ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىر ئايال مۇنچىدىكى ناتونۇش ئايالنى ۋىدىيودا ئەر توردىشىغا كۆرسەتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 17:59

ئىككى كۈن ئىلگىرى ياڭجۇ شەھەر ئاھالىسى لى خانىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇنچىغا بارغان بولۇپ، ئەسلىدە خۇشال-خۇراملىق بۇ ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىنى بەكلا بىئارام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئاخبارات قىزى سىزگە ياردەم قىلىدۇ» پروگرامما گۇرۇپپىسىدىن ياردەم سوراپ، ئۆزىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئۈچ مىنۇتتىن ئارتۇق سىنغا تارتقانلىقىنى ئېيتتى.



لى خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ مۇنچىنىڭ ئاياللار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە بەدىنىنى سۈرتۈۋاتقان بولۇپ، كىيىم كىيمىگەن ئىكەن. كېيىن لى خانىم يېنىدىكى بىر ئايالنىڭ تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ لېكىن پەرۋا قىلمىغان. لېكىن ئۇ بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىزچىل بىر ئەر بىلەن ۋېدىئودا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىۋالغانلىقىنى بايقىغان.

يانفوننىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارى بولغاچقا، لى خانىم سىن كۆرۈنۈشىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن بەكلا ئەنسىرەپ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان.



شۇ كۈنى كەچتە، خەلق ساقچىلىرى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سۈرەتكە ئالغۇچىدا سۇبيېكتىپ ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىش، ئوغرىلىقچە كۆزىتىش قىلمىشى مەۋجۇت ئەمەس، شۇڭا جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ ئۆلچىمى شەكىللەنمەيدۇ، پەقەت ھەق تەلەپ بويىچە ھەل قىلغىلى بولىدۇ».

لى خانىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ ئىش ماڭا روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزدى، سۈرەتكە ئالغۇچىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەچۈرۈم سورىشىنى ھەمدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئارقىدىن «ئاخبارات قىزى سىزگە ياردەم قىلىدۇ» ناملىق پىروگراممىنىڭ مۇخبىرى بىلەن لى خانىم خەلق ساقچىلىرى ئارقىلىق سۈرەتكە ئالغۇچى چيەن چيەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) گە تېلېفون قىلدى.



شياۋ چيەن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، لى خانىمدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك سىن ياكى سۈرەتلەرنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لى خانىم يەنە مۇنچا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇسۇلىدىنمۇ ئىنتايىن غەزەپلەنگەن بولۇپ، لى خانىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىش يۈز بەرگەندە، ئاياللارنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئۈچ خىزمەتچى بار ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ سۈرەتكە ئالغۇچى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر مېتىر ئەتراپىدىلا ئىدى». سۈرەتكە ئالغۇچى شياۋ چيەن باشقىلار بىلەن ۋېدىئودا ئۈچ مىنۇتقا يېقىن سۆزلەشكەن بولسىمۇ بىرمۇ خىزمەتچى ئۇنى توسمىغان. ھەتتا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مۇنچىدىكى بىرمۇ خىزمەتچى چىقىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى لى خانىم پىسخىكا جەھەتتىن قوبۇل قىلالمىغان.

ئارقىدىن، مۇخبىر يەنە لى خانىم بىلەن ئۇلار شۇ چاغدا يۇيۇنغان مۇنچىغا بېرىپ زىيارەت قىلغان بولۇپ، مۇنچىنىڭ دىرېكتورى مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشتا خىزمەتچى خادىملاردا ھەقىقەتەن سەۋەنلىك مەۋجۇت، ئۇلارمۇ لى خانىمدىن ئەپۇ سورىدى. ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملارغا جازا بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇيمىز».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىر ئايال مۇنچىدىكى ناتونۇش ئايالنى ۋىدىيودا ئەر توردىشىغا كۆرسەتتى

ئىككى كۈن ئىلگىرى ياڭجۇ شەھەر ئاھالىسى لى خانىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇنچىغا بارغان بولۇپ، ئەسلىدە خۇشال-خۇراملىق بۇ ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىنى بەكلا بىئارام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئاخبارات قىزى سىزگە ياردەم قىلىدۇ» پروگرامما گۇرۇپپىسىدىن ياردەم سوراپ، ئۆزىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئۈچ مىنۇتتىن ئارتۇق سىنغا تارتقانلىقىنى ئېيتتى.