\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تويوتا e-Palette ئاپتوموبىلى رەسىمىي تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-23 16:40

 

تويوتا 2019-يىللىق توكيو ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە بىر قاتار ئاپتوموبىل تىپلىرىنى چىقاردى. بۇلارنىڭ بىرى بولغان تويوتا e-Palette ئاپتوموبىلى رەسىمىي تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. يېڭى ئاپتوموبىل 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە مېيىپلار تەنھەرىكەت يىغىنىدا تەنھەرىكەتچىلەر ھەمدە كېيىنكى مەزگىللىك ئارقا سەپ خادىملىرى سەپەرگە چىقىدىغان ئاپتوبۇس قىلىنىدۇ.

يېڭى ئاپتوموبىلدا ئىشلىتىلگەن تاشقى قىياپەت لايىھە ئۇسلۇبى تېخنىكىلىق تۈس ۋە كەلگۈسى تۈسكە تولدۇرغان، چاسا ياسىلىش شەكلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەم ماشىنا ئىچىنىڭ بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالاھىدە ئىشلىتىلىش مۇھىتى سەۋەبلىك، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلگەن ئورۇندۇق 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىيەت يىغىنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمە ئۆلچىمى بويىچە تەتقىق قىلىپ چىقىلغان، يولۇچىنىڭ بوي ئېگىزلىكى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ماشىنا ئىچىدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئېگىزلىكى ھەمدە ئورۇندۇق تۇتقۇچى ئوخشىمىغان يولۇچىغا ماس كېلىدۇ، يولۇچىنى نىسبەتەن ياخشى ئولتۇرۇش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.

يېڭى ئاپتوموبىل ئىچىدىكى پول، ئىچكى بېزەك، ئورۇندۇقتا سېلىشتۇرما نىسبەتلىك رەڭ قوللىنىش ئارقىلىق رەڭ پەرقلەندۈرۈشى ئاجىز بىمارلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىشتىن سىرت، يولۇچىلارنىڭ چىقىپ چۈشۈشىگە كۆپلىگەن ئىشىك تەمىنلىگەن، يولۇچىلارنىڭ يول يۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ماشىنا ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا ۋاقىتتا تۆت نەپەر چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان يولۇچى ۋە يەتتە نەپەر ئۆرە تۇرغان يولۇچى چىقالايدۇ (ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا تۇرىدىغان يولۇچى چىقسا، شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا 20 ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ).

يېڭى ئاپتوموبىل ئاپتوماتىك ھەيدەش جەھەتتە كامېرا قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك ھەيدەشنىڭ سېنزورى قىلغاندىن سىرت، يەنە بىرلا ۋاقىتتا بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك يىغىنىغا قارىتا مەخسۇس تەتقىق قىلىپ چىقىلغان ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن، يۇقىرى دەلىللىكتىكى 3D خەرىتە بىلەن باشقۇرىدۇ (4L دەرىجىسىدىكى ئاپتوماتىك ھەيدەش سەۋىيەسىگە يەتكەن)، ئەڭ تېز سۈرئىتى 19km/hلىك ئاستا سۈرئەتتە ئاپتوماتىك ھەيدەشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有