ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شاھزادە خاررىنىڭ بانكا ماگناتى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 14:36

ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شاھزادە خاررى يەر شارى بانكا كەسپى ماگناتى گولدمان سىچېس گۇرۇھى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ھەمكارلىق ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇنىڭ نىشانى ئايالى مېگان بىلەن بىرلىكتە كارخانا ساھەسىدە پۇل تېپىپ، مالىيە مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.

خان جەمەتىدىكى بىر خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، شاھزادە خاررى بىلەن كېنەز خانىمى مېگان ئەنگلىيە خان جەمەتىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى پىلانلىغاندا، تالاش-تارتىشتا قالغان ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە شىركىتى گولدمان سىچېس گۇرۇھى بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىغان. بۇ قېتىمقى سۆھبەت شاھزادە خاررىنى پۇتبول چولپىنى داۋىد بېكھام ۋە ئايال ئارتىس گىۋېنىس پاترودىن كېيىن، گولدمان سىچېس بانكىسىدىكى لېكسىيەنىڭ يەنە بىر مېھمان نامزاتىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن.

گولدمان بۇ يۈرۈشلۈك لېكسىيەگە ھەق تۆلىمىگەن، ئەمما خەۋەردار ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ خاررى ئەر-ئايالنىڭ كەلگۈسىدە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بىر خىل مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن». ئاممىۋى مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى مارك بوركوۋىسكى مۇنداق دېدى: «ئۇلار شىركەت سودىسى ۋە ماركا ئەلچىسىنىڭ رولى ئارقىلىق بىر مىليارد فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن توققۇز مىليارد يۈەن خەلق پۇلى) پايدا ئېلىشى مۇمكىن.»

ئۆتكەن ھەپتە خاررى يەنە مىئامىدىكى يەنە بىر چوڭ بانكا مورگان ئۆتكۈزگەن بىر مەيدان پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئانىسىنىڭ ۋاپاتىغا تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال مىئامىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ 750 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن ئالتە مىليون 700 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) تاپقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن خان جەمەتىنىڭ خەۋەردار ئەربابلىرى ئۇلاردىن ھېچقانداق ھەق ئالمىغانلىقىنى ئېيتقان.

خاررىي ئەر-خوتۇننىڭ مالىيە مۇستەقىللىقىغا بولغان ئىنتىلىشىغا قارىتا، ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىسى مۇتەخەسسىس مارك مۇنداق دېدى: «كېيىن، ئۇلار نۇتۇق سۆزلەش ياكى داڭلىق ماركا ئەلچىلىرىنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ، بۇ بىر مىليارد فوندستېرلىڭ (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن توققۇز مىليارد يۈەن) لىق ھەمكارلىققا باراۋەر.»

ئەمما بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشى خان جەمەتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى، ئۇلار بۇنىڭ خان جەمەتىنىڭ ماركىسىغا داغ تەگكۈزۈشىدىن ئەنسىرىدى. گولدمان سىچېس بىلەن مورگان ئىلگىرى نەچچە مىڭ ناچار رەنىلىك قەرز ئالغان ئۆي ئىگىسىدىن، كەڭ كۆلەمدە قەرز ئالغان دەپ ئەيىبلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر يىلى نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرىمگە ئېرىشكەن. بۇككىنخام ئوردىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «بىز شاھزادە ياكى كىنەز خانىمىنىڭ شەخسىي سەپىرىگە باھا بەرمەيمىز.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شاھزادە خاررىنىڭ بانكا ماگناتى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى» نىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شاھزادە خاررى يەر شارى بانكا كەسپى ماگناتى گولدمان سىچېس گۇرۇھى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ھەمكارلىق ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇنىڭ نىشانى ئايالى مېگان بىلەن بىرلىكتە كارخانا ساھەسىدە پۇل تېپىپ، مالىيە مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.