\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇمۇرىستىك ئەمەسلىكىڭىزدىكى سەۋەب-تۆت خىل ئىقتىدارىڭىزنىڭ كەمچىللىكىدە

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-23 16:28

يىغىلىشلاردا ئاجايىپ قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرگەندە، دائىملا ھەۋەس قىلىپ قالىمىز، ئۇلار يۇمۇرلۇق، ئازادە سۆزلەيدۇ، كەيپىياتنى ھەمىشە ئاسانلا يېتەكلەپ كېتەلەيدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شۇلاردەك كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشنى خالايدۇ.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئىچ مىجەز كەمسۆز كىشىلەرنىڭ دوستىمۇ كۆپ ھاللاردا بەك ئاز بولىدۇ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە دائىم ئوڭايسىزلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا ئۇلاردا يۇمۇرىستىك تۇيغۇنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ تۈپ سەۋەبى نېمە پىسخولوگلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئىقتىدارنىڭ كەمچىللىكىدىن بولىدىكەن.

ئوچۇق خاراكتېرلىك

پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوچۇق خاراكتېرلىك كىشىلەر كۆپ ھاللاردا مىجەز-خۇلقى ئوچۇق، ئىجتىمائىي ئالاقىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنچى بولغان، قىزغىن بولۇپ، يېڭى شەيئىلەر تەرىپىدىن ئاسانلا جەلپ قىلىنىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئىپادىلەشكە ماھىر، بۇ خىل خاراكتېر كىشىلەرگە ھەمىشە قىزىقارلىق ھەم ھەقىقىي كۆرۈنىدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ قورۇنۇپ، ئىچىنى پۇشۇرۇپ يۈرمەيدۇ.

ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئۈمىدۋار كېلىدۇ، بەزى ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، تېخىمۇ «يۇمۇرلۇق» چۈشەندۈرۈشكە مايىل بولىدۇ. بۇ خىل روھىي ھالەت ئۇلارنى ئاسانلا خۇشال قىلالايدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل ئاكتىپ كەيپىياتمۇ ئەتراپىدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ماسلىشىش ئىقتىدارى

ماسلىشىش ئىقتىدارى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ۋە كەيپىياتىنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتا، ھەمىشە ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىش قىلالايدۇ، ھەرگىزمۇ تۇراقلىق قاتمال ھالەتتە تۇرمايدۇ.
كىشىلەر يېڭى بىر مۇھىتقا كەلگەندە، بەزىلەر ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆزىنى قانداق تونۇشتۇرۇشنى بىلەلمەي قالسا، بەزىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆپچىلىك بىلەن تونۇشىدۇ ۋە يېڭى دوست تۇتىدۇ. پىكىر ئالماشتۇرۇش كەيپىياتى بىخەتەر، ئازادە بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇسى ئۇلارغا تېخىمۇ زور ئالقىش ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ

ئۆزىگە ئىشەنگەچكە، ئۇلار قورقمايدۇ ھەم جۈرئەت قىلالايدۇ، بەلكىم ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلسا خاتالىشىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن سىز گەپ قىلمىسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزگە كىرەلمەيدۇ-دە، سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىزنى چۈشىنەلمەيدۇ.
ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەمدە بىر ياخشى پىسخىكا قۇرۇلۇشى بولىدۇ، ئۇلار شەرمەندە بولۇشتىن قورقمايدۇ، شۇڭا ئۆزىنى تېخىمۇ تەبىئىي ھالدا ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەپ، ئۆزىنى نامايان قىلالايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرگە يۈزلەنگەندىمۇ قورقۇپ قالمايدۇ. بۇ خىل ئۆزىگە ئىشىنىش روھىي ھالىتى ئۇلارنى شەيئىلەرگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى قاراشقا ئىگە قىلىدۇ، بۇ قىزىقارلىق ئوي-پىكىرلەر ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىدىغان يۇمۇر ماتېرىيالى بولۇپ قالىدۇ.

ئورتاق ھېسسىيات ئىقتىدارى

ئورتاق ھېسسىيات (empathy) يەنە ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشتىكى بىر خىل ئىقتىدار، يەنى ئالاقە جەريانىدا، باشقىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە خىيالىنى ھېس قىلىپ، باشقىلارنىڭ مەيدانى ۋە تەسىراتىنى چۈشىنىش ھەمدە باشقىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتۇر.
ئورتاق ھېسسىيات ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر كەيپىياتنىڭ ئىنچىكە ئۆزگىرىشلىرىنى تېخىمۇ ئاسان ھېس قىلالايدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەمىشە كەيپىياتنى قوزغاپ، يىغىلىشنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار قانداق ئادەمنىڭ قانداق گەپنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ خىل كىشىلەر ئېيتقان كۈلكىلىك گەپلەرنى باشقىلار ھەمىشە ئاسانلا چۈشىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىدۇ. كۈچلۈك بولغان ئورتاق ھېسسىيات ئىقتىدارى ئۇلاردا ئۆزىنى قانداق ئىپادىلىسە ئامما تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ماھارەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلارمۇ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدۇ، شۇڭا باشقىلارنى دائىم ئاسانلا كۈلدۈرەلەيدۇ.

يۇمۇرىستىك كىشىلەر ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ھەمىشە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، كىشىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا يېقىنلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇمۇرىستىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى تۈگىتىشكە ماھىر، خۇشاللىققا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر ھەمىشە ئوڭۇشسىزلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىككە ئاكتىپ، ئۈمىدۋار مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ خىل يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ئۇلارنىڭ ياخشى روھىي ھالىتىنى ساقلاپ، تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا پايدىلىق.

中央广播电视总台 央广网 版权所有