\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئايروپىلانلار كۆككە چىقىشتىن بۇرۇن مۇنداق سىناقلارغا قاتنىشىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-23 09:52

زاۋۇتتىن يېڭى چىققان ئايروپىلانلار ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تاپشۇرۇلۇشتىن بۇرۇن بىر قاتار سىناقلار ئارقىلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى تەكشۈرۈلىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ رەھىمسىز ۋە چېكىدىن ئاشقان ئۇچۇش سىناقلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئۇچۇش جەريانىدىكى ئۈزۈپ قويۇش سىنىقى

ئۇچۇش جەريانىدىكى ئۈزۈپ قويۇش سىنىقى بولسا ئۇچۇش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىشتىكى ئەڭ قاتتىق سىناقلارنىڭ بىرى، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىكى ئەڭ قاتتىق سىناق. سىناق جەريانىدا ئايروپىلان ئەڭ ئېغىر بولغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، مەسىلەن، تورمۇز سىستېمىسى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىش، ئايروپىلانغا ئەڭ چوڭ چەككىچە يۈك بېسىش، تەتۈر ئىتتىرىش قۇرۇلمىسى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىقلار.

بۇ سىناقتا ئايروپىلاننىڭ كۆپ قىسىم ئېنېرگىيەسى تورمۇز سەۋەبلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىدۇ، شۇڭا سىناق جەريانىدا بالوندىن گاز چىقىپ كېتىشى ھەتتا ئېرىپ كېتىشى مۇمكىن.

سىناق جەريانىدا كىچىك دائىرىدە ئوت كەتسىمۇ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، يەنى ئوت يالقۇنى بەش مىنۇت ئىچىدە پۈتۈن ئايروپىلان گەۋدىسىگە كېڭەيمىسىلا ھېچقانداق چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ. چۈنكى بەش مىنۇت ۋاقىتتا ئايرودرومدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ بولالايدۇ.

ئايروپىلان قۇيرۇقىنىڭ سۈركىلىش سىنىقى

ئەڭ تۆۋەن ئۇچۇش سۈرئىتىنى ئۆلچەشتە، ئۇچقۇچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان سەپلىمىلەر شارائىتىدا ئايروپىلاننىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۇچۇش سۈرئىتىنى بېكىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

سىناق جەريانىدا ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇقى يەر يۈزى بىلەن سۈركىلىپ كېتىپ ھادىسە يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ مەشغۇلاتنىڭ ئۇچقۇچىلارغا نىسبەتەن قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى.

چېكىدىن ئاشقان ھاۋا رايى سىنىقى

سىناق ئىسمىدىن مەلۇمكى، ئايروپىلان قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، شامال، قار-يامغۇر قاتارلىق شارائىتتا سىناق قىلىنىدۇ.

بۇ سىناقنىڭ مەقسىتى بولسا ئايروپىلاننىڭ ماتورى ۋە ماتېرىياللىرىنىڭ ناچار ھاۋارايى شارائىتىدىمۇ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا، ئايروپىلان يەنە دېڭىز يۈزىدىن ئالاھىدە ئېگىز ۋە ئالاھىدە تۆۋەن رايونلاردا ئۇچىدۇ.

سۈرەتتىكىسى بولسا ئايروبوس شىركىتىنىڭ كانادانىڭ ئىكۋېت رايونىدا ئېلىپ بارغان چېكىدىن ئاشقان ھاۋا رايى سىنىقى نەق مەيدانى. بۇ رايوننىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 28 سېلسىيە گىرادۇسقا يىتىدۇ، سىناق مەزمۇنى بولسا موتورنىڭ سوغۇق ھاۋادا قوزغىلىشى، تۆۋەن سۈرئەتتە سىيرىلىپ مېڭىش ۋە ئۇچۇش جەريانىدىكى ئۈزۈپ قويۇش سىنىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىناق ئايروپىلانى يەنە شۇ رايوندا بىر مەزگىل ئۇچۇشى كېرەك.

تاشقى زەخمە سىنىقى

تاشقى زەخمە سىنىقىنىڭ نەق مەيدانى قارىماققا بىر قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئوخشايدۇ، بۇ جايدا ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى بۇزغۇنچىلىققا ۋە بېسىمغا ئۇچرايدۇ. تاشقى زەخمە سىنىقىنىڭ مەقسىتى بىر مەزگىل ياكى بىر قەدەر ئۇزاق ۋاقىت ئۇچۇش جەريانىدىكى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئايروپىلان گەۋدىسى قۇرۇلمىسىنىڭ تاشقى كۈچكە بولغان ئىنكاس ئەھۋالىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت.

ھەر خىل ئەھۋاللارنى تەقلىد قىلىش ئۈچۈن، كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان سۇيۇقلۇق بېسىملىق دامكرات ئايروپىلان گەۋدىگە كۈچ بېرىپ، ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نۇقتىسىنى ئۆلچەپ بېكىتىدۇ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ ئۆلچەش ھالقىسىدا ئايروپىلان قانىتى 90 گىرادۇسقىچە ئېگىلىدۇ.

سۇ پۈركۈش سىنىقى

سۇ پۈركۈش سىنىقىنىڭ مەقسىتى ئايروپىلاننىڭ ھۆل مۇھىتتا سىيرىلىپ مېڭىش يولىدىكى ئىقتىدارىنى سىناش ھەمدە چاچراپ چىققان يامغۇر تامچىسىنىڭ موتورغا بولغان تەسىرىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت.

بۇ سىناقتا ئايروپىلان ئۇزۇنلۇقى 350 مېتىر، كەڭلىكى 100 مېتىر كېلىدىغان سۇ كۆلچىكىدە سىيرىلىپ مېڭىپ، «چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى» نى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سىناق بىر نەچچە قېتىم تەكرار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

قۇش سوقۇش سىنىقى

قۇشلارنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى بولسا ئايروپىلانغا نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدىغان ھەم بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىخەتەرلىك تەھدىتى، شۇڭا ئايروپىلان يېتەرلىك پۇختا بولغاندىلا ئاندىن بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرالايدۇ.

قۇش سوقۇش سىنىقىدا چوڭ كالىبىرلىق ھاۋا زەمبىرىكى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇخىل قۇرۇلما بىر سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قۇش توپىنىڭ ئايروپىلانغا سوقۇلۇشىنى تەقلىد قىلالايدۇ، ئەمدىلا توڭلاتقۇدىن ئېلىنغان ئېغىرلىقى 24 ئۇنسىيە كېلىدىغان سەككىز تال توخۇنى ئايروپىلاننىڭ ماتور ياپراقچىسىغا قارىتىپ ئاتىدۇ، سىناقنىڭ مەقسىتى بولسا يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇش ھالىتىدىكى ئايروپىلانغا قۇش توپىنىڭ سوقۇلۇشىنى تەقلىد قىلىش.

بۇ سىناقتا ئايروپىلان ماتورى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى، سۈزۈك ھەم قېلىنلىقى بىر قەدەر نېپىز بولغان ھەيدەش بۆلۈمچىسىنىڭ ئەينىكىمۇ يېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

چاقماق سوقۇش سىنىقى

بۇ ئىش گەرچە ئاڭلىماققا قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنىلا سودا ئايروپىلانلىرىنى چاقماق سوقۇپ تۇرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، كۆپ قىسىم ئايروپىلانلارغا توك يىغىۋېلىش ئىقتىدارى بار بولغان ئاليۇمىن ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدۇ، ئايروپىلان بوران-چاپقۇندا بۇلۇت ئارىسىغا كىرگەندە زەرەتلەرنى يىغىۋېلىپ ئاندىن يەنە قويۇپ بېرىدۇ، ئاۋىياتسىيە بەلگىلىمىسى قاتتىق بولغاچقا، بارلىق ئايروپىلانلار چوقۇم توك يىغىۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، ئايروپىلاننىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ چاقماقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.

چاقماق سوقۇش سىنىقى تەجرىبىخانىسىدا، خادىملار ئايروپىلان گەۋدىسى بىلەن ئوخشاش ماتېرىيالغا توك تارقىتىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قەۋەت چاقماقتىن بۇزۇلۇشنى ئازايتقىلى بولىدىغان، چاقماقتىن مۇداپىيەلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كاربون تالالىق ماتېرىياللار ھازىر ئايروپىلان ياساشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.

中央广播电视总台 央广网 版权所有