ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوللىۋودنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىكى ئەڭ نادىر فانتازىيەلىك فىلىملىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 18:12

بوللىۋود دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كەسىپي كىنو ئىشلەش بازىلىرىنىڭ بىرى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، تاماشىبىنلار بوللىۋودنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان تىپتىكى ھېكايە فىلىملىرىدىن ھوزۇرلاندى. مەيلى مۇھەببەت فىلىمى، ھەرىكەتلىك فىلىم بولسۇن ياكى كومېدىيەلىك فىلىم بولسۇن، بوللىۋود ھەممىسىنى قىلالىدى. يېقىندا ئۇلارمۇ فانتازىيەلىك فىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەۋىيەسى ھوللىۋودنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىشلىگەن فانتازىيەلىك فىلىملەر بېلەت كىرىمىدە غايەت زور نەتىجە ياراتتى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىز ناھايىتى تېزلا 2020-يىلىنى كۈتۈۋالىمىز، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن ئون يىلدا بوللىۋود ئىشلىگەن بىر قىسىم ئەڭ ياخشى فانتازىيەلىك فىلىملەرنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.




«مەۋھۇم جەڭچى»
بۇ فىلىم 2011-يىلى قويۇلغان بولۇپ، فىلىم ۋەقەلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن دۇنياسىدىكى پېرسوناژلارنىڭ رېئال دۇنيادىكى ھېكايىسىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان. بۇ فىلىمگە ئانۇباۋ سىنھا رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، شاھرۇھ خان، كارېننا كاپۇر خان، ئارجۈن رامپال قاتارلىقلار باش رول ئالغان. بۇ فىلىم ئەڭ ياخشى ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.



«Mission Mangal»
فىلىم ۋەقەلىكى ھىندىستان ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات تەشكىلاتى (ISRO) نىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىش ھېكايىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا قاناتا يايدۇرۇلغان. فىلىمدە بىر توپ ئالىملار (ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار) نىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ۋە كەسپىي ھاياتى بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھارماي-تالماي ئىشلىشى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

بۇ فىلىمدە ئاكشاي كۇمار، ۋىدىيا بالەن، سوناكشى سىنھا، تاپسى پاننۇ، كرتى كولخارى، شارمان جوشى ۋە سانجاي كاپۇر قاتارلىقلار رول ئالغان. «Mission Mangal» بۇ يىلقى ھىندىستان مۇستەقىللىق كۈنىدە قويۇلۇپ، يۇقىرى بېلەت كىرىمىگە ئېرىشتى.



«كرىش 3»
2013-يىلى قويۇلغان «كرىش» يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىدە كرىش ۋە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ رەزىل تالانت ئىگىسى كارل ئىجاد قىلغان شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرنى مەغلۇپ قىلىش ھېكايىسى بايان قىلىنغان. بۇ فىلىمگە راكىش روشان رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، رىتىك روشان، پىرىيانكا چوپرا، ۋىۋېك ئوبروي، كانگانا رانۇت قاتارلىقلار رول ئالغان. بۇ فىلىم ئالاھىدە ئۈنۈم ۋە ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلىرىگە تايىنىپ، نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.



«PK»
بۇ فىلىم بوللىۋود كىنو تارىخىدىكى ئەڭ نادىر فانتازىيەلىك كىنولارنىڭ بىرى، ھەمدە ھەر بىر ئادەم ئۆمرىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم كۆرۈشكە تېگىشلىك كىنو. بۇ كىنودا بىر تاشقى پىلانېت ئادىمىنىڭ يەر شارىغا كېلىپ تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ھېكايىسى سۆزلەنگەن. گەرچە بۇ كىنودىكى فانتازىيەلىك ئېلېمېنتلار باشقا بوللىۋود كىنولىرىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ ھېكايە ۋەقەلىكى بار بولۇپ، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ نۇقتىسىدىن ئىنسانلارنى چۈشىنىدىغان بىر خىل سىناقنى نامايان قىلغان. بۇ فىلىمگە راج كۇمار ھىرانى رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، ئامىر خان، ئانۇشكا شارما قاتارلىقلار باش رول ئالغان.



«Action Replayy»
ئەگەر سىز مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن فانتازىيەلىك فىلىمنى ئىزدەۋاتقان بولسىڭىز، ئەمدى ئىزدىمەڭ. بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى كىشېن، ئايالى مارا ۋە ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ ھېكايىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇلغان.
بۇ فىلىمگە ۋىپۇل شاھ رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، ئاكشاي كۇمار ۋە ئاشۋارىيا راي باچچان، ئادىتيا روي كاپۇر، ئوم پۇرى، راندىر كاپۇر قاتارلىقلار باش رول ئالغان. گەرچە بۇ فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالقىشقا ئېرىششى ئۇنىڭ ياخشى بىر كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى فىلىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.



«ئۇچقۇر جات»

«ئۇچقۇر جات» ناملىق بۇ فىلىم 2016-يىلى قويۇلغان بولۇپ، بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىماننىڭ ھېكايىسى ھەمدە ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى كىشىلەرگە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشكە تىرىشقانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ فىلىمگە ئۇسسۇل ئىشلىگۈچىلىكتىن كېلىپ چىققان رېمو دېسوزا رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، تايگېر شىروف بىلەن جەكۋىلىن فېرناندېز باش رول ئالغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوللىۋودنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىكى ئەڭ نادىر فانتازىيەلىك فىلىملىرى

بوللىۋود دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كەسىپي كىنو ئىشلەش بازىلىرىنىڭ بىرى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، تاماشىبىنلار بوللىۋودنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان تىپتىكى ھېكايە فىلىملىرىدىن ھوزۇرلاندى. مەيلى مۇھەببەت فىلىمى، ھەرىكەتلىك فىلىم بولسۇن ياكى كومېدىيەلىك فىلىم بولسۇن، بوللىۋود ھەممىسىنى قىلالىدى. يېقىندا ئۇلارمۇ فانتازىيەلىك فىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.