ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دادىسىغا ئاپتوموبىل ئالدۇرماقچى بولغان يىگىت 4S دۇكىنىدا BMW نى جىجىۋەتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 18:25

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىچىك بالىلار دائىم ئاتا-ئانىلارغا ئويۇنچۇق ئالغۇزۇش ئۈچۈن غەلۋە قىلىپ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار تېخى ئىش ئۇقمايدىغان بولۇپ، گۆدەك، نادان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. لېكىن چوپچوڭلا بولغاندا يەنىلا ئائىلە باشلىقىدىن نەرسە تەلەپ قىلسا، بۇ تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ. ئەمما، قىسمەن قۇرامىغا يەتكەن ياشلار تېخىچە «چوڭ بولمىغان» بولۇپ، قىلغان بەزى قىلىقلىرىنى ھەقىقەتەن چۈشەنگىلى بولمايدۇ. يېقىندا، جياڭشىدىكى بىر قۇرامىغا يەتكەن ئەر دادىسى ئۇنىڭغا يېڭى ئاپتوموبىل ئېلىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاچچىقىدا 4S دۇكىنىدىكى بىر يېڭى BMW ئاپتوموبىلىنى جىجىۋەتكەن.

كۆزىتىش سىن كۆرۈنۈشىدە ئايان بولۇشىچە، شۇ كۈنى بۇ ئەر بىر قىزنى قولتۇقلاپ 4S دۇكىنىغا ئاپتوموبىل كۆرگىلى كەلگەن بولۇپ، ئۇ بىر يېپيېڭى كۆك رەڭلىك BMW ئاپتوموبىلىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز قولىدىكى ئاپتوموبىل ئاچقۇچى بىلەن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى سىزىۋەتكەن. ساقچىلار ئۆزلىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىدا سىزىۋېتىلگەن ئىككى ئىزنى بايقىغانلىقىنى، ئاپتوموبىل تەگ سىرىنىڭمۇ ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئارقىدىن بۇ ئەرنى ساقچىلار ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن.

سوراق قىلىش ئارقىلىق خەلق ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەر جياڭ xx بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مۇشۇ جايغا يەرلىك ئىكەن. ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى سىزىۋەتكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇنىڭ جاۋابى خەلق ساقچىلىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. ئۇ، دادىسىنىڭ پىراۋا ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يېڭى ئاپتوموبىل ئېلىپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى، لېكىن ھازىرغىچە كەينىگە سۆرەپ ئېلىپ بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئاقىۋەتتە جياڭ xx ساقلاۋېرىپ روھىي ھالىتىدە داۋالغۇش پەيدا بولغان. كېيىن ئۇ دادىسىغا كۆپ قېتىم يالۋۇرغان بولسىمۇ، لېكىن دادىسى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان. ئاخىرى جياڭ xx ئاتا-ئانىسىدىن ئۆزىگە سوۋغات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان كىچىك بالىغا ئوخشاش دادىسىغا باتناشقا باشلىغان. ئۇ 4S دۇكىنىغا كېلىپ ئاپتوموبىلنى جىجىۋەتسەملا دادام كېلىپ پۇلىنى تۆلەيدۇ، دەپ ئويلىغان. ئاقىۋەتتە ئۆزىگىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ چاتاق تېرىپ بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە جياڭ xx ساقچىلار تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دادىسىغا ئاپتوموبىل ئالدۇرماقچى بولغان يىگىت 4S دۇكىنىدا BMW نى جىجىۋەتتى

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىچىك بالىلار دائىم ئاتا-ئانىلارغا ئويۇنچۇق ئالغۇزۇش ئۈچۈن غەلۋە قىلىپ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار تېخى ئىش ئۇقمايدىغان بولۇپ، گۆدەك، نادان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. لېكىن چوپچوڭلا بولغاندا يەنىلا ئائىلە باشلىقىدىن نەرسە تەلەپ قىلسا، بۇ تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ.