ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيەلىك 19 ياشلىق قىز يۇقۇمنىڭ بېسىمىغا چىدىماي ئۆلۈۋالدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-26 09:14

«قۇياش گېزىتى» نىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامرىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيەلىك 19 ياشلىق ئەيمىلى ئوۋېن ئىسىملىك بىر قىز ئىزچىل ئۆيدىن چىقماي ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان. ئۇ ئۆيدىن چىقالماسلىقتىن ۋە كەلگۈسىدىن قورقۇش سەۋەبىدىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈۋېلىشنى تاللىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئەيمىلى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئەيمىلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قاتتىق قايغۇرغان ھالدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كەڭ تارقالغان مەزگىلدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئايرىۋېتىلگەن روھىي ساغلاملىق مەسىلىسى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوللىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەيمىلى ئۆلۈۋېلىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تۇغقانلىرىغا: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەڭ تارقالغان مەزگىلدە ئۆلۈۋالغان ئادەم سانى يۇقۇم سەۋەبى بىلەن قازا قىلغان ئادەمدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.» دېگەن.

ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيمىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كەڭ تارقالغان مەزگىلدە، ئۆيدە ئولتۇرۇپ، سىرتقا چىقماسلىقنىڭ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەيمىلىنىڭ نائېنىق ۋەھىمىسىنىڭ ئۇنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويغانلىقىدىن گۇمانلانغان.



21 ياشلىق ئايال موناخ ئاننابېل ئوۋېن توردا مۇنداق دېگەن: «ئەيمىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن بەك ئەنسىرىگەن، لېكىن ئۆيدە ئايرىش ۋە نائېنىق ۋەھىمىنىڭ روھىي ساغلاملىققا بولغان تەسىرىدىن تېخىمۇ ئەنسىرىگەن.»

ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەيمىلى ئىنتايىن تالانتلىق ئىكەن، بىر ئىشلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى بار ئىكەن، ئۇ 12 يېشىدىلا ئەزا تەقدىم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىكەن.

«نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەيمىلى ئىنتايىن يۇمۇرستىك، زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، خۇشال قىز، لېكىن پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئۇنىڭ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى بىلىدۇ. ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭ تۆت يىل ئىلگىرى، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇ ھەر كۈنى قاتتىق ئازابلىناتتى. ئۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇ ئىشنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى، لېكىن ھازىر ئۇ كېتىپ قالدى، بىز كىشىلەرگە ئۇنىڭ قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى.»

ئەيمىلى خىزمەت قىلىدىغان قاۋاقخانا ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدا بىر پارچە خەت ئېلان قىلغان: «بىز ناھايىتى ئازابلاندۇق، بىز ئەمدى ئۇنىڭ كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدىغان بولدۇق، ئۇ بىزنىڭ ئەترەتنىڭ مۇھىم ئەزاسى ئىدى، بىز ئۇنى بەك سېغىنىمىز.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنگلىيەلىك 19 ياشلىق قىز يۇقۇمنىڭ بېسىمىغا چىدىماي ئۆلۈۋالدى

«قۇياش گېزىتى» نىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامرىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيەلىك 19 ياشلىق ئەيمىلى ئوۋېن ئىسىملىك بىر قىز ئىزچىل ئۆيدىن چىقماي ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان. ئۇ ئۆيدىن چىقالماسلىقتىن ۋە كەلگۈسىدىن قورقۇش سەۋەبىدىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈۋېلىشنى تاللىغان.