ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇنى ئوقۇپ بوللىۋودشۇناس بولۇپ كېتىڭ: بوللىۋودنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 08:47

«بوللىۋود» دېگەن بۇ سۆز كىشىنى دەرھال رەڭدار كىنو دۇنياسىغا باشلاپ بارىدۇ، ئۇنىڭدا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان ناخشا ۋە ئۇسسۇللار بار، ئادەتتە 100 دىن ئارتۇق ئۇسسۇلچى ئۇسسۇل ئوينايدۇ، دائىم بىر ئوغۇل بالا بىلەن قىز ئۇچرىشىپ قالغان ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ، كىنونىڭ يېشىمى خۇشال ئاياغلىشىدۇ. لېكىن ھىندىستان كىنوسىنىڭ تارىخى قانداق؟ ئۇ قانداق قىلىپ ھىندىستاندىكى ئەڭ پۇل تاپىدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ھەمدە ھەر يىلى كىنو ئىشلەش سانى ۋە تاماشىبىنلار سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرالىغان؟



مەنبە

بوللىۋود Bollywood دېگەن سۆز ھوللىۋود Hollywood نىڭ كۆچۈرمىسى، B بومبايدىن كەلگەن، يەنى ھازىرقى بومباي، بومباي بولسا ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ مەركىزى. بۇ سۆزنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بىر ژۇرنالنىڭ ئاپتورى ئىجاد قىلغان، گەرچە بۇ سۆزنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەن مۇخبىر توغرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ ھالبۇكى، ھىندىستان كىنولىرىنىڭ تارىخىنى 1913-يىلدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. فىلىم ئىشلىگۈچى داداساھىب فالكى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇ ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى كىنو Raja Harishchandraنى ئىشلىگەن. ئۇ يەنە 1913-يىلىدىن 1918-يىلىغىچە 23 كىنو ئىشلىگەن. ئەمما ھوللىۋودقا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بوللىۋود كىنو كەسپىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرەققىياتى ئاستا بولغان.



ھىندىستانلىقلار ئىشلىگەن تۇنجى فىلىم Raja Harishchandra

1920-1945

20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا بىر قانچە يېڭى فىلىم ئىشلەش شىركىتى بارلىققا كەلگەن، بۇ مەزگىلدە ئىشلەنگەن كىنولارنىڭ كۆپىنچىسى ئەپسانە فىلىم ياكى تارىخىي فىلىم. ھوللىۋودتىن ئىمپورت قىلىنغان كىنولار ئاساسلىقى ھەرىكەتلىك فىلىم بولۇپ، ھىندىستان تاماشىبىنلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، فىلىم ئىشلىگۈچىلەرمۇ ناھايىتى تېزلا دوراشقا باشلىغان. ھىندىستاننىڭ كلاسسىك ۋە ئەپسانىۋى ئەدەبىياتى، مەسىلەن، «رامايانا» ۋە «ماخابارودو»نىڭ كىنو نۇسخىسى يەنىلا مۇشۇ ئون يىل ئىچىدە يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.



«ئارام ئالا»

1931-يىلى تۇنجى ئاۋازلىق كىنو «ئارام ئالا» قويۇلغان، بۇ كىنو ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ كەلگۈسىگە يول ئېچىپ بەرگەن. فىلىم ئىشلەش شىركىتىنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغان، ھەر يىلى ئىشلەنگەن كىنو سانىمۇ 1927-يىلىدىكى 108 دىن 1931-يىلىدىكى 328 گە كۆپەيگەن. رەڭلىك كىنو ناھايىتى تېزلا بارلىققا كەلگەن، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسەرلەرمۇ شۇنداق بولدى. غايەت زور كىنو بازىلىرى ياسالغان، تاماشىبىنلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىش بولغان، يەنى ئىشچىلار سىنىپى تاماشىبىنلىرى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ئۇلار ئاۋازسىز كىنو دەۋرىدە بېلەت كىرىمىنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا ئىگەللەيتتى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كىنو ماتېرىيالىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىك بولغاچقا، ھۆكۈمەتنى يول قويغان ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، كىنو سانى ئازلىدى. شۇنداقتىمۇ تاماشىبىنلار يەنىلا ناھايىتى سادىق بولۇپ، ھەر يىلى بېلەت كىرىمى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.



يېڭى دولقۇننىڭ بارلىققا كېلىشى

تەخمىنەن 1947-يىلى، بۇ كەسىپ زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھازىرقى زامان ھىندىستان كىنولىرى مۇشۇ مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن. ئىلگىرىكى تارىخ ۋە ئەپسانە ھېكايىلەرنىڭ ئورنىنى ھازىر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىق كىنولىرى ئالدى، بۇ كىنولار دائىم قىز مېلى تۈزۈمى ۋە ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش قاتارلىق قەدىمىي ئىجتىمائىي ئادەتلەرگە تەنقىدىي نەزەر بىلەن قارايتتى. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، بىم روي ۋە ساتياجىت راي قاتارلىق كىنوچىلار سىنىپ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىنىپ ئىزچىل سەل قارالغان تېما ئىدى.

جەمئىيەت ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا كىنو ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ھىندىستاننىڭ يېڭى دولقۇنىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولغان، ئۇنى راي، مرىنال سېن، رىتۋىك گراتاك قاتارلىق رېژىسسورلار قۇرغان. رېئالىزمغا بولغان ئىنتىلىش ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرنى چۈشىنىش تۈپەيلىدىن، بۇ مەزگىلدىكى كىنو بىلەن چوڭ تىپتىكى سودا كىنولىرى ناھايىتى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، كېيىنكىسى كۆپىنچە رەڭدار ئۆزىنى قاچۇرۇش رېئالىزمى. كېيىنكىسى ئەڭ ئاخىرىدا ماسالا كىنوچىلىقىنىڭ قېلىپىغا ئايلىنىپ، ھەرىكەت، دىرامما قاتارلىق تۈرلەر ئارىلىشىپ، تەخمىنەن ئالتە ناخشا-ئۇسسۇل مۇزىكىسى قىستۇرۇلغان ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ كۆپ ساندىكى ھازىرقى زامان بوللىۋود كىنولىرىدا يەنىلا ئىشلىتىلىدىغان ئەندىزە.



بىز بۈگۈن بىلىدىغان بوللىۋود

مانموخان دېسساي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بوللىۋودلۇق رېژىسسورلىرىنىڭ بىرى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ماسالا كىنوسىنىڭ پىرى دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن كىشىلەرنىڭ ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئۇلارنى بىر ئارزۇ دۇنياسىغا باشلاپ كىرمەكچى، ئۇ يەردە نامراتلىق يوق، قەلەندەر يوق. تەقدىر مېھرىبان.»



ھەرىكەتلىك فىلىم، مۇھەببەت فىلىمى، كومېدىيىلىك فىلىم ۋە مۇزىكىلىق تىياتىر يەنىلا بوللىۋود كەسپىنىڭ يېتەكچى ئەندىزىسى. گەرچە ھازىر كىشىلەر ۋەقەلىك، پېرسوناژلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە درامىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش كۈچىگە كۆپرەك دىققەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ھاللاردا چولپانلارنىڭ كۈچى بىر كىنودا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ.



«نامراتلار مەھەللىسىدىكى مىليونېر» قاتارلىق فىلىملەرنىڭ خەلقئارادا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ۋە چەت ئەل كاپىتالىنىڭ ھىندىستان كىنوچىلىقىغا كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بوللىۋود بەلكىم يېڭى بىر تارىخىي سەھىپىگە قەدەم قويغان بولۇشى مۇمكىن، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ھازىر ئۇنىڭغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.



بۇنى ئوقۇپ بوللىۋودشۇناس بولدىڭىزمۇ يا؟ ئەمدى بوللىۋۇدتىن ئىمتىھان ئالسا قورقماي 59 نومۇر ئالالىغۇدەك بولغانسىز؟

سىز بوللىۋودتىن كىمنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

قەلبىڭىزدىكى بوللىۋود شاھى خانىشى كىم؟

سىز تۇنجى قېتىم كۆرگەن بوللىۋود كىنوسى قايسى؟

بوللىۋودنىڭ قايسى كىنوسىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟ نېمىشقا؟

سىز بوللىۋودتىن كىمنىڭ مەستانىسى؟ نېمىشقا؟

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇنى ئوقۇپ بوللىۋودشۇناس بولۇپ كېتىڭ: بوللىۋودنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى

«بوللىۋود» دېگەن بۇ سۆز كىشىنى دەرھال رەڭدار كىنو دۇنياسىغا باشلاپ بارىدۇ، ئۇنىڭدا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان ناخشا ۋە ئۇسسۇللار بار، ئادەتتە 100 دىن ئارتۇق ئۇسسۇلچى ئۇسسۇل ئوينايدۇ، دائىم بىر ئوغۇل بالا بىلەن قىز ئۇچرىشىپ قالغان ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ، كىنونىڭ يېشىمى خۇشال ئاياغلىشىدۇ. لېكىن ھىندىستان كىنوسىنىڭ تارىخى قانداق؟