ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېغىزدىن كېتىپ كىنوسىنىڭ بايقۇت قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بوللىۋود چولپانلىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 09:15

نۇرغۇن بوللىۋود چولپانلىرى تاراتقۇ يۈزىدە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت ۋەقەلىرىگە بولغان قارىشىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئۇلارمۇ تولۇق ھوقۇقلۇق گىراژدان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە مەيدانىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى بار لېكىن مەسىلە شۇكى، چولپانلارنىڭ تەسىر كۈچى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىپادىسى دائىم چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلىدۇ ۋە بەزىدە چولپانلارنىڭ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

دېپىكا پادۇكونى

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، يېڭى فىلىمى «Chhapaak»نىڭ تەشۋىقات مەزگىلىدە، دېپىكا دېھلىدىكى جاۋاخارلال نېھرۇ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشىغا قاتناشتى، دېپىكانىڭ يارىلانغان ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىدا تۇرغان سۈرىتى توردا كەڭ تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن توردا دېپكانىڭ فىلىمىنى بايقۇت قىلىش ساداسى پەيدا بولدى، دېپىكا بىر قىسىم جەمئىيەت ئاتاقلىقىلىرىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى.

فەرخان ئەختەر

فەرخان ئەختەرمۇ دېپىكاغا ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەن، فەرخان ئەختەر يېقىندا ياشلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، توردا ئۇنىڭ كىنوسىنى بايقۇت قىلىش تەلىپى پەيدا بولدى.

ئامىر خان

ئامىر خان 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى بىر زىيارەتتە ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ قىلىشقان پارىڭىنى تىلغا ئېلىپ، ئايالىنىڭ ئەگەر دۆلەت يەنە مۇشۇنداق ئىناقسىز بولسا، بۇ دۆلەتتىن ئايرىلىش كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇنىڭ بىلەن توردا ئامىر خاننى قاتتىق ئەيىبلەنگەن ھەمدە بىر تور سودا سۇپىسىمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، ئامىر خاننىڭ ئوبراز ۋەكىللىكىنى بىكار قىلغان.

شاھرۇھ خان

ئامىر خان ۋەقەسىدىن كېيىن، شاھرۇھ خان ئامىر خاننى قوللاپ، ئىناقسىزلىق مەسىلىگە بولغان ئىپادىسىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، شاھرۇھ خانمۇ ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان، شاھرۇھ خانغا قارشى بىرقانچە قېتىملىق نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن، شاھرۇھ خاننىڭ فىلىمى «Dilwale» بايقۇت قىلىشقا ئۇچرىغان. كېيىنچە شاھرۇھ خان ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېغىزدىن كېتىپ كىنوسىنىڭ بايقۇت قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بوللىۋود چولپانلىرى

نۇرغۇن بوللىۋود چولپانلىرى تاراتقۇ يۈزىدە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت ۋەقەلىرىگە بولغان قارىشىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئۇلارمۇ تولۇق ھوقۇقلۇق گىراژدان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە مەيدانىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى بار