ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىزگە ئەڭ ئازار بېرەلەيدىغان ئادەم يەنىلا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدۇر

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 10:39

سىزگە ئەڭ ئازار بېرەلەيدىغان ئادەم يەنىلا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدۇر. سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرىسىز، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز، ئاندىن قارشى تەرەپ سىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭىز ھەقلىق دەپ قارايدۇ. بەلكىم، ئۇ پەقەت مەنپەئەت ئۈچۈن سىز بىلەن بىر مەزگىل ئارىلىشىپ، ئاندىن بىر باھانە تېپىپ ئاخرىدا سىزدىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن. سىز ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرىسىز، بىراق ئۇ پەقەت يارىلانغان ۋاقىتتا، ئاندىن سىزنى ئەسكە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا بولسا بەلكىم ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندا ئاندىن ئېسىگە كېلىشىڭىز مۇمكىن. باشقا چاغلاردا ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ، تېلېفونمۇ ئالمايدۇ، ئۈندىدارمۇ قايتۇرمايدۇ، بۇ دەل ئۇنىڭ سىزنىڭ دۇنيارىڭىزدىن يوقالغان ۋاقتىدۇر.

سىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم، كۆپ ھاللاردا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم. سىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەچكە، كۆڭلىڭىزدىكى گەپنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىڭىز، ئاندىن ئۇ سىزنىڭ ھەممە نەرسىڭىزنى بىلىپ بولدى، سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزنى بىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كەتمەكچى بولسا، چوقۇم سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزغا سانجىلىدۇ. ئۇ دەل سىزنىڭ ئەڭ ئاغرىيدىغان يېرىڭىز.

مۇھەببەت قانچە چوڭقۇر بولسا، ئايرىلغان چاغدا يۈرەكمۇ شۇنچە ئاغرىيدۇ. ئايرىلغان ۋاقىتتا كىمنىڭ مۇھەببىتى ئەڭ چوڭقۇر بولسا، شۇنىڭ كۆڭلى ئەڭ بىئارام بولىدۇ. مۇھەببەت گۈزەل، لېكىن كۆڭلىدە سىز يوق ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئىش. كۆڭلىڭىزدە سىز يوق ئادەملەر بىر بولسا بەك ئالدىراش، يەنە بىر بولسا سىزگە پەقەتلا پەرۋا قىلمايدۇ.

ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ سىزنى ئىزدىسە، چوقۇم سىزگە ھاجىتى چۈشۈپ ئىزدىگەن بولىدۇ. سىز ئۇنى ئالقىنىڭىزدىكى گۆھەر دەپ قارىغان بىلەن، ئەكسىچە ئۇ سىزنى كۆز ئالدىدىكى ئوت-چۆپ كۆرىدۇ. قانچە يېقىن كۆرسىڭىز، ئازابىڭىز شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. مۇھەببەت قانچە چوڭقۇر بولسا، يارا ئېغىزى شۇنچە ئاغرىيدۇ. ئىلگىرى ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي بىر ئادەمنى ياخشى كۆرەتتىم، ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىغان. ھەمىشە بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ئۆمۈرلۈك ئىش، پايدا-زىيان بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، مۇھەببەتتە جاۋاب قايتۇرۇش ھاجەتسىز دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ھازىر شۇنى چۈشەندىمكى، بىر ئادەمنى سۆيۈش ئۆز خاھىشىدىكى ئىش ئەمەسكەن. ئەگەر بەك كۆپ بەدەل تۆلىسەك، ئېرىشىدىغىنىمىز پەقەت قارشى تەرەپنىڭ بىزدىن تەسىرلىنىشى بولىدىكەن، ھەرگىزمۇ چىن مۇھەببەتكە ئېرىشكىلى بولمايدىكەن. بىر ئادەم ھەمىشە بەدەل تۆلەۋەرسە، بەك ھېرىپ كېتىدىكەن. ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىمەيدىغان بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش، تامغا دۇچ كەلگەنگە ئوخشايدىكەن. ئەگەر داۋاملىق ياخشى كۆرسە، ئاقىۋەت تامغا سوقۇلۇپ كېتىدىكەن. سىز چىن كۆڭلىڭىزنى باشقىلارغا بەردىڭىز، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكىنىڭىز سوۋۇغان كۆڭۈل بولدى.

ئادەم بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، بىر ئەقىل تاپىدۇ. بىر ئادەمنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم يەتتە ئۈلۈش ياخشى كۆرۈپ، ئۈچ ئۈلۈش ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك. كۆڭۈل دېگەن بىرلا، چىن مۇھەببەت دېگەن بىرلا، خاتا بولۇپ قالمىسۇن. چىن مۇھەببەتنى قەلبىڭىزدە سىز بار كىشىلەرگە، چىن كۆڭلىڭىزنى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدىغان كىشىلەرگە قالدۇرۇڭ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىزگە ئەڭ ئازار بېرەلەيدىغان ئادەم يەنىلا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدۇر

سىزگە ئەڭ ئازار بېرەلەيدىغان ئادەم يەنىلا سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدۇر. سەۋەبىنى بىلەمسىز؟