ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىزىغا قارىسىلا سابىق ئوغۇل دوستىنى ئەسلەپ قالىدىغان ئايال ئىككى ئايلىق قىزىنى قىينىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 18:07

بىزدە «يولۋاسمۇ ئۆز بالىسىنى يېمەيدۇ» دەيدىغان گەپ بار، لېكىن بەزى رەھىمسىز ئاتا-ئانىلار ھەتتا يۆگەكتىكى بالىسىغا قارا قولىنى سۇنۇپ زىيانكەشلىك قىلىشتىن باش تارتمايدۇ. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر ئايال ئىككى ئايلىق قىزىغا قارىسىلا سابىق ئوغۇل دوستى ئېسىگە كېلىپ قاتتىق ئاچچىقلانغان ھەم ئاچچىقىنى باسالماي ئىككى ئايلىق قىزىنى راسا ئۇرۇپ-دۇمبالىغان، نەتىجىدە بىچارە بوۋاقنىڭ بەدىنى ئون نەچچە يەردىن سۇنۇپ كەتكەن، ھازىر بۇ بىچارە بوۋاقنىڭ ھاياتى ھېلىھەم خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كېتەلمىگەن.

بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە يۈز بەرگەن، نىنا ئىسىملىك ئايال تەخمىنەن ئىككى ئاي ئىلگىرى ساغلام قىز بوۋاق يەڭگىگەن، لېكىن قىزى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قىزىنىڭ دادىسى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، نىنانىڭ ئوغۇل دوستى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ قىزىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ھەم قەرەللىك تۈردە نىنا بىلەن قىزىنى يوقلاپ تۇرغان. لېكىن نىنا سابىق ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچرىغان ھەم خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، كۈنلەرنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ نىنانىڭ كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالغان.

تەپتىش تارماقلىرىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، نىنا ئىككى ئايلىق قىزىنى كۆرسىلا سابىق ئوغۇل دوستى ئېسىگە كېلىپ قالغانلىقتىن ئاچچىقىنى باسالماي قىزىنى ھەدەپ ئۇرۇشقا باشلىغان. ئۇ قىزىنىڭ يۈز-كۆزىگە مۇشتلاپلا قالماستىن بەلكى قىزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇرغان، بىچارە بوۋاق رەھىمسىز ئاپىسىنىڭ تاياق زەربىسىدە ئۆلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان، لېكىن نىنا بوۋاقنى ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتماستىن ئەكسىچە ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ كارى بولمىغان.

نىنانىڭ سابىق ئوغۇل دوستىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ نىنا ۋە قىزى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 11-ئاينىڭ 8-كۈنى كۆرۈشكەن بولۇپ، نىنا شۇنىڭدىن كېيىن ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ قىزىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىشنى رەت قىلغان. ئۇ نىنانىڭ سىرتقا چىققاندىمۇ قىزىنى بىللە ئېلىپ چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئاخىرى نىنانىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىقچە كىرىپ قىزىنىڭ تىنىقىدىن قالايلا دەپ قالغانلىقىنى بايقىغان ھەم دەرھال دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئاپارغان.

نۆۋەتتە بۇ بىچارە بوۋاق دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ھېلىھەم خەۋپتىن قۇتۇلمىغان، ناۋادا بۇ بوۋاق ئۆلۈپ كەتسە، رەھىمسىز ئاپىسى نىنا قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىزىغا قارىسىلا سابىق ئوغۇل دوستىنى ئەسلەپ قالىدىغان ئايال ئىككى ئايلىق قىزىنى قىينىدى

بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە يۈز بەرگەن، نىنا ئىسىملىك ئايال تەخمىنەن ئىككى ئاي ئىلگىرى ساغلام قىز بوۋاق يەڭگىگەن، لېكىن قىزى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قىزىنىڭ دادىسى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن.