ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

50 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئەجدادلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئاۋسترالىيەدىكى ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلىيەلىشى مۇمكىن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 10:54

چەتئەل تورىنىڭ 13-يانۋار بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيەدىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ يامرىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا بەزى مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئاۋسترالىيەدە ئەسلى ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ بىر تۈرلۈك قەدىمىي تېخنىكىسى ئېغىر ئوت ئاپىتىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى جەنۇبىي ۋېلىش ئىشتاتى مۇشۇ ھەپتە جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئوت ئاپىتىنى توسۇش قىيىن بولۇشتەك كەسكىن ئەھۋالغا قارىتا، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋە ئەسلىدىكى ئولتۇراقلاشقان خەلقنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان پەخرىي پىروفېسسورى، تارىخشۇناس بىل گاممىجنىڭ قارىشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئەسلى ئولتۇراقلاشقان خەلقنىڭ تەخمىنەن 50 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بىر تۈرلۈك تېخنىكىسى نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.



بۇ تېخنىكا «كۆيۈش ئەمەلىيىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، كىچىك كۆلەمدىكى ئوت يالقۇنى ياساش ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنى تازىلاپ، كەڭ كۆلەملىك ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئېشىپ قالغان بىر قەدەر كىچىك دەرىجىدىكى ئوت ئاپىتىمۇ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ياشاش ماكانىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىدۇ.

گەرچە بۇ ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇ تېخنىكىسىنى ھەقىقىي يولغا قويۇشتا يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق بار، دەپ قارىدى.

گاممىج مۇنداق دېدى: «گەرچە نۆۋەتتە بىر قىسىم ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئوت ئاپىتىنى كونترول قىلىش ۋە ئازايتىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرگىز كۇپايە قىلمايدۇ. بەزى تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، لېكىن سالمىقى يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئوت ئاپىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ھەقىقىي ئويلاشمىدۇق. ئۇنىڭدىن قالسا، بىز بىر يىل ئىچىدىكى قايسى ۋاقىتنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئىكەنلىكىنى، قانچىلىك كۆيىدىغانلىقىنى، ئوت كەتكەن جاينى قانداق تارقىتىشنى راستىنلا بىلمەيمىز».

گاممىج بۇ تېخنىكىنى ئەسلىدىكى ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر ئۆزى ياشاۋاتقان رايوننى يۈكسەك دەرىجىدە چۈشەنگەندىن كېيىنكى ھاسىلاتقا يىغىنچاقلىغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ھەمدە بىلىمىنىڭ كەمچىل بولۇشى بۇ تېخنىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇشىدىكى غايەت زور قىيىنچىلىققا ئايلانغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «گەرچە كىشىلەر ئەسلىدىكى ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ ئوتنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ چارىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى تەقلىد قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى تېخنىكىنى پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تەدبىرىگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، تەننەرخمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە، لېكىن بۇ بەدەل ئەرزىيدۇ».

گاممىج مۇنداق دېدى: «بۇ ئوتنى ئۆچۈرۈش تەننەرخى ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەننەرخىدىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ كەتتى، ئوت ئاپىتىدە ئىككى مىليون 500 مىڭ ئىنگلىز مو يەر كۆيۈپ كەتكەن. بۇ بىز ئۈچۈن بىر نومۇس».

گەرچە ئوت ئاپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش چارىسى بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىدار تەتقىقاتچىلار كەلگۈسىدە بۇ ئورمان ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم «مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش كېرەك» دەپ قارىدى.

ئاۋسترالىيەدىكى بىر ئورمان ئوت ئاپىتى ۋە يەر باشقۇرۇش تەتقىقاتچىسى جاستىن سىترونناردنىڭ كۆرسىتىشىچە، كەلگۈسىدىكى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش تېخىمۇ تەس بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسلى ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ كۆيدۈرۈش تېخنىكىسىغا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، مەھەللىلەر يېقىن ئەتراپتىكى ئورمانلارنى مۇۋاپىق چاتاپ، ئۆز يېرىنى مۇۋاپىق پىلانلىشى ھەم ئۈنۈملۈك ئۆي لايىھەلىشى ۋە ئاسرىشى كېرەك. ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ھەقىقىي ئۆگىنىشكە تېگىشلىكى يەرنى قوغداش. ئەسلىي ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ يەرگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى ۋە ئاسرىشىنى ئاۋسترالىيەلىكلەر چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك».

中央广播电视总台 央广网 版权所有

50 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئەجدادلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئاۋسترالىيەدىكى ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلىيەلىشى مۇمكىن

چەتئەل تورىنىڭ 13-يانۋار بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيەدىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ يامرىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا بەزى مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئاۋسترالىيەدە ئەسلى ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ بىر تۈرلۈك قەدىمىي تېخنىكىسى ئېغىر ئوت ئاپىتىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»