ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باشقىلارنىڭ نەزىرىدە سىز قانداق ئادەم؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 09:09

سىز ھەممە ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان ئادەممۇ ياكى دائىم ئاچچىقلىنىپلا يۈرىدىغان ئادەممۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى سىناققا قاتنىشىپ بېقىڭ.



سوئال: قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بىر كۈنى، سىز دېرىزە سىرتىدىكى بىر ئەرنىڭ يولدا ئۆزى يالغۇز ئاستا كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىڭىز، سىزنىڭچە بۇ ئەرنىڭ شۇ چاغدىكى كەيپىياتى قانداق؟

A. مەلۇم بىر مەسىلىنى تەپەككۇر قىلىۋاتىدۇ، كۆڭلىدە ئىش بار.

B. ئۆزى يالغۇز مىنۇتلاردىن بەھىرلىنىۋاتىدۇ.

C. كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن يامغۇردا يۈگۈرگىسى كەلمەي ئاستا مېڭىۋاتىدۇ.

D. بايىلا مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ ئازابلىنىپ كېتىپ بارىدۇ.

سىناق نەتىجىسى

A نى تاللىغانلار: سىز ئادەتتە ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى كونترول قىلالايسىز، باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە زىددىيەتلىشىپ قالمايسىز، شۇڭلاشقا كىچىكىڭىزدىنلا باشقىلارنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىسىز، گەرچە ئۆگىنىش نەتىجىڭىز ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، لېكىن مۇئەللىمنىڭ قەلبىدىكى يۇۋاش، ئىش ئۇقىدىغان ئوقۇغۇچى ھېسابلىنىسىز.

B نى تاللىغانلار: ئانچە چەكلەشكە ئۇچراپ كەتمەيسىز، باشقىلار چىشىڭىزغا تەگمىسە سىزمۇ باشقىلارنىڭ چىشىغا تەگمەيسىز، قارىماققا سەل سوغۇق چىراي، ئاز گەپ قىلىسىز، باشقىلار سىزنى ناھايىتى تەنھا دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە سىز بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئارىلاشقان دوستلىرىڭىزلا سىزنىڭ قىزغىن ئىكەنلكىڭىزنى بىلەلەيدۇ، سىز پەقەت بۇ خىل قىزغىنلىقىڭىزنى تېشىڭىزغا چىقارمايسىز.

C نى تاللىغانلار: باشقىلارنىڭ ئازابىغا قاراپ خۇشال بولىدىغان كىشىلەرنىڭ خىلىدىن، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ كېتىسىز، لېكىن بۇنداق قىلىشتا يامان نىيىتىڭىز يوق، كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا قىزىقارلىق ئىشلارغا قىززىقىسىز، ئويۇن خۇمارلىق دەل تەبىئىيتىڭىز.

D نى تاللىغانلار: ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلدىغان ئادەم، مەسىلىگە يولۇققاندا ئىنكاسىڭىز ناھايىتى كۈچلۈك، بەلكىم گەپنى تولۇق ئاڭلاپ بولمايلا قانداق مۇداپىيەلىنىشنى ئويلاپ بولىسىز، سىز ئادەتتە قارىماققا ناھايىتى ھاكاۋۇر، بەلكىم شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىۋېلىشىڭىز مۇمكىن، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا سىزگە ياخشى تەسىر بەرگەنلەر بىلەن بەك يېقىن دوست بولالايسىز، ياخشى تەسىر بەرمىگەنلەر بىلەن بولسا بەلكىم دۈشمەنلىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

باشقىلارنىڭ نەزىرىدە سىز قانداق ئادەم؟

سىز ھەممە ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان ئادەممۇ ياكى دائىم ئاچچىقلىنىپلا يۈرىدىغان ئادەممۇ؟