ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كىنولاردىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئالتە خىل كۆرۈنۈش

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 18:20

1. بايا تۇتقان بېلىقنى بىۋاسىتە خام يېيىش. نۇرغۇن قاقاس ئاراللاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ھەم ئاچ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، كىنونىڭ باش رولچىسى ھەر خىل ئاماللار بىلەن بېلىق تۇتۇپ خام پېتى يەۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك، چۈنكى بېلىقنى خام يېگەندە ئۇنىڭدىكى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق مىكرو ئورگانىزملار ئېغىر بولغاندا ئادەم ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

2. يىلان چېقىۋالغان يارا ئېغىزىدىكى قاننى ئېغىز ئارقىلىق بىۋاسىتە شوراش، بۇ ۋەقەلىك قەھرىماننىڭ ساھىبجامالنى قۇتقۇزىدىغان بۆلىكىدە مۇقەررەر بار بولىدىغان كىلاسسىك كۆرۈنۈشتۇر، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھەيران قالارلىقى شۇكى، باش پېرسوناژ پىچاق بىلەن يارا ئېغىزىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن شورايدۇ، بۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي ئازدۇرۇش خاراكتېرلىك بولۇپ، كەسكەن چاغدا ئەڭ ئاۋۋال يارا ئېغىزى كېڭىيىپ كېتىدۇ، ئېغىز بىلەن يار ئېغىزىنى شورىغاندا، ئەگەر ئېغىز بوشلۇقىدا يارا ئېغىزى بولسا زەھەر ئاسانلا بەدەنگە كىرىپ كېتىدۇ، كۆپچىلىك ھەرگىز دورىماڭلار.

3. دالىدا يانفون سىگنالنى يوقاتسىلا تاشلىۋېتىش. قارىماققا بۇ كۆرۈنۈش بەك پەيزىدەك قىلىدۇ، لېكىن بۇنداق ماددىي ئەشيا كەمچىل ئەھۋالدا، كىچىككىنە بىر يانفوننىڭ ئەمەلىيەتتە رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، مەسىلەن، خەت ئۇرۇپ خاتىرە قالدۇرغىلى، ۋاقىتنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا كومپاس ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئورۇننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يەنە سىگنال بولۇشىمۇ مۇمكىن.

4. دالىدا تۇرغاندا، ھەر قانداق سۇنى قاينىتىپ بولۇپلا ئىچىش. بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىشى مۇمكىن، كۆپچىلىك سۇنى قاينىتىپ قويسىلا، پۈتۈنلەي ئىچكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇسۇل تۇرۇبا سۇلىرىغا ماس كېلىدۇ. ئەمما دالىدىكى نامەلۇم سۇ مەنبەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەركىبىدە ئاسانلا بەزى زىيانلىق دانچىلار بولىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن سۈزۈۋېتىپ، ئاندىن قاينىتىپ ئىچكەن ياخشى.

5. تېز سۈرەتتە كېتىۋاتقان ماشىنىدىن بىۋاستە سەكرەپ چۈشۈش. ئەسكى ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان كىنونىڭ باش رولچىسى ئادەتتە ئۆزىنى قويۇۋېتىپ ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشىدۇ. ئەگەر رىئال تۇرمۇشتا مۇشۇنداق مەشغۇلات قىلسا، مۆلچەرىمچە ئاللىقاچان جان ئۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئەگەر زۆرۈر بولغان ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى ئاستا سۈرئەتتە يول يۈرگەندە ياكى بۇرۇلغاندا سەكرەش ھەمدە ئالدى تەرەپتە تاغ جىنسلىرى قاتارلىق قاتتىق نەرسىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىش كېرەك.

6. دېرىزىنىڭ ئەينىكىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش. بۇ ھەرىكەتلىك فىلىمدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى، ئەگەر بەزىلەر رېئال تۇرمۇشتا مۇشۇنداق قىلسا، بەدىنى ھەرگىزمۇ كىنودىكى باش رولچىغا ئوخشاش ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمايدىغان ئىش بولمايدۇ، ئەينەك پارچىلىرى بەدەندىكى ھەرقانداق ئورۇنغا زىيان يەتكۈزۈشى، ھەتتا ئەجەللىك زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆپچىلىك ھەرگىز ئاسانلىقچە دورىماڭلار!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كىنولاردىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئالتە خىل كۆرۈنۈش

بايا تۇتقان بېلىقنى بىۋاسىتە خام يېيىش. نۇرغۇن قاقاس ئاراللاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ھەم ئاچ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، كىنونىڭ باش رولچىسى ھەر خىل ئاماللار بىلەن بېلىق تۇتۇپ خام پېتى يەۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك