ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيادىكى بىر مىلياردقا يېقىن كىشىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىماقتا

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 18:56

كۆز بىزنىڭ دۇنيانى كۆزىتىدىغان كۆزنىكىمىز، ئەمما ھازىر تۈرلۈك كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قويماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى يەر شارى بويىچە كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقى مەسىلىسىگە ئائىت تۇنجى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر شارىدا تەخمىنەن بىر مىليارد ئادەم ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا گىرىپتار بولغان.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش كۈچى كەمچىل

كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەر قىسمەن ياكى بارلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ئالامىتى كىشىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، خىزمەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، نورمال خىزمەت قىلالماس قىلىپ قويىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەما بولۇش قېلىش نىسبىتى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك: يۇقىرى كىرىملىك تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى ئەما بولۇش قىلىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك ھالدا %0.5 تىن تۆۋەن، ئەمما كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە، مەسىلەن، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئافرىقا ۋە شەرقىي ئافرىقا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەما بولۇش قېلىش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە كۆز كېسەللىكلىرى ۋە داۋالاش ساھەسىدىكى تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەر كەمچىل، كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئاز، دىئاگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئاسراشقا ئاجرىتىلغان پۇل ئاز.

يەتتە ياشلىق بۇ قىزنىڭ كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈپ، ئەما بولۇپ قالغىنىغا ئۈچ يىل بولغانىدى، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ داۋالانغاندىن كېيىن كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: كۆز كېسەللىكلىرى بويىچە سەھىيە، ساقلىق ساقلاش سۈپىتى تەكشى بولمىغاچقا، كۆز كېسەللىكلىرى بويىچە ساقلىق ساقلاشنىڭ قاپلاش نىسبىتىدىمۇ رايون خاراكتېرلىك پەرق كۆرۈلمەكتە، 2019-يىلى يەر شارى بويىچە كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتىنى %25 ئازايتىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس.

ستۇئارت كېل ئاۋسترالىيە مېلبۇرن داشۆسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى پروفېسسورى، شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆز كېسەللىكلىرى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ پىلانى ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرى كۆز كېسەللىكلىرى بويىچە ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى سەھىيە مۇلازىمىتى تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش تەتقىقاتىغا باغلىق. ھازىر بىزدە دەل مۇشۇ ئىككى جەھەتتىكى ئەمەلىي تەتقىقات كەمچىل، بۇ ئەھۋال كۆز كېسەللىكلىرى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ. كۆز ئاسراشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەر چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، بۇ ئەھۋال ئۇلاردا ھېچقانداق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق يوق بولۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدا 26 مىليون 300 مىڭ ئادەمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 20 مىليون 400 مىڭ ئادەمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز، بەش مىليون 900 مىڭ ئادەمنىڭ كۆزى پۈتۈنلەي كۆرمەس بولۇپ قالغان. مۆلچەرلىنىشىچە، ئافرىقىدىكى ئەمالارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەمالار سانىنىڭ %15.3 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

ستۇئارت كېل تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «يەر شارى بويىچە كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ ئاساسلىق قوزغىتىش ئامىلى نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى، كۆز كېسەللىكلىرى بويىچە ساقلىق ساقلاش بوسۇغىسى يۇقىرى بولۇش، كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى مۇكەممەل تەسىس قىلىنماسلىق ۋە ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلارمۇ ستۇئارت كېلنىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇسىغا ئۇچراش يۈكى تېخىمۇ ئېغىر دېگەن قارىشىنى ئىسپاتلىدى.

ئامما ئۈستىگە ئالالايدىغان كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ستۇئارت كېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان ياكى ئۈزۈل-كېسىل كۆرمەس بولۇپ قالغان بىر مىليارد ئادەمگە تېزدىن 14 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلمىسا، كەلگۈسىدىكى نەچچە ئون يىلدا، ئۇلاردىكى مەسىلە ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىپ، يەر شارى مىقياسىدا كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئېھتىياجى ئېشىپ كېتىپ، دۇنيا سەھىيە سىستېمىسىغا زور بېسىم پەيدا قىلىدۇ.

ئەگەر كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم تەمىنلەنمىسە، ئۇلارنىڭ مەسىلىسى كەلگۈسى ئون نەچچە يىلدا ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ.

ستۇئارت كېل چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز ھازىرقى دەلىل-ئىسپاتلاردىن پايدىلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئىككى ئاي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يەنە توققۇز ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران بۇ دوكلاتنى تاماملىدۇق. بۇنىڭدا نۆۋەتتە كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش كەسپىدە دۇچ كەلگەن خىرىسلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان ھەمدە لايىھە يولغا قويۇش ئۈچۈن تەكلىپ بېرىلگەن.

ستۇئارت كېل مۇنداق دېدى: گەرچە ئاساسلىق نىشان تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۇتۇش قىلدى، بىز ھازىر تەننەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان بىر يۈرۈش كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى لايىھەسىنى تۈزۈۋاتىمىز، بۇ لايىھە كۆز كېسەللىكلىرى بويىچە ساقلىق ساقلاشنى سەھىيە تارماقلىرىغا كىرگۈزۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار خىراجەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق ئەندىشىسىنى ئازايتىدۇ.

ستۇئارت كېل تەتقىقاتچىلارغا تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاجىزلار توپىغا قارىتىلغان كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆز كېسەللىكلىرى پەرۋىشىنى كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش ئاساسىي مۇلازىمىتىنىڭ جەريانىغا كىرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ، كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئىكەن.

نىگېرىيە نۇر بىلەن تەكشۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوزىئېڭبې ئوكونوكخۇئا بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەر كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش ئاساسىي مۇلازىمىتىنى ھازىرقى ئاساسىي سەھىيە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، كۆز كېسەللىكلىرى بويىچە ساقلىق ساقلاشقا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، مەسىلەن، بەزگەك ۋە ئەيدىز كېسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم مۇھىم نۇقتىنى داۋالاشتىن ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، شۇندىلا داۋالاش خىراجىتىنى تۆۋەنلىتىپ، تۆۋەن كىرىملىكلەر توپىنىمۇ كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت خىراجىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ. بىر قانچە يىلدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلىشىنى، نامراتلىق سەۋەبىدىن گۈزەل دۇنيانى كۆرەلمەي قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيادىكى بىر مىلياردقا يېقىن كىشىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىماقتا

كۆز بىزنىڭ دۇنيانى كۆزىتىدىغان كۆزنىكىمىز، ئەمما ھازىر تۈرلۈك كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قويماقتا.