى، يېڭى شەيئىلەرنىڭ مودا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشى ئىلگىرىكى بارلىق يىللاردىكىدىن بەكرەك كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. 80-يىللاردىكى مودېل مېڭىش مۇسابىقىسىنى بۈگۈنكى كۈنگە قويغاندىمۇ ھېچ چېنىپ قالمايدۇ.

مودېللار خەلقئارا جەمئىيەت باش تېما قىلىنغان مودا كىيىملەرنى نامايەن قىلدى، سۈرەتتە مودېللار يېرىم شار ئورنىتىلغان كىيىملەرنى نامايەن قىلدى.

تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ تىرىك مودېللار ئارقىلىق سۇ ئۈزۈش كىيىمىنى تەشۋىق قىلىشىنى بۈگۈنكى كۈندىكى توردا تەشۋىق قىلىشتىن بەكرەك ئۈنۈملۈك ياخشى ئۇسۇل دېيشىكە بولىدۇ.

ئىككى قىزچاق سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىنىڭ دېرىزىسىدە نامايەن بولدى، بۇ سودا ساراي شاڭخەينىڭ نەنجىڭ يولىدا يېڭىدىن تىجارەت باشلىغان بىر كىيىم-كېچەك، تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، 1984-يىلى قويۇلغان «كوچىدا مودا بولغان قىزىل يوپكا» ناملىق كىنونىڭ قويۇلۇشى شەھەر-سەھرا قىزلىرىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن گۈزەللىككە ئىنتىلىش ھېكايىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.

بۇ كىنو بۈگۈنكى كۈندە قويۇلسىمۇ يەنىلا ياخشى باھاغا ۋە بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

مۇھىمى بۇ كىنو ئارقىلىق گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئاياللار گۈزەللىككە ئىنتىلىشىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى.

ئاياللار ئەمدى گۈزەللىكنى سۆيۈش، گىرىم قىلىش، چېچىنى بۈدرە قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ......

ئۈستى ئوچۇق سورۇندا چاچ بۈدرە قىلدۇرۋاتقان ئايال

ساتىراش «تونىي مۇئەللىم» چاچ ياساشنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى، سەھنە ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەۋەس نەزىرىنى قوزغىدى.

گىرىم قىلىشنىڭ يېڭى ئىمكانىيىتى ئۇزۇن مەزگىل ئاددىي چاچ پاسونىدا قالغان چاچ گۈزەللىكى دۇنياسىغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان بولۇپ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن چاچ بۈدرە قىلىشنىڭ سېھرىي كۈچىنى رەت قىلالمايتتى.

غەربچە توي كىيىمى كىيىپ تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈش ئەينى چاغدا كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.

سۈرەتتە: سۈرەتخانىدا تويلۇق سۈرەتكە چۈشكەن ئەر-ئايال. چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن كېلىنچەك پەقەت ئۈستۈنكى يېرىم بەدىنى بار توي كۆينىكىنى تاللىدى.

بىر قىسىم ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىش ماھارىتىنى قايتىدىن نامايەن قىلىپ، كوچىلاردا ئەينەككە قاراپ گىرىم قىلىشقا باشلىدى.

1988-يىلى بېيجىڭ سەددىچىن سېپىلىدا كىچىك ئەينەكنى كۆتۈرۈپ گىرىم قىلىۋاتقان ئايال.

ھەممە نەرسە زامانىۋى گۈزەللىككە قاراپ چوڭ قەدەم تاشلاشقا باشلىدى.

شياڭگاڭ مودا شامىلى قاپلىغان 90-يىللار

90-يىللار بىلەن 80-يىللارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، 90-يىللاردىكى چوڭ كوچىغا نەزەر سالساق، ھەممە ئادەم شياڭگاڭ ئۇسلۇبىدا ياسانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى شياڭگاڭچە ياسانمىدىم دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن شياڭگاڭنى بىلىپ، ئۆزىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن دېيىشكە بولىدۇ.

80-يىللاردىكى شياڭگاڭ مودا ئېقىمى ↓↓↓

90-يىللاردىكى شياڭگاڭ ئادەتتىكى مودا ئېقىمى ↓↓↓

90-يىللاردىكى شياڭگاڭ مودا ئېقىمىنى پۈتۈنلەي شياڭگاڭ كىنولىرىنى دوراپ ئۈلگە ئېلىش دېيىشكە بولىدۇ. سىرتتا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ شياڭگاڭچە ياسىنىپ يۇرتىغا قايتىپ ئۆزىنى يۇرتداشلىرىغا نامايەن قىلىۋېلىش شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ يۈكسەك ئارزۇسى ئىدى.

شۇنىڭغا ئوخشاشلا، شياڭگاڭ مودا شامىلىنىڭ 90-يىللاردىكى ئاياللارغا بولغان تەسىرىمۇ ھەرگىزمۇ بىر قۇر كىيىم كىيىش قوللانمىسىلا ئەمەس، گىرىم قىلىش ئۇسلۇبىمۇ قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن.

نۇرغۇنلىغان گۈزەل قىزلار 90-يىللاردىكى شياڭگاڭ چولپانلىرىنى ئۆزىنىڭ گۈزەللىك نىشانى قىلغان.

 

شۇنىڭ بىلەن مودىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

ئۇزۇن چاچلىق قىزلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان.

ھەقىقىي مودا قىزلار گىرىم قىلىشتىن تارتىپ چاچ پاسونىغىچە بىر-بىرىدىن قېلىشمايدۇ. بۇ مەزگىلدىكى ئاياللارنىڭ مەيلى گىرىم ۋە كىيىم-كېچەكلىرى بولسۇن ھەممىسى شياڭگاڭ ئۇسلۇبىغا تويۇنغان بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقارا زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ماركىسىمۇ نەزىرىنى جۇڭگو بازىرىغا سالدى.

1995ـ يىلى، جۇڭگولۇق بىر مودېل كىچىك تىپتىكى مودا كىيىملەر كۆرگەزمىسىدە ۋان سىجېنىڭ قىشلىق يۈرۈشلۈك كەچلىك مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىپ، جەننى ۋان سىجېنىڭ جۇڭگودا تۇنجى ئېسىل بۇيۇملار دۇكىنى ئاچقانلىقىنى تەبرىكلىدى.

جۇڭگو بازىرىغا كۆز تىكىۋاتقان نۇرغۇن داڭلىق ماركىلارمۇ توپ-توپ بولۇپ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشكە باشلىدى.

1999-يىلى بىر ئايال ئوۋلەييانىڭ ئېلانى ئاستىدىن ئۆتىۋاتىدۇ.

قىممەت باھالىق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار ۋە ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا، ئەينى چاغدىكى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش بازىرى 2000-يىلىغا بارغاندا جۇڭگونىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ يىللىق سېتىلىش سوممىسىنىڭ 50 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنگەن.

گۈزەللىك ساھەسى گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى، كاپىتال ماگناتىدىن كوچا-كويلارغىچە كۆپچىلىك قوغلىشىدىغان سودىغا ئايلاندى.

1996-يىلى، بىر ئايال بېيجىڭدىكى بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنىدا يالغان كىرپىك تاقاۋاتىدۇ.

دېڭىز ساھىلىدا قۇياش نۇرىدا تېرىسى كۆيۈپ كېتىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىۋاتقان خانىم-قىزلار ئاقارتىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش يۈرۈشلۈكىنىڭ 90-يىللاردىلا شاڭخەيدە مودا بولۇپ بولغانلىقىنى بىلمىسىە كېرەك.

1997-يىلى شاڭخەيلىك بىر ئايال كۈزدىكى قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شاڭخەي شەھەر مەركىزىدە ۋېلىسىپىت مىنگەندە ئۆزىنى قاتتىق ئورىۋالغان.

سېمىز قىزلارنىڭ گۈزەل ھاياتى

سېمىز خانىم-قىزلارنى جەلپ قىلىش 2000-يىلىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

2000ـ يىلى بېيجىڭدا يېڭىدىن ئېچىلغان ئېسىل بۇيۇملار دۇكىنىنىڭ سىرتىغا گۈل سېۋىتى قويۇلغان بولۇپ، بۇ دۇكان ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئاياللارنى مەخسۇس مودا بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۈگۈن قايتا نەزەر سالساق، 20-ئەسىرنىڭ قۇيرۇقى، ھەم بىر دەۋر ئېستېتىكىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ھەم كېيىنكى دەۋر ئېستېتىكىسىنىڭ مۇقەددىمىسى دېيىشكە بولىدۇ.

ئالاقە تورى زامان ۋە ماكان چېگراسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىپ، بىر مەزگىللىك شياڭگاڭ مودا شامىلىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالماشتۇرۋەتتى.

كورېيە مودا ئېقىمى، قەدىمكى ئۇسلۇبنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇ دەۋرنىڭ گۈزەللىك قارىشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى.

كىشىلەرنىڭ ئېستېتىكىسى ھەر خىل سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىمۇ تاللاشنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئىنتېرنېت تورىدا كەڭ تارقالغان گۈزەللىك ئۆلچىمى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئاستىدا، كىشىلەر سانسىزلىغان گۈزەل تاللاشقا ئىگە بولدى.

بۈگۈنكى كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئاچسىلا، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى دېڭىزىنى سەيلە قىلالايدۇ.

كىشىلەر كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى بىۋاستە كۆرەلەيدۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى چولپانلاردىن قانداق كىيىنىشنى ئۆگەنسە بولىدۇ، قايسىنى ئىزدىسىڭىز شۇ تېپىلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان مىسلىسىز ئىنتىلىشى نەتىجىسىدە، گۈزەللىك چېگراسى غۇۋالىشىپ، بارغانسېرى خەلقارالىشىشقا باشلىدى.

چەتئەلنىڭ گۈزەللىك قارىشىنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگونىڭ گۈزەللىك قارىشىمۇ ئارقا-ئارقىدىن خەلقئارا گۈزەللىك سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىدى.

يوغان كۆزلىرى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان جاۋ ۋېي

جۇڭگو چامباشچىلىق تىياتىرى بىلەن بىللە چەتئەلگە تارقالغان قەدىمىي كىيىمنىڭ گۈزەللىك قارىشى چەتئەللەردە ئالقىشقا ئېرىشتى.

ھوللىۋودقا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرگەن لى بىڭبىڭ.

گانا كىنو بايرىمىدىكى فەن بىڭبىڭ مۇتلەق جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى ئەجدىھا تونى ئامىلىغا تايىنىپ چەتئەللىك فوتوگرافلار ئەستە ساقلايدىغان جۇڭگوچە چىرايغا ئايلاندى.

خەلقارادا ئوخشاشلا ئېسىدە چىڭ ساقلىنىۋاتقان جۇڭگو شامىلى ئامىلىدىن يەنە كۆك گۈللۈك فارفۇرلارمۇ بار.

جۇڭگونىڭ كۆك گۈللۈك ساپال بۇيۇملىرى چەتئەللەردە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. گۈزەللىك قارىشىمىز خەلقارالىشىشقا باشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئۇسلۇبىمۇ دۇنياغا ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە بىز كوچىدا ماڭغاندا قەدىمكى كىيىم ھەۋەسكارلىرىنى، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئۆسمۈرلەرنى، چاچلىرىنى ئۆرۈپ يۈرگەن ئوغۇللارنى، ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئەگىپ يۈرگەن ئاچاشنى، چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭدە بويىۋالغان ياشلارنى، ئاسما مايكا كىيگەن بوۋاي.....قاتارلىق ھەرخىل ئۇسلۇب-پاسوندا كىيىنگەن كىشىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.

لېكىن بىز بىلىشىمىز كىرەككى، بۇلارنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى نايامەن قىلىشىدۇر خالاس، بۇمۇ ۋاقىتلىق، بۇمۇ يېڭى مودىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.

خۇددى چېخوف ئېيتقاندەك: «ئادەمنىڭ ھەممە نەرسىسى گۈزەل بولۇشى كېرەك، تاشقى قىياپەت، كىيىم-كېچەك، قەلب، ئىدىيە».

شۇنداق، سىزگە مۇشۇنداق گۈزەللىك يار بولسۇن!

 
 
 
 
 
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有