ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاپتوموبىل ئالدى ئەينىكىدىكى قارا چېكىتلەرنىڭ رولىنى بىلەمسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 15:12

ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاشتى، تۇرمۇش سۈپىتىدىمۇ ماھىيەتلىك ھالقىش بولدى، ئاپتوموبىل كۈندىلىك سەپەرگە چىقىشتىكى مۇھىم قاتناش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىردى، ھەتتا نۇرغۇن چەت، يىراق يېزا-كەنتلەردىكى كىشىلەرمۇ ئۆزىگە تەۋە شەخسىي ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالماقتا.

ئاپتوموبىل ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر مۇرەككەپ قاتناش قورالى، ئىچكى قىسمى مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن زاپچاسلاردىن تۈزۈلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلگەن ئىلغار پەن-تېخنىكىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. كۆپ قىسىم ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلغا قوللىنىلغان بەزى ئىلغار پەن-تېخنىكىلارنى چۈشەنمەيدۇ، بىراق بۇ ئىقتىدارلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە راھەت ھەيدەش تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.

ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىلدىكى ئالدى شامال توسۇش ئەينەك ئۆپچۈرىسدىكى قارا بەلباغ ۋە بىر قاتار قارا چېكىتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بۇ قارا بەلباغ ۋە قارا چېكىتلەرنىڭ قانداق رولى بار؟ بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى مۇنداق دەپ قارىغان: «بۇ ئاپتوموبىلنىڭ بىر خىل زىننەت بۇيۇمى، چۈنكى ئۇنىڭ تىزىلىشى ئىنتايىن رەتلىك، يەنە كىشىنى ناھايىتى زوقلاندۇرىدۇ.» بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.

بۇ قارا بەلباغ ۋە قارا چېكىتلەرنىڭ ھەقىقىي رولى بولسا ئاپتوموبىل ئەينىكىنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشىنى تەكشىلەشتۇر. چۈنكى، ئاپتوموبىل بەزىدە قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈشىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ قارا چېكىتلەر ئىسسىقلىق سۈمۈرۈپ، ئەينەك ئەتراپىنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشىنىڭ تەكشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلايدۇ، يەنە كېلىپ بۇ خىل لايىھە ئارقىلىق بىر قىسىم قۇياش نۇرىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، شوپۇرلارنى يان تەرەپتىكى كۈچلۈك نۇرلارنىڭ يورۇتۇشىدىن ساقلاپ قالالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاپتوموبىل ئالدى ئەينىكىدىكى قارا چېكىتلەرنىڭ رولىنى بىلەمسىز؟

ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاشتى،