\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالەم بوشلۇقىدا يورۇقلۇق تېزلىكىمۇ ئەڭ تېز سۈرئەت ھېسابلانمايدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-23 09:55

 سۈرئەت ئالەم قاتنىشى ساھەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم. ھازىرقى ئالەم ئايروپىلانىنىڭ سۈرئىتى چەكلىك بولغاچقا، بىز قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئامالسىز، ئالەم بوشلۇقىنىڭ تېخىمۇ يىراق جايلىرىغا بېرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئالىملار ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى تىرىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە ئالەم بوشلۇقىدىكى تېخىمۇ يىراق جايلارغا بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

گەرچە ئالىملار ھازىرچە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۈچلۈك ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەردە نۆۋەتتە ئىنسانلار بىلىدىغان ئەڭ تېز سۈرئەت-يورۇقلۇق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلالايدىغان بىر قاتار ئۇچقۇ پەيدا بولدى. مەلۇم بولۇشىچە، يورۇقلۇق تېزلىكى فىزىكا ئاتالغۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ فىزىكا ساھەسىدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى يورۇقلۇق دولقۇنى ياكى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ۋاكۇئۇملۇق بوشلۇقتا تارقىلىش سۈرئىتى ئىكەن.

ئالىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى «جۇنو» ناملىق يۇپىتېرنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولۇپ، ئۇنىڭ سۈرئىتى 265 مىڭ كىلومېتىر/سائەتكە يېتىدىكەن، سېكۇنتقا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، ئاران 73.6 كىلومېتىر/سېكۇنت بولۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.

ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىگە يەتكەن ھالەتتىمۇ غايەت زور ئالەمگە نىسبەتەن يەنىلا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىنى بىز ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. مەسىلەن، يەر شارىنىڭ قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزى بولغان قۇياش بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى تەخمىنەن 149 مىليون كىلومېتىر بولۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكىنى ئۆلچەم بىرلىك قىلغان ھالەتتىمۇ 8.3 مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن بۇ ئارىلىقنى مېڭىپ بولغىلى بولىدۇ.

شۇڭا، ئالىملار ئالەمدىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئارىلىقى بىلەن سۈرئىتىنى تېخىمۇ ياخشى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۈچۈن، يورۇقلۇق تېزلىكىنى بىر خىل ئارىلىقنى ھېسابلايدىغان بىرلىك قىلغان. يەنى توپتوغرا بىر يىل 365 كۈن ماڭغان ئارىلىق يورۇقلۇق يىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بىر يورۇقلۇق يىلى توققۇز تىرىليون 460 مىليارد كىلومېتىر بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، يەر شارىدىن ئۆزى تۇرۇشلۇق يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ مەركىزى بولغان قۇياشقا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن 0.0000158 يورۇقلۇق يىلى كېتىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇمات قارىماققا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدۇ. لېكىن ئوخشاش سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىلەن بولغان ئارىلىقنى ئۆلچىسەك، مەسىلەن يەر شارى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىگە 26 مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا.

بىزنىڭ سامانيولى سىستېمىسىغا بېرىشىمىز ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېتىدۇ. بىز يېقىنلىشالمايدىغان ئالەمدە يەنە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يىراق يۇلتۇزلار سىستېمىسى بار. بىزنىڭ بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنىڭ يىراقلىقىدىن ھېسابلاش مۇمكىن ئەمەس.

中央广播电视总台 央广网 版权所有