ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋىيېتناملىق 97 ياشلىق موماي ئامما ئۈچۈن ھەقسىز ماسكا تىكىپ بەردى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 08:56

ئۆتكەن ئىككى ئايدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى پۈتۈن دۇنيا خەلقى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، چولپانلار، كارخانىچىلاردىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارغىچە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىغا تۆھپە قوشتى. بىزنىڭ ماقالىمىزدە سۆزلەنمەكچى بولغان بۇ مومايمۇ شۇنداق، ئۇ 100 ياشقا كىرەي دەپ قالغان بولسىمۇ، ئامما ئۈچۈن ماسكا تىكىپ، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.  

ۋىيېتنام ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ موماينىڭ ئىسمى نىگوتى بولۇپ، بۇ يىل 97 ياشقا كىرگەن، ۋىيېتنام خۇجىمىڭ شەھىرىدىكى كونا شەھەر ۋىلايىتىدە ياشايدىكەن. يېقىندا 97 ياشقا كىرگەن بۇ موماي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 1000 دانە ماسكا تىكىپ، تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، چۈنكى موماي 100 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك كۈچىنى چىقىرىپ، ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم قىلماقچى بولغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نىگوتى 21 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىسىمدىكى ئەسكەرلەرگە يېمەكلىك ۋە دورا تارقىتىپ بەرگەن. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇمۇ بىكار ئولتۇرماي، ياشانغانلار جەمئىيىتى ۋە ئاياللار ئىتتىپاقى قاتارلىق خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەزگىلىدە موماي ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولغان، شۇڭا ئۇ ئاياللار بىرلەشمىسىگە ماسكا تىكىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇنىڭ تەكلىپى ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلىنغان، بىرلەشمىدىكى كۆپلىگەن ئەزالار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ماسكا تىكىش ئەترىتىگە قوشۇلغان، ھازىر 50 نەچچە ئادەم توپلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك پىلانى ئالدى بىلەن 1000 ماسكا تىكىپ پۈتتۈرۈش ئىكەن.

گەرچە نىگوتى 100 ياشقا كىرەي دەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆزى تورلاشمايدىكەن، قولى تىترىمەيدىكەن، 30 مىنۇتتىلا بىر ماسكا تىكىپ بولالايدىكەن. نىگوتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ماسكىنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنى يۇيۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىدىكەن، ئاندىن تاغلىق رايونغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن، ئۇ ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بەك نامرات ئىكەنلىكىنى، ماسكا تاقىمايدىغانلىقىنى، ماسكا سېتىۋالالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىكەن.

بىرلەشمىدىكىلەرنىڭ نىگوتىغا ئىچى ئاغرىپ، خىزمەت قىلماي بىردەم ئارام ئېلىۋالسۇن، دەپ ئويلىغان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ زېھنىي كۈچى بولسىلا، ھەرىكەت قىلالايدىغان بولسىلا، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تورداشلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، بەزى تورداشلار مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن قالتىس موماي ئىكەن، ياشىنىپ قالغان تۇرۇپ يەنە باشقىلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەتتا ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپتۇ، ئۇنىڭ بۇ روھى كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدىكەن.»

يەنە بەزى تورداشلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە رەخت ماسكا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئانچە كارغا كەلمىسىمۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن موماينىڭ كۆڭلى، يەنە كېلىپ ماسكا سېتىۋالالمايدىغان، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يېتەرلىك بولدى. دەرۋەقە، بىز مەيلى قايسى دۆلەتتە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۆز دۆلىتىمىزدىن مىننەتدار بولۇشىمىز، دۆلەت قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋىيېتناملىق 97 ياشلىق موماي ئامما ئۈچۈن ھەقسىز ماسكا تىكىپ بەردى

ئۆتكەن ئىككى ئايدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى پۈتۈن دۇنيا خەلقى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، چولپانلار، كارخانىچىلاردىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارغىچە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىغا تۆھپە قوشتى.