ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ داڭلىق شەخسلەر ئاۋسترالىيەدىكى ئوت ئاپىتىگە نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 08:55

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىگە پۇل ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى توردا ئېلان قىلىنغان، خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەر ۋە سودا ساھەسىدىكى زاتلار بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلغان.

بۈگۈنگە قەدەر، شەخسلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغۇچى ئاۋسترالىيەنىڭ كانچىلىق ماگناتى ئاندرېۋ فوررېست ۋە ئۇنىڭ ئايالى نىكولا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىئانە سوممىسى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئاندرېۋ فوررېست يەنە 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ، پىدائىيلارنى سەپەرۋەر قىلىشقا ۋەدە بەرگەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە مۇداپىيە خىزمىتىگە يەنە 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتماقچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئىئانە سوممىسى 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 480 مىليون يۈەن) غا يەتكەن.

سېلېست باربېرنىڭ فېيسبۇكتىكى ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 350 مىليون يۈەن) غا يېتىدۇ، كىنو چولپىنى لېئوناردو دىكاپرىئومۇ بۇ تىزىملىكتە بولۇپ، ئۇ جەمئىي تۆت مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 29 مىليون 720 مىڭ يۈەن) ئىئانە قىلدى. دۇنيادىكى بىرىنچى باي، ئامازون شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بېزوس مۇھەببەت ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا تەڭ ئۈلگۈردى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولغان 49 ياشلىق يېڭى قىز دوستىغا كۆڭۈل بۆلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاۋسترالىيەدىكى ئوت ئاپىتىگە 70 مىليون ئىئانە قىلدى.

بېزوس دۇنيادىكى بىرىنچى باي بولۇپ، 113 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (781 مىليارد 100 مىليون يۈەن) بايلىقى بار. ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئاۋسترالىيەدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدى، ئۇ توردا مۇنداق يازدى: «قەلبىمىز ئاۋسترالىيە خەلقى بىلەن بىللە، چۈنكى ئۇلار ھازىر ۋەيران قىلىش خاراكتېرىغا ئىگە ئورمان ئوت ئاپىتىغا تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ پۈتۈن يەر شارىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش.»

بېزوس ئامازون تورىدىكى ئابۇنتلاردىن ئۆزىنىڭ شىركىتىدىن كېرەكلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پۇل ئىئانە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئاۋسترالىيەدىكى BlazeAid ناملىق پىدائىيلار تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئامازون شىركىتى توردا سېتىش سۇپىسىدا ئىئانە قىلىنغان بۇيۇملارنى بۇ پىدائىيلار تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: مەبلەغ ئاۋسترالىيەدىكى خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە پىدائىيلار تەشكىلاتى ئىئانە قىلىشنى تەلەپ قىلغان سۇ، يېمەكلىك، بىخەتەرلىك كىيىمى، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىق بۇيۇملارمۇ بار.

بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن بېزوس يېڭى قىز دوست تاپقاندىن كېيىن كەيپىياتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ، ئۇ ئامازون شىركىتىنىڭ تىجارىتىنى تەرتىپلىك يۈرۈشتۈرۈپلا قالماستىن، مۇھەببەت جەھەتتىمۇ ئارزۇلۇق قىز دوستىغا مۇھەببەتنىڭ تاتلىقلىقىنى راسا ھېس قىلدۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بېزوس 49 ياشلىق قىز دوستىغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلانغان ھەمدە بىللە دەم ئالغان، گەرچە ھەر ئىككىسىنىڭ توي تارىخى بولسىمۇ، ھەمدە قىز دوستى سانچېس تېخى نەچچە بالىنىڭ ئانىسى بولسىمۇ، ئەمما بەدىنى يەنىلا ئىنتايىن جەلىپكار بولۇپ، ئاياللىق لاتاپىتىنى ئوبدانلا ساقلىغان، شۇڭا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ ئۇنىڭدىن مىنۇت ئايرىلالماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ داڭلىق شەخسلەر ئاۋسترالىيەدىكى ئوت ئاپىتىگە نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلدى

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىگە پۇل ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى توردا ئېلان قىلىنغان، خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەر ۋە سودا ساھەسىدىكى زاتلار بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلغان.