\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان ئەڭ چىرايلىق يەتتە ئاپتوموبىل

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-23 16:39

 چەتئەل ئاپتوموبىللىرىنىڭ 100 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدىكى لايىھە ئۇسلۇبى بىزنى زوقلاندۇرىدۇ، مەسىلەن، ئىتالىيە ئاپتوموبىللىرىدىكى سەنئەت، فرانسىيە ئاپتوموبىللىرىدىكى جۈرئەت، ئەنگلىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېسىلزادىلىكى، گېرمانىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېھتىياتچانلىقى، ئامېرىكا ئاپتوموبىللىرىنىڭ مەردانىلىكى، ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ نەپىسلىكى قاتارلىقلار، دۆلىتىمىزدىكى مۇستەقىل ماركىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئاران نەچچە ئون يىل بولدى، ئۇلارنى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھەقىقىي باش كۆتۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ، شۇڭا تېخى مۇقىم لايىھە ئۇسلۇبى شەكىللەنگىنى يوق.  

لايىھە سەۋىيەسى جەھەتتە چەتئەل بىلەن پەرق بولسىمۇ، لېكىن مۇستەقىل ماركىلار ئىزچىل تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، چەتئەل ماركىلىرى بىلەن بولغان پەرقىنى كىچىكلەتتى، بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى، قالتىس لايىھە ۋە ئەلا سۈپەتكە تەڭلا ئېرىشمەك ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بۈگۈن بىز دۆلىتىمىزدىكى مۇستەقىل ماركىلار ئىشلەپچىقارغان مۇنەۋۋەر ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ چىقتۇق، سىزنىڭچە بۇ ئاپتوموبىللار چەتئەل ماركىلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەرمۇ؟

جىلى بويۆ

يېتەكچى باھا: 98 مىڭ 800 يۈەندىن 161 مىڭ 800 يۈەنگىچە

جىلى ۋولۋونى سېتىۋالغاندىن كېيىن، تېخنىكا كۈچى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، باشقا ماركىلار بىلەن بولغان پەرقىنى تەدرىجىي چوڭايتتى. جىلىنىڭ يەر شارىدا جەمئىي تۆت لايىھە مەركىزى بار، شاڭخەيدىكىسى ئاساسلىقى جىلى ۋە جىلىغا ئالاقىدار ماركا مەھسۇلاتلىرىنى لايىھىلەش خىزمىتىگە مەسئۇل، شۋېتسىيەدىكىسى ئاساسلىقى LYNK & CO ماركىسىنىڭ لايىھە خىزمىتىگە مەسئۇل. بويۆ ۋەكىللىكىدىكى جىلى 3.0 دەۋر مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ناھايتى ياخشى سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، ھازىر بۇ ئاپتوموبىل ناھايتى بازىرى ئىتتىك كىلاسسىك ئاپتوموبىل تىپى بولۇپ قالدى.

شاڭچى MAXUS D60

يېتەكچى باھا: 93 مىڭ 800 يۈەندىن 167 مىڭ 800 يۈەنگىچە

شاڭچى داتوڭ شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ تارماق شىركىتى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاساسلىقى سودا ئاپتوموبىللىرىنى بىر قەدەر كۆپ ئىشلەپچىقىراتتى، كېيىن SUV ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇ ماركا ئاستا-ئاستا ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. شاڭچى داتوڭ ئىشلەپچىقارغان SUV لار بىر خىل ھەيۋەتلىك سالاپەتكە ئىگە، مەسىلەن ئالدى بىلەن بازارغا سېلىنغان MAXUS D90 ئاپتوموبىلى، يېقىندا بازارغا سېلىنغان MAXUS D60 مۇ شۇنداق. ئۇنىڭ چىرايلىق شەكلى، سالاپەتلىك، كاتتا قىياپىتى دۆلىتىمىز ئىستېمالچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. شاڭچى MAXUS D60 نىڭ لايىھە ئەمەلىي كۈچى ۋە مېخانىك ساپاسى يامان ئەمەس، بۇ ئاپتوموبىلمۇ بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

چاڭئەن CS75 PLUS

يېتەكچى باھا: 127 مىڭ 900 يۈەندىن 157 مىڭ 900 يۈەنگىچە

چاڭئەن ئاپتوموبىل شىركىتى خېلى بۇرۇنلا «بەش دۆلەت، توققۇز ئورۇن» دا لايىھە مەركىزى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيەدىن ئىبارەت «بەش دۆلەت» تىكى چوڭچىڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭشى، خاربىن، تۇرىن، نوتتىڭھام، دېترويىت، يوكوخاما قاتارلىق «توققۇز جاي» غا كېڭەيدى، ئۇنىڭ لايىھە ئەمەلىي كۈچى يەنىلا بىر قەدەر كۈچلۈك، قارمىقىدىكى ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا بازارغا سېلىنغان چاڭئەن CS75 PLUS تېخىمۇ رەڭدار، جانلىق، مودا ھەم سالاپەتلىك چىققان بولۇپ، تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھسۇلات سۈپىتىمۇ ياخشى بولغاچقا، سېتىلىش مىقدارى ياخشى بولىۋاتىدۇ.

شياۋپېڭ G3

يېتەكچى باھا: 143 مىڭ 800 يۈەندىن 199 مىڭ 800 يۈەنگىچە

بىر يېڭى ماركىغا نىسبەتەن شەكىل لايىھەسى ئۇنىڭ نام چىقىرىش-چىقىرالماسلىقىدىكى بىرىنچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شياۋپېڭ ئاپتوموبىلچىلىقى بۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلىدۇ، ئۇنىڭ لايىھەلەش كوللېكتىپىدا مازدانىڭ سابىق لايىھەچىسى جاۋ چيەن، مېرسېدېس بېنىزنىڭ سابىق لايىھەچىسى Do Young Woo قاتارلىقلار بار. مۇشۇ خىل ئىشەنچنىڭ تۈرتكىسىدە شياۋپېڭ ئاپتوموبىلچىلىقى ئىشلەپچىقارغان تۇنجى نۇسخا G3 مۇستەقىل ماركىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسىگە ئىگە بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. كېيىنكى بازارمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى، ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى يېڭى ماركىلار ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى.

لىڭكې 01

يېتەكچى باھا: 150 مىڭ 800 يۈەندىن 200 مىڭ 800 يۈەنگىچە

لىڭكې جىلى بىلەن ۋولۋو شېرىكچىلىكىدىكى ماركا، شىۋېتسىيە لايىھە مەركىزى ئاساسلىقى LYNK & CO ماركىسىنىڭ لايىھە خىزمىتىگە مەسئۇل، شۇڭا 1-تۈركۈمدىكى لىڭكې 01 نىڭ ئۆزگىچە جەمەت تىلى بار، بۇ لايىھە تىلى تېخىمۇ ياش، مودا بولۇپ، LYNK&CO دېگەن ماركىنىڭ ئۆزىمۇ ئاڭلىماققتا ئەتىر ماركىسىغا ئوخشايدۇ. كوچىدىكى ئاپتوموبىللار ئارىسىدا لىڭكې 01 نى بىر قاراپلا تونۇۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى، بۇ جەھەتتە لىڭكىنىڭ لايىھەسى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مەھسۇلات ساپاسى كاتتا ماركىلاردىن قېلىشمايدىغان ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلدى، يەنە كېلىپ باھاسىمۇ خەلققە يېقىن بولغاچقا، بازارغا سېلىنىپلا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

چاڭچېڭ WEY VV7

يېتەكچى باھا: 169 مىڭ 800 يۈەندىن 188 مىڭ 800 يۈەنگىچە

WEY بولسا چاڭچېڭ ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ماركىسى بولۇپ، يېڭى ماركىدىكى تۇنجا نۇسخا ئاپتوموبىل WEY VV7 نى BMW نىڭ سابىق لايىھە باش نازارەتچىسى پىئېررې لېكلېرك لېككېر باش بولۇپ لايىھەلىگەن، شۇڭا WEY VV7 بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ سالاپەتلىك، مودا قىياپىتى ۋە ئۆزگىچە جەمەت لايىھە تىلى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. بۇ ئاپتوموبىل بىر قارىماققا بېنىز، BMW بىلەن بىر دەرىجىدىكى ئاپتوموبىللاردەك كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئىچكى بېزىكىمۇ كاتتا، باھاسى مۇۋاپىق بولغاچقا، سېتىلىشىمۇ ياخشى بولدى.

ببىيادى تاڭ يېڭى ئېنىرگىيە

يېتەكچى باھا: 239 مىڭ 900 يۈەندىن 359 مىڭ 900 يۈەنگىچە

بىيادىنىڭ لايىھە ئەمەلىي كۈچى بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئۇ بارا-بارا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى «تاغتۇرا مەھسۇلات» دېگەن قالپاقتىن قۇتۇلۇپ چىقتى، ئۇنىڭ لايىھە ئەترىتىدە ئېيگ، لوپېز، پاگانېتتى قاتارلىق «تىرىك لايىھە دەرسلىكلىرى» بار، يەنە ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق لايىھەلىگۈچى بار. بولۇپمۇ ئېيگ بۇ سەپكە قوشۇلغاندىن كېيىن، بىيادى ئاپتوموبىللىرىنىڭ «Dragon Face» لايىھە تىلى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭى ئاپتوموبىللار تېخىمۇ چىرايلىق لايىھەلەندى، بىيادى ئاپتوموبىللىرىنىڭ تەگلىك ۋە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەمەلىي كۈچى داۋاملىق ئېشىپ، سېتىلىشىمۇ ناھايتى ياخشى بولدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有