ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بەش خىل يېمەكلىك

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 10:22

1. رىناتو ۋىئولا پىساسى

بۇ پىسا ئىتالىيەدە ئىشلەنگەن بولۇپ، باھاسى 12000 ئامېرىكا دوللىرى ( خەلق پۇلىدا 78 مىڭ يۈەن).

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پىسا يەپ باققان بولۇشى مۇمكىن، تەملىك پىسانىڭ ماتېرىيالىمۇ كۆپ ھەم قىممەت بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىلدىكى پىسالارنىڭ باھاسىمۇ ئەرزان ئەمەس، ئىتالىيەلىك ئاشپەز لىنادو ۋېيئاۋلا تەييارلىغان رىناتو پىساسى ھەم تەملىك ھەم ناھايىتى قىممەت، بۇ پىساغا ئۈچ خىل بېلىق قىيامى، قىزىل كىچىك راك قاتارلىق قىممەت باھالىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن، بۇ پىساغا ئىشلىتىلگەن تۇزمۇ ئادەتتىكى تۇز ئەمەس، يەنى ئىتالىيەنىڭ مولېيى دەرياسىدىن قولدا يىغىۋېلىنغان تۇز. ئەگەر سىز بۇ قىممەت باھالىق پىسانى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، مەخسۇس پىسا ياسايدىغان ئۇستاملار ئۆيىڭىزگە كېلىپ ياساپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە ھەققىمۇ ئەرزان ئەمەس.

2. ئېگىز تاختىدىكى بېلىقچى تاتلىق تۈرۈمى

بۇ خىلدىكى تاتلىق تۈرۈم سرىلانكادىكى قەلئە ساياھەت مەنزىلىدە بار بولۇپ، باھاسى خەلق پۇلىدا 100 مىڭ يۈەن.

قارىماققا يېشىل رەڭدە بولغان، ناھايىتى ئۆزگىچە بۇ يېمەكلىك ئەمەلىيەتتە بىر خىل تاتلىق تۈرۈم. ئۇنىڭ ئىسمى ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ، كىشىلەر بۇ خىل تاتلىق تۈرۈمنى ئېگىز تاختىدىكى بېلىقچى دەپ ئاتايدۇ، بۇ تاتلىق تۈرۈمنى ئادەتتىكى ئاشخانىلاردا يېگىلى بولمايدۇ، پەقەت سرىلانكادىكى قەلئە ساياھەت مەنزىرە رايونىدىلا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ خىلدىكى تاتلىق تۈرۈم ئانار ۋە ئەنباھنى بىرىكتۈرۈپ ياسايدىغان بولۇپ، سىرتى نېپىز بىر قەۋەت شېكەر دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن ئورىلىدۇ، ئۈستىدە پۈتۈنلەي قولدا ياسالغان بېلىقچىنىڭ ھەيكىلى بار، بۇ ھەيكەل شاكىلاتتىن ياسالغان، ئۈستىدە تېخى 80 گراملىق كۆك ياقۇت تاش قويۇپ زىننەتلەنگەن.

3. ئاقسۆڭەكلەر قىيمىلىق نېنى

بۇ يېمەكلىك ئاۋستىرالىيەدە ياسىلىدىغان بولۇپ، باھاسى 9500 ئامېرىكا دوللىرى ( خەلق پۇلىدا 66 مىڭ يۈەن).

بۇ قىممەت باھالىق قىيمىلىق نانغا نۇرغۇنلىغان گۆھەرلەر يوشۇرۇنغان، ئۈستىگە 23 كاراتلىق ئالتۇن سېپىلگەن، بۇرۇن باھاسى 14260 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قىيمىلىق نان بىر مەزگىل بازار تاپقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ 9500 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قىيمىلىق نان ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت قىيمىلىق نان بولۇپ قالغان.

بۇ قىيمىلىق ناننى گاۋمىڭ تورى ئىجاد قىلغان بولۇپ، گاۋمىڭ تورى ئاۋستىرالىيەدە ئىككى مىليون قىممىتىدىكى يېمەك-ئىچمەك بېلىتىنى سېتىپ چىقارغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ قىممەت باھالىق قىيمىلىق ناننى ئىجاد قىلغان، بۇ قىيمىلىق نان ئىنچىلىك بىلەن تاللانغان كالا گۆشى، راك ۋە مېۋىلەر بىلەن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئۈستىگە سېپىلگەن ئالتۇن بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت نانغا ئايلىنىپ قالغان.

4. ئالتۇندىن ياسالغان ماروژنى

بۇ ماروژنى ئامېرىكىدا ياسالدىغان بولۇپ، باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا 7000 يۈەن).

بۇ خىلدىكى ئالتۇندىن ياسالغان ماروژنى دۇنيادىكى ئۈچىنچى قىممەت تاتلىق تۈرۈم بولۇپ، ئامېرىدىكى چىيۈەن رېستۇرانىدا ياسىلىدۇ، باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرى. بۇ قىممەت باھالىق تاتلىق تۈرۈم چىيۈەن تاماقخانىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا ئاتاپ ئىجاد قىلىغان بولۇپ، جېننىس دۇنيا رېكورتىغا «دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماروژنى» دەپ كىرگۈزۈلگەن.

5. Almas بېلىق قىيامى

بۇ خىلدىكى بېلىق قىيامى لوندوندا ياسىلىدىغان بولۇپ، باھاسى خەلق پۇلىدا 15 مىڭ يۈەن، Almas دېگەن سۆز رۇسچە ئالماس دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئالماس دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت گۆھەر بولغاچقا، بۇ بېلىق قىيامىغىمۇ شۇنداق ئىسىم قويۇلغان. بۇ خىلدىكى بېلىق قىيامى قاچىلىنىدىغان قۇتىمۇ ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، بېلىق قىيامىنىڭ سۈپىتى، خىلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىتا ئوخشىمىغان باھا قويۇلغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بەش خىل يېمەكلىك

بۇ پىسا ئىتالىيەدە ئىشلەنگەن بولۇپ، باھاسى 12000 ئامېرىكا دوللىرى ( خەلق پۇلىدا 78 مىڭ يۈەن).